تۈركىيە-خىتاي ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىشى مۇمكىن

2020-05-20

تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى نىشانلىشى مۇمكىن .

Nordic Monitor تورى 

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020.يىلى 19.ماي

 

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇسالام ئۇيغۇر ۋولقانىي 

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 

 

2020-05-20

 

تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى نىشانلىشى مۇمكىن .

 

تۈركىيە خىتايدىن قاچقان مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ مەنزىلى بولۇپ، كەڭ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ماكانىغا ئايلاندى. ھالبۇكى، 2017.يىلى ئىمزالانغان ھېلىھەم تۈركىيە مەجلىسىنىڭ تەستىقلىشىنى كۈتۈۋاتقان تۈركىيە-خىتاي ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى نىشانلىشى ھەمدە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تېزلىتىشى مۇمكىن. 

 

‏ Nordic Monitor ئېرىشكەن مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تېكىستىدىكى مۈجمەل ئىبارىلەر نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ ، تۈركىيە ئەزا بولغان «ياۋروپا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئەھدىنامىسى » دە بەلگىلەنگەن ئالاقىدار مېخانىزىملارغا خىلاپتۇر.

 

تۈركىيە- خىتاي ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ 2.ماددىسىنىڭ 2. تارمىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، „ئىككى تەرەپ قانۇنىنىڭ جىنايەتلەرنى ئوخشاش كاتېگورىيەگە قويۇشى ياكى ئوخشاش ئاتالغۇ بىلەن تەسۋىرلىشى مۇھىم ئەمەس “ . مەزكۇر ماددىغا ئاساسلانغاندا، جىنايەت يەنە بىر تەرەپنىڭ ئالاقىدار قانۇن دائىرىسىگە تەۋە بولمىسىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپ جىنايەتچىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلالايدۇ.

 

نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ، تۈركىيە – تۈركلەر بىلەن نۇرغۇن ئورتاق مەدەنىي ۋە تىل خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە بولغان ھەم تۈرك مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن مىللىي قېرىنداشلار دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلدى. ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۈشبۇ سىياسەتنى ئۆزگەرتىپ بىر نەچچە ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتتى. بۇندىن باشقا ؛ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىپلىشىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە ، تۈركىيە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرلىرى تۈپەيلىدىن سۈكۈت قىلدى. 

 

بۇندىن سىرت، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 10.ئايدا 23 دۆلەتنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارشى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى  توختىتىشقا چاقىرغان بىرلەشمە باياناتىغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى. 

 

ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدا ئىمزالانغان.

 

ئاق پارتىيەنىڭ مىللىيەتچى ئىتتىپاقدىشى بولغان مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ بېسىم قىلىشىدىن كېيىن ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2.ئايدا خىتاينى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا، شىنجاڭدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرىشقا مەجبۇر بولغانىدى . ھالبۇكى ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن ، 2019.يىلى 12.ئاپرىل تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىلچە ئىككىلەنمەستىن خىتاينىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى تۈركىيە مەجلىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇندى. 

 

رەئىس ئەردوغان 2017.يىلى 13.ماي بېيجىڭنى رەسمىي زىيارەت قىلىپ ،”بىر يول بىر بەلباغ ” خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ، تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بېكىر بوزداغ ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 22 ماددىلىق كېلىشىم ئىمزالاپ مەزكۇر كېلىشىم تەرتىپىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بېكىتكەنىدى . 

 

ئىككىنچى ماددىسىنىڭ 1. تارمىقىدا “كېلىشىم ئىمزالىغان ئىككى تەرەپ قانۇن بويىچە  ئەڭ ئاز بولغاندا بىر يىلدىن ئۇزۇن ياكى ئېغىر جىنايەتلەرگە نىسبەتەن جازالاش ئېلىپ بارىدۇ”دەپ بەلگىلەنگەن . ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغان ئادەمنىڭ تاپشۇرۇلۇشى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىپ ئەڭ ئاز بولغاندا 6 ئاي ئىچىدە بولۇشى كېرەك. 

 

تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە ، ئەنقەرە ئۈزلۈكسىز خۇپىيانە ھالەتتە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋاتىدۇ، نۆۋەتتە مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىيە تۈرمىسىدە قاماقلىق. مەجلىس كېلىشىمنى تەستىقلىغاندىن كېيىن ، بۇ سانلىق مەلۇمات داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىن. 

 

چۈشىنىش ئەسلەتمىسىگە ئاساسەن ، تۈرك سوتچىلىرى ۋە تەپتىشلىرى خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا خىتاينىڭ ئەدلىيە سېستىمىسى ، مەدەنىيىتى ۋە تىلى بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن تەربىيەلىنىشنى باشلىغان.  2019-يىلى 7-ئايدا ، تۈرك سوتچىلىرى ۋە تەپتىشلىرى بېيجىڭدىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس كۇرسنى تاماملىدى ، تىل كۇرسىغا قاتناشتى ۋە كۇرس جەريانىدا خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىنى ئۆگەندى.

 

ئەسلىي مەنبە:

 

https://www.nordicmonitor.com/2020/05/turkey-china-extradition-agreement-may-target-uyghur-diaspora-in-turkey/

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

گۈلچىھرە غوجا خانىم « ئاخباراتچىلىقتىكى جاسارەت» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

چا ماي 20 , 2020
ئاتاقلىق ژورنالىسىت گۈلچىھرە خانىم شەرەپ بىلەن 2020- يىللىق IWMF خەلقئارا ئاياللار ئاخبارات فوندىنىڭ «ئاخباراتچىلىقتىكى جاسارەت » مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بولۇپ تاللانغان .

You May Like