جازا لاگېرلىرىغا قارشى پائالىيەت قىلىۋاتقان ياشلار TV5 قانىلىدا سۆھبەتتە بولدى

يىقىندىن بىرى ئىستانبۇلدا ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ، ئىختىيارى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئەنقەرەدىن قايتۇرۇۋىتىلگەن، يوللاردا نامايىش قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بولسىمۇ ھەر كۈنى دىگۈدەك ھەر خىل نامايىش شەكلى بىلەن مىللەت يولىدا داۋا قىلىۋاتقان تۈركىيەدىكى ئوتيۈرەك ياشلار ھەممىگە تونۇشلۇق بولسا كىرەك.

ئامىنە ۋايىت (سەدەف)
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2020-09-30

 

يىقىندىن بىرى ئىستانبۇلدا ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ، ئىختىيارى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئەنقەرەدىن قايتۇرۇۋىتىلگەن، يوللاردا نامايىش قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بولسىمۇ ھەر كۈنى دىگۈدەك ھەر خىل نامايىش شەكلى بىلەن مىللەت يولىدا داۋا قىلىۋاتقان تۈركىيەدىكى ئوتيۈرەك ياشلار ھەممىگە تونۇشلۇق بولسا كىرەك.

 

ئىستانبۇلدا ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى پائالىيەت قىلىۋاتقان، ئائىلىسى خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بىر تۈركۈم ياشلار 28- سىنتەبىر TV5 قانىلىنىڭ «سۆز مەيدانى» پروگراممىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ناھايىتى جانلىق بىر شەكىلدە  ئاڭلاتتى.

 

بۇ قېتىمقى پروگراممىغا ئ‍ۇرۇق-تۇغقانلىرى جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلاردىن مەدىنە نازىمى، ئۆمەر ھەمدۇل ۋە جەۋلان شىرمۇھەممەتلەر قاتناشقان بولۇپ، مەدىنە نازىمى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان سىڭلىسى مەۋلۈدەنىڭ تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كېتىپ، لاگېرغا قامالغانلىقىنى، كېيىن 15 يىللىق تۈرمە جازاسى بېرىلىپ ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىللە تۈركىيەنى ئۆز پۇقرالىرىغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلدى.

 

ئۆمەر ھەمدۇل بولسا خىتاي جازا لاگېرىدا ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى بىلمەيدىغان ئاكىسىنىڭ ئەسلىدە بىر كارخانىچى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە تەرەپ بىلەن ئەنقەرەنىڭ قىزىلچاھامام دېگەن يېرىدە 100 مىليون دوللارلىق بىر سودا كېلىشىمنى تۈزۈپ، بەش مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ ئىش باشلىنىپ بولغاندا، ۋەتەنگە قايتقان ئاكىلىرىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، بۇ سودا كېلىشىمىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭمۇ خەۋىرى بارلىقىنى دېيىش بىلەن تۈركىيەنىڭ دېپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئۆز پۇقرالىرىغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

 

جەۋلان شىرمۇھەممەت جازا لاگېردىكى ئاپىسى ھەققىدە  توختىلىپ، ئاپىسىنىڭ پىنسىيىگە چىققان دۆلەت مەمۇرى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى «تەربىيەلەش مەكتىپى» دېيىشىنڭ ھېچ قانداق ئاساسى يوقلىقىنى، ئاپىسىغا ئوخشاش يۇقىرى مەلۇماتلىق نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ يەردە مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرلىۋاتقانلىقىنى، خىتايدىن تۈركىيەگە كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ئەركىن كېلىپ-كېتىۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ «تېرورىست »دەپ قارىلىپ تۈرمە، لاگېرلارغا قامىلىشىنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ «تېرورىست دۆلەت» دەپ تەشۋىق قىلىنىشىنىڭ  تۈركىيەگە نىسبەتەن ھاقارەت ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئاۋاز چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

 

پروگراممىغا قاتناشقان ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى مىسال قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوقۇتۇپ تەربىيىلەۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت يالغانچىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ بەردى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

سۇدۇننىسا ھاجىم: «ۋەتىنىمىز بىز ئۈچۈن تۈرمىگە ئايلاندى»

پە ئۆكتەبىر 1 , 2020
ئىلاۋە: مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسى ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىن ئەردەم ئەسلىدە ب ب س مۇخبىرلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان بولۇپ، بۈگۈن ئۇ خەۋەر ئىلان قىلىندى. زىيارەت خاتىرىسى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق سۇدۇننىسا ھاجىمنىڭ تەھقىقلىشىدىن ئ‍ۆتكەن بولۇپ، بۇ خەۋەرنىڭ ئىشلىنىشىدە سۇدۇننىسا ھاجىم ئاساسلىق شاھىد قاتارىدا ئالاھىدە ئورنى بار. مەزكۇر زىيارەتنامە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىتىشى ئۈچۈن جامائەتكە سۇنۇلدى.

You May Like