تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە كەلگۈسى (1)

خىتاي – تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى رەسمى ھالدا 1971-يىلى باشلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇناسىۋەتلەر ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتتى. ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە قانداقلا بولمىسۇن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ،سىياسىي ۋە كۈلتۈر قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر بولدى.

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ۋولقان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-16

(بۇ تەرجىمە ماقالە دەيلى ساباھ تورىغا يازغۇچى مۇھەممەت ئەلى گۈلەر تەرىپىدىن يىزىلغان يازما بولۇپ تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىنى چۈشىنشىتە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. مەزمۇنى كۆپ ۋە ئۇزۇن بولغاچقا قىسىمغا بۆلۈپ ئىلان قىلدۇق.)

خىتاي – تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى رەسمى ھالدا 1971-يىلى باشلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇناسىۋەتلەر ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتتى.  ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە قانداقلا بولمىسۇن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە بولۇپمۇ  ئىقتىسادىي ،سىياسىي ۋە كۈلتۈر قاتارلىق  جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك  ئىلگىرىلەشلەر بولدى.  سىياسى ساھەدە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تىنچلىق تەشەببۇسلىرىدا بولۇنۇشى ۋە ئۆز-ئارا زىيارەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى قاتارلىقلار بۇ خىل سىياسىي ماقۇللۇقلارنى باشقا ساھەلەرگە كېڭەيتتى.

 جۇمھۇرىيەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ تەڭ ئىمتىيازلىق رەقىبى شى جىنپىڭ ئىككىسىنىڭ ئورتاق سىياسىي پىكرى باشقا ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇردى شۇنداقلا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتتى.   شۇڭا بۇ خىل قويۇقلاشقان مۇناسىۋەت بارغانسېرى خەلقئارا مېدىيالارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ خىل مۇناسىۋەتلەرنى چۆرىدىگەن مەزمۇنلار تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدا نۇرغۇنلىغان دەتالاشلارغا سەۋەپ بولدى.

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق

شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئىقتىسادىي  مۇناسىۋەتلەردە ياخشىلىنىش بولدى. خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىسىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ تۈركىيەگە سالىدىغان مەبلىغى 2021- يىلىدا 6 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. ھازىرقى خىتاي تەرىپىدىن سېلىنغان مەبلەغ سوممىسى ھازىرنىڭ ئۆزىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مىڭلىغان خىتاي شىركەتلىرى  بىلەن قوشۇپ ھىسابلىغاندا 3 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ئەنقەرە بىلەن بىيجىڭ ئارىسىدىكى تىجارەت كۆلىمى 2018-يىلى 24 مىليارد دولارغا يەتكەن ئىدى. تۈركىيەنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرنىڭ قىممىتى 21 مىليارد دوللار بولغان بولسا، تۈركىيەنىڭ خىتايغا قىلغان ئىكسپورتىنىڭ قىممىتى ئاران 3 مىلييارد دوللار ئەتراپىدا بولغان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى بەزى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېڭىلىقلارنىڭ بولغىنى  ھەقىقەتەن كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. مەسىلەن:  خىتايدىكى «تۈركىيە يىلى»، تۈركىيەدىكى «خىتاي يىلى» شۇنداقلا  تۈركىيدە خىتاي تىلى مەركەزلىرىنىڭ ئېچىلىشى قاتارلىقلار. ئەمما خىتايدا تېخىچە تۈرك تىلى مەركەزلىرىنىڭ ئېچىلىشى كۈتۈلمەكتە. بولۇپمۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدىكى خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋىتىدە ئىجابىي كۆرسەتكۈچ بولمىغان سودىدىكى 17 مىليارد دوللارلىق تىجارەت قىزىل رەقەم ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، تۈركىيە خىتاينىڭ تۈركىيە مەنپەئەتىدە قانداق رول ئېلىشى كېرەكلىكىنى قارار قىلىشى زۆرۈردۇر. بۇنى نەزەرگە ئالغاندا، خىتاي جەزمەن تۈركىيەگە بولغان سودا قانۇنلىرىنى يۇمشىتىشى ، تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا پائالىيەت قىلشىغا يول قويۇشى ۋە يەنە تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايدا ئەركىن ئايلىنىشىغا يول قويۇشى كېرەك. ئۈچ ماگنات دۆلەت ئامېرىكا،رۇسسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىشلەر سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن  ھازىرقى خەلقئارالىق  مۇھىتنى نەزەرگە ئالغاندا، رۇسسىيە بىلەن خىتاي ھەربى قارشىلىشىشقا مۇراجەت قىلمىغان ئاساستا،  ناھايىتى ياخشى ھالدا نۆۋەتتىكى غەرپنىڭ سېستىمىسىغا، ئىدىلوگىيەسىگە ۋە قىممەت قاراشلىرىغا  قارشى ئاۋانگارتلاردىن بولالايدۇ. خىتاي ، رۇسسىيە ۋە تۈركىيە ئارىسىدىكى قايتىدىن دوستلۇشۇش ۋە چەمبىرەك شەكىللەندۈرۈش ئىھتىماللىقى، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە قارىتا تەڭسىز مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن زىرىككەن غەرپلىكلەرنىڭ كۆزىنى ئاچتى. بۇ يەنە تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى قايسى تەرەپتىن ئىزدىشىگە ۋە ئۆزىنى تېخىمۇ ئادىل باراۋەر سېستىمىدا قانداق قويۇشى قاتارلىق ئامىللارغا باغلىقتۇر. مەنبە: https://www.dailysabah.com/op-ed/2019/08/16/turkey-china-relations-and-beyond

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە كەلگۈسى (2)

جۈ ئاۋغۇست 16 , 2019
(بۇ تەرجىمە ماقالە دەيلى ساباھ تورىغا يازغۇچى مۇھەممەت ئەلى گۈلەر تەرىپىدىن يىزىلغان يازما بولۇپ تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىنى چۈشىنشىتە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. مەزمۇنى كۆپ ۋە ئۇزۇن بولغاچقا قىسىمغا بۆلۈپ ئىلان قىلدۇق.)

You May Like