تۈركىيە ياخشى پارتىيسى باشلىقى ئۇيغۇر مەسلىسى سەۋەپلىك ئەردوغاننى تەنقىد قىلدى

 

  تۈركىيە ياخشى پارتىيسى ( يەنى ئىيى پارتىيەسى) باش مۇدىرى مەرال  ئاكشەنەر گۇرۇپپا يېغىنىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقى تۈركستان تۈركلىرى دۇچ كىلىۋاتقان ،ختتاينىڭ زۇلۇمى ھەققىدە سۆز قىلدى

ھۈكۈمەتنىڭ سۇكۇتتە تۇرىۋىلىشنىڭ  يەنە بىر ئالامىتى- قەدىم تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركستان . شەرقىي تۈركستان مەسىلىسى مىللەتنىڭ دىلىدىكى بۈيۈك بىر يارادۇر.ئىيى پارتيدىن باشقا ھىچكىمدىن بىر سەس ـ سادا يوق.مىليۇنلىغان تۈرك يىغۋېلىش لاگىرىغا قاملىۋاتسا ئەردوغاندىن سەس يوق. ئاتا يۇرتى شەرقىي تۈركىستان خىتتايلاشتۇرلۇۋاتسا ئۆزىنى كىشلىك ھوقۇقنىڭ چىمپيۇنى ( بايراقدارى) دەپ ئىلان قىلغان ج ھ پ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسدىن دىن سەس-ئاۋاز يوق. ئەردوغاننىڭ كاناي مىدياسى- شەرقىي تۈركستاننى خىتتاي ئاغزى بىلەن شىنجاڭ دىيشنى داۋام قىلۋاتىدۇ . سۇمالى ۋە سۈرىيە ئۈچۈن قوشاق قېتىپ ھازا ئاچقان ئەردوغان شەرقىي تۈركستان مەسلىسىگە كەلگەندە جىمجىت. ھۆرمەتلىك ئەردوغان ، خىتايدىن كىلدىغان ئاشۇ ئۈچ تەڭگە قەرز ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۋاتامسەن؟ خىتاي بىلەن نىمنىڭ تىجارىتىنى ،.قىلىدىڭ؟ قانداق ۋەدىلەرنى بەردىڭ؟ خىتاينىڭ شايى يىپەكلىرىگە ئالداندىڭمۇ ؟ شەرقىي تۈركستان قەدىم تۈرك يۇرتىدۇر، شەرقىي تۈركستان ساتۇق بۇغراخاندۇر، مەھمۇد قەشقىرىدۇر، ئوسمان باتۇردۇر، بارات ھاجىدۇر. شەرقىي تۈركستان تارىخمىز ۋەشەرەپىمىزدۇر

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

بىر يۇقرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قامىغان «ئۆلۈم» لاگىرى ئۈچۈن بەرگەن بىمەنە باھانىسى

چا ئۆكتەبىر 17 , 2018
  ئاپتۇر: توم روگان ۋاشىنگىتون كۆزەتكۈچى گېزىتى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى تەرجىمان: تارىم ئۆتۈكەن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى   دىكتاتور خىتاي رىجىمى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرماقتا. خىتاي «ئۆلۈم» لاگىرىغا  سولىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ناھايتى كۆپ. خىتاي رىجىمىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى شەرمەندىلەرچە ياقلىشى ئادەمنىڭ تېخمىۇ غەززىپىنى قوزغايدۇ. سەيشەنبە كۈنى(16-ئۆكتەبىر)  بىر يۇقرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى بۇ تۈرمە لاگىرلىرىنى  «تەربىيەلەش […]

You May Like