تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى

12- نويابىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىلمۇ – خىل ئۇسۇللار بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى قۇتلۇقلىدى. نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ دەرىزىللىرىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىلدى. بالىلار بايراملىق كىيىملىرىنى كېيىپ، ئىستىقلال مارشىنى ئېيتتى

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 13- نويابىر

 

12- نويابىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىلمۇ – خىل ئۇسۇللار بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى قۇتلۇقلىدى. نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ دەرىزىللىرىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىلدى. بالىلار بايراملىق كىيىملىرىنى كېيىپ، ئىستىقلال مارشىنى ئېيتتى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇ يىلقى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن  يىللاردىكىدەك شېھىتلەر كىچىسى ئۆتكۈزەلمىگەن بولسىمۇ، تور يىغىنى ئارقىلىق خەلقىمىزگە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى ۋە ئەھمىيىتىنى، شۇنداقلا ئىككى جۇمھۇرىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تارىخىي شەخىسلەرنى تۇنۇشتۇردى.

 


شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندى ئىستانبولنىڭ زەيتۇن بۇرۇنۇ رايۇندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش، بىرلىك، باراۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا يۇرتلار بىرلىكى رەئىسى مەھمۇتجان داموللا، ھېبىبۇللا كۈسەنى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىتتىپاقلاشما دەرنىكى باشلىقى ئەلى ئەكبەر داموللا ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

 


بۇ كۈندە يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىمۇ خاتىرىلەش پائالىيىتى قىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھېدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىن ۋەخپى باشلىقى ئۆمەر قۇل ۋە بىر قىسىم تۈرك تەشكىلات، دەرنەك، ۋەخپە مەسئۇللىرى قاتناشتى.

 

ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم پائالىيەتچى خانىملار زەيتۇن بۇرنۇدىكى سۈرگۈندى ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا يىغىلىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

 

ئوخشاش بىر كۈندە يەنە بۇرسادىمۇ تۈرلۈك ئۇسۇللاردا جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرلەندى.

 


بۇرسا ئۇلۇغ تاغ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۇستازى، بۇرسا ئۇلۇغ تاغ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، ئۇيغۇر داۋاسىغان ئۇزاقتىن بىرى ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇۋاتقان، تۈرك پائالىيەتچى ئەردەم ئۆز دەمىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى قۇتلۇقلاش، ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. كېچىلىككە ئۇلۇغ داغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى قاتناشتى. كېچىكلىكتە باشتىن ئاخىر ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكىلىرى ئورۇندالدى.

 

ئوخشاش بىر كۈندە يەنە بۇرسا بىرلىك ۋەخپىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا يېقىندىن  كۆڭۈل بۆلىۋاتقان تۈركلەر ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرۇددىن ئىزباسار ئەپەندىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە ياشلارغا جۇمھۇرىيەت كۈنىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تارىخىي تېمىلارنى سۆزلەپ بەردى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

گۈلباھار جېلىل «ھاياتقا تۆھپە قوشقان ئاياللار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

شە نويابىر 14 , 2020
مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ سائادەت پارتىيەسى مەركىزىي يېغىن زالىدا «ھاياتقا تۆھپە قوشقان ئاياللار» مۇكاپاتى تارقىتىلدى. بۇ يىلقى مۇكاپاتنى خىتاي لاگېرىدا يېتىپ چىققان ئۇيغۇر لاگېر شاھىدى گۈلباھار جېلىل ھەدىمىز ئالغان بولۇپ، گۈلباھار جېلىل ھەدىمىز تۈركىيەدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئوغلى تاپشۇرۇپ ئالدى.

You May Like