تۈركىيەنىڭ ختاي باش ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى

تۈركىيەنىڭ خىتاي باش ئەلچىسى ئابدۇقادىر ئەمىن ئۆنۇن 16- يانۋار تۈركىيە تاراتقۇلىرىغا بەرگەن زىيارىتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇپراق پۈتۈنلۈكى ۋە «بىر خىتاي سياسىتى» پرىنسپىنى بىز قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە بارلىق ۋاستىلار بىلەن كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتى بىلەن مۇناسۋىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇششنى ئارزۇ قىلىمىز.

تۈركىيەنىڭ ختاي باش ئەلچىسى: ئۇيغۇرلاردىن خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش پرىنسپىمىزغا تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

تۇرغۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 18- يانۋار

 

تۈركىيەنىڭ خىتاي باش ئەلچىسى ئابدۇقادىر ئەمىن ئۆنۇن 16- يانۋار تۈركىيە تاراتقۇلىرىغا بەرگەن زىيارىتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇپراق پۈتۈنلۈكى ۋە «بىر خىتاي سياسىتى» پرىنسپىنى بىز قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە بارلىق ۋاستىلار بىلەن كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتى بىلەن مۇناسۋىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇششنى ئارزۇ قىلىمىز.

 

تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى تەبرىكلىنىش ئالدىدا، تۈركىيە-خىتاي ھەمكارلىقىدا ئىككى تارىخى بۆسۈش يۈز بەردى: تۈركىيەدىن خىتايغا ماڭىدىغان يۈك پويىزى شىئەنگە يېتىپ كەلدى، ئىككى دۆلەت سودا ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بۇنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 

كورونا خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى تۈركىيە دۆلەت باشلىقى ئەردوغان ئەپەندىم باش بولۇپ ئەملەپ، تۈركىيە دۆلەت تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلدى. بۇ خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئوبرازى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تۆھپە بولۇپ، غەرب دۇنياسى خىتاينى «ۋىرۇس تارقاتتى» دەپ ئەيىپلىگەن مەزگىلىدە، خىتاينىڭ ۋىرۇسنى ماختاش – خىتاي ئۈچۈن دۇنياۋىي شۆھرەت ۋە ئۇتۇق قازاندۇرماقتا.

 

تۈركىيە باش ئەلچىسى يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشەلمىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىگە خەلقئارالىق قانۇن يوللىرى ۋە دىپلوماتىك قاناللار بىلەن دىققەت قىلىۋاتىمىز. تېمىغا ئالاقىدار دىققىتىمىزنى ۋە ئارزۇيىمىزنى خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرىگە يەتكۈزىمىز.

 

تۈركىيە باش ئەلچسنىڭ ئۇيغۇرلاردىن خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشى بىر قىسىم تۈرك زىيالىلىرىنىڭ غەزىۋىنى قوزغىدى. تۈرك زىيالىسى يۇجەل تاناي بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «سەن ئۇيغۇرلاردىن ئۆزۈڭنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زېمىنى شەرقىي تۈركىستاننى بېسۋالغان خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش تەلەپ قىلىۋاتامسەن؟

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خەمىت دولان: ئامېرىكا ئارمىيىسنى قوللاش - ئامېرىكا دۆلىتى ۋە ئامېرىكا خەلقىنى قوللاش دېمەكتۇر

سە يانۋار 19 , 2021
پايتەخت ۋاشىنگتونغا جايلاشقان دولان ئۇيغۇر رېستورانى دىرېكتورى خەمىت كەرىم ئەپەندى 18- يانۋار كەچتە دوستلىرىنىڭ مەسلىھەتى، دولان شىركىتىنىڭ قارارى، ئامېرىكا مۇھاپىزەتچى ئارمىيىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى قوغداۋاتقان دۆلەت مۇھاپىزەتچى قىسمىغا دولان رېستورانىنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ئەللىك كىشىلىك قازان كاۋاپ، پولو ۋە سالات قاتارلىق تائاملارنى ئېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئامېرىكا دۆلىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

You May Like