تۈركىيە،ختتاي،روسيە ئامېرىكىغا قارشى دىكتاتۇر ۋىنسۇئىلانى قوللىدى.
ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى
ئامېرىكا پىرزدىنتى دونالد تىرامپ لاتىن ئامېرىكا دۆلىتى ۋىنسۇ ئىلادا ئىلىپ بىرىلغان ئادالەتسز سايلامدىن كىين بۇ دۆلەتنىڭ ھازىرقى دىكتاتۇر ھۆكۇمرانى نىكولاس مادۇروغا قارشى ھالدا ئۆكتىچى پارتىيە نامزاتى گۇۋادۇنى خەلق سايلاپ چىققان قانۇنلۇق پىرزدىنت دەپ قوللايدىغانلىقىنى ئىلان قىلغانىدى،شۇنىڭ بىلەن ۋىنسۇئىلا دىكتاتۇرى مادۇرو بايانات ئىلان قىلىپ،ئامېرىكا دىپلوماتلىرى بۇ دۆلەتتىن 72 سائەتكىچە چېكىنىشى كىرەك ،بارلىق دىپلوماتىيك مۇناسۋەتلىرىمىزنى ئۇزىمىز دىدى.
پايتەخت كاراكاس شەھىرىدە يۇز مىڭلىغان ئامما كوچىلارغا چېقىپ نامايىش قىلىپ،گۇۋادونى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۇردى.ھازىرقى پىرزدىنىت دىكتاتۇر مادۇرونىڭ تەختتىن چۇشىشنى تەلەپ قىلدى ۋە سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان دەپ ئەيىپلىدى.گۇۋادۇ دۇشەنبە كۇنى كەچتە ئۆزىنى ھەقىقى قانۇنلۇق پىرىزدىنىت دەپ جاكارلىغانىدى.ھازىرغىچە ئارگىنتىنا،بىرازىلىيە،كانادا،ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆكتىچى پارتىيە نامزاتى گۇۋادۇنىڭ پىرزدىنتىلىقىنى ئىتىراپ قىلىپ بايانات بەردى.
تۈركىيە پىرزدىنتى ئەردوغاننىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا،ئەردوغان مادۇروغا تىلفۇن قىلىپ:«بىز سز بىلەن بىللە،بۇرادىرىم مادۇرو،كۇچلۇك تۇرۇڭ،بىز سز تەرەپتە تۇرىمىز،دىموكراتىيەگە ئشنىدىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ نەرىدە بولسۇن،سياسى ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇىشمىز كىرەك».تۈركىيە دىپلوماتىيە منستىرى مۇنداق دىگەن:«تۈركىيە ۋىنسۇئىلانى ،ۋىنسۇئىلانىڭ پىرزدىنتى مادۇرونى قوللايدۇ».
روسيە مۇنداق دىگەن:ئامېرىكا ھەرگىز ۋىنسۇئىلاغا ھەربى مۇداخىلە قىلماسلىقى كىرەك،بۇ بىر قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مادۇرو دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق رەئىسى.تاشقى ئشلار باياناتچىسى مارىيا زاكوروۋا گۇۋادونى قوللىغان دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلغان.
ختتاي دۆلىتىمۇ مادۇرونى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن،ختتاي باشتىن-ئاخىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسپدا چىڭ تۇرىدۇ.ۋىنسۇئىلانىڭ ئشلىرىغا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ.بىيجىڭ «ۋىنسۇئىلا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى،ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇقىملىقى ئۇچۇن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ»
ئۆكيتىچى،ئۆزىنى پىرزدىنت دەپ ئىلان قىلغۇچى گۇۋادۇ
ئەلجەزىرەنىڭ ئىنگىلىزچە خەۋەر ئاستىغا يىزىلغان ئىنكاسلار ئىچىدە كۆزەتكۇچىلەر مۇنداق قارىماقتا:ۋىنسۇئىلانىڭ نۆۋەتتىكى پىرىزدىنتى ئوچۇق دىكتاتۇر بولۇپ،سايلامنىڭ ئادىل ،ئاشكارا ئىلىپ بىرىلىشغا توسقۇنلۇق قىلغان،باشقا پارتىيە نامزاتلىرىغا تىلىۋىزيە تەشۋىقاتىدىن پايدىلىنىشقا يول قويمىغان،نامزاتلارنى ۋە قوللىغۇچىلارنى تۇتقان،بۇنداق دىكاتۇرنى قاراپ تۇرۇپ قوللاش -نومۇسسزلىق،تۇركىيە ،ختاي،روسيە سپى ئۆزىدىن دىكتاتۇر ۋە ئاخبارات كونتىرۇل قىلىنىدىغان،بىر پارتىيە ئۇزۇندىن بىرى ھۆكۇمرانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ،ئەگەر ۋىنسۇئىلانىڭ پىرزدىنتى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىششى بىلەن ئالماشتۇرۇلسا،بۇ دىكتاتۇرلار ئوخشاش كۇننىڭ ئۆز بىشىغا كىلىشدىن قورقىدۇ.دىكتاتۇرلار پەقەت دىكتاتۇرلارنىلا قوللايدۇ دىمەكتە.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىۋى ئانتونىئو گۇتيتىرس ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋىلىشقا،ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىدىن ساقلىنىشقا،دىئالوگ ئىلىپ بىرىشقا چاقىردى.