تۈركىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا گېرمانىيەنى تاللىدى، خىتاي 35 مىليارد يوورو سودىدىن قۇرۇق قالدى

تۈركىيە تۆمۈر يول ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۈمۈر يولنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن 35 مىليارد يوۋرو مەبلەغ سېلىپ يېڭى پويىز قاتالىقلارنى سېتىۋالماقچى بولغان. گوروھى باشچىلىقىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

تۈركىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا گېرمانىيەنى تاللىدى، خىتاي 35 مىليارد يوورو سودىدىن قۇرۇق قالدى

土耳其高铁选了德国 中共丢了350亿欧元大单

 

 

2018- يىل 12- سېنتەبىر

تەرجىمە قىلغۇچى: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

  تۈركىيە تۆمۈر يول ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۈمۈر يولنى  زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن 35 مىليارد يوۋرو  مەبلەغ سېلىپ يېڭى پويىز  قاتالىقلارنى سېتىۋالماقچى بولغان. ئەمما خىتاي بىلەن بولغان كېلىشىمدا يارىشالماي، گېرمانىيەنىڭ سىمېنس (siemens) گوروھى باشچىلىقىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.   «گېرمانىيە ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە خىتاي بىلەن توختامدا كېلىشەلمىگەندىن كېيىنلا، 3 ئاينىڭ ئالدىدىلا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە ئەھۋالنى ئېيتقان ھەم شۇنىڭدىن باشلاپلا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا نەچچە قېتىم مەخپى يىغىن ئېچىلغان. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئانالىزقىلىشىچە، ئەگەر تۈركىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق زور كۆلەمدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويسا تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ تېخمۇ پاساتلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.   گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى توماس بارىس 9-ئاينىڭ ئاخرلىرىدا تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىپ مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى مۇزاكىرلىشىدۇ. تۈركىيە تەرەپ گېرمانىيەنىڭ قۇرلۇشقا قاتنىشىدىغان شىركەتلەرگە تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تېخى تۈركىيەنىڭ تەلىپىنى رەسمى قۇبۇل قىلمىغان، لېكىن تۈركىيەنىڭ ئىقتىسدىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەن.   گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى ۋە سىمىنس گوروھى بۇ توغۇرلۇق تېخمۇ كۆپ مەلۇمات بېرىشنى خالىمىغان. ئەمما، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4-ئايدىلا سىمىنس گوروھى بىلەن ئومۇمى سوممىسى 340 مىليون  يوۋرو قىممىتىدىكى يۇقرى سۈرئەتلىك پويىزدىن ئوننى سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان.   مەنبە: http://www.china5000.us/?p=113041  

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئۇيغۇر شەھەرلىرى «ئۇيغۇرسز شەھەرلەر» گە ئايلانماقتا!

پە سېنتەبىر 13 , 2018
يېقىندا ۋاتس ئاپتا تارقالغان ،ئۈرۈمچى شەھىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىر ۋىدىئودا ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنمىگەنلىكى كىشلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرماقتا.

You May Like