تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلدى

تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلدى

 تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلدى

ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى4-دېكابىر

24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بىرى جىمجىت بولۇپ قالغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.Hürriyet,  Akit ,   , Milliyet, TGRT, N TV,  Yeni çağ, Dünya, Vanpostasi,  Haber 7.com قاتارلىق 15 دىن كۆپ گېزىت، Sözler köşesi قاتارلىق بىر قانچىلىغان  داڭلىق يۇتۇب قاناللىرى شۇنداقلا تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيەسى TRT, Ulusal TV قاتارلىق قاناللار   خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان كارانتىن نامىدىكى ئۆيگە سولاپ ئاچ قويۇپ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى،  ئوت ئاپىتىدە جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى ئېلىنمىغانلىقى، ئىشىكلەرنى سىرتتىن تاقىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئاپەتتە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم خەۋەر ۋە بۇ ھەقتىكى ئانالىزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ خىتايدىن بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى ھەققىدە ئىزاھات تەلەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى.

بۇ ۋەقەدىن كىيىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خەلق ھەرىكىتى نامىدا ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ، سارى يەرگە جايلاشقان خىتاي كونسۇلى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك بىر قانچە كۈنگە سوزۇلغان نامايىشلارنى ئېلىپ باردى. 

25-نويابىر كېچىدە غەزەپلەنگەن ئۇيغۇرلار سۇلتان ئەخمەت مەيدانىغا يىغىلىپ تاكى تاڭ ئاتقۇچە نامايىش قىلىپ خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرىتى ۋە نارازىلىقىنى بىلدۈردى . 30-نويابىر يېرىم كېچىدە، ئۇيغۇر ياشلار گۇرۇپپىسى ۋە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر جامائىتى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى گۇرۇپپىسى ۋە ئېلى مەشرەپ ۋەخپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلدى. ئۇلار تۈرك ساقچىلىرىنىڭ قوپاللىق ۋە تەھدىت بىلەن ھەيدەشلىرىگە پىسەنت قىلماي، دادىللىق بىلەن تىك تۇرۇپ خىتايدىن ھېساب سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەقەدە ئىككى تەرەپنىڭ تارتىشىشلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا كەڭ تارقىلىپ، ئىستانبۇل ۋالىيلىقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قەدەر تەسىرىنى كۆرسەتتى. شۇ كۈنىدىكى تۈركىيە تۋىتتېر دۇنياسىدا «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزلۈك بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى. 

26-نويابىر شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئورۇنلاشتۇردى. نامايىشقا ئىستانبۇلدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاممىسى ۋە بىر قىسىم تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكلىرى قاتناشتى. 

2-دېكابىر تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى تەشكىلاتىIHH نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قاتنىشىشىدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا، ئوت ئاپىتىدە تۆت بالىسى بىلەن بىرلىكتە  شېھىت بولغان قەمەرنىسا ئابدۇراخماننىڭ ئوغلى ۋە قىزى ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەنى ئاڭلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئالتە يىل مابەينىدىكى ئېچىنىشلىق ھايات تراگېدىيەسىنى ئاڭلىتىپ ئۆتتى.  

29، 30-نويابىر كۈنلىرى ۋە 1-دېكابىر كۈنى ئۇدا ئۈچ كۈن ئىزچىل داۋاملاشقان خەلق ھەرىكىتى نامايىشىغا  ئىلى مەشرەپ ۋەخپى، لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى گۇرۇپپىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيەسى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ ئىزچىل  كېلىپ قاتناشتى.

30-نويابىر كەچتە يەنە بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ۋە  خىتاي ياشلىرى «بەي ئوغلى گالاتا ساراي سائەت قەلئەسى» مەيدانىدا يىغىلىپ، ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. 

3- دېكابىر قارابۈك شەھىرىدە « شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىق» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۈگۈن يەنى 4-دېكابىر سەھەر بامدات ناماز ۋاقتىدا ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرى تەشكىلاتى ياشلار گۇرۇپپىسى، يېڭى نەسىل ياشلار گۇرۇپپىسى ۋە ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە فاتىھ جامىدە توپلىشىپ ئىبادەت قىلىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى. 

4- دېكابىر كۈنى يەنە 35 تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتى ۋە دەرنەكلەر، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى،  شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيەسى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلات، دەرنەكلىرى ۋە مىڭلىغان خەلق ئاممىسى بىرلىكتە خىتاي كونسۇلى ئالدىدا چوڭ كۆلەمدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ۋە نامايىش ئېلىپ باردى. كەچتە يەنە يۈزلىگەن تۈرك خەلقى خىتاي كونسۇلى ئالدىغا يىغىلىپ  خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكتىن ئاشقان قىيناش ۋە ئۆلتۈرۈش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى .

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

سە دېكابىر 6 , 2022
ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

You May Like