تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى: خىتاينى يىغىۋىلىش لاگىرلىرىنى تاقاشقا چاقىرىق قىلىمىز

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ھامى ئاقسۆي ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىچىلىكى ۋە خەلق سەنئەتچىسى ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ۋاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋابى:

ھۆررىيەت خەۋەرلىرى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 9- فېۋرال

تۈركچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرغۇچى: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-09

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ھامى ئاقسۆي ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىچىلىكى ۋە خەلق سەنئەتچىسى ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ۋاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋابى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ پۈتۈن كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان قىلمىشلىرى ئىلگىرىكى ئىككى يىلدا ناھايىتى ئېغىرلىشىپ، خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كەلدى.

بولۇپمۇ، 2017- يىلى 10- ئايدا پۈتكۈل دىن ۋە ئېتىقادلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنىشى، ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئېتنىك، دىنىي ۋە كۈلتۈرەل كىملىكلىرىنىڭ يوقۇتۇلۇشى مەقسەت قىلغان يەنە بىر قەدەم ئېلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئاقسۆي باياناتىدا، « بىر مىليون ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ قالايمىقان تۇتۇلۇشى، يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ۋە تۈرمىلەردە ئىشكەنج سېلىنىپ، ئۇلارغا سىياسىي مىڭە يۇيۇش يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقى مەخپى ئەمەس. لاگىرلارغا سولانمىغان ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق بېسىم ئاستىدا ياشىماقتا. چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مەزكۇر رايوندىكى ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئالالمايۋاتىدۇ. مىليونلىغان بالىلار ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ يىتىم قالدى. 21- ئەسىردە يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان سىستېمىلىق ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى ئىنسانىيەتكە قىلىنغا بۈيۈك بىر ھاقارەتتۇر» دىدى.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە ئالاقىدار باياناتى

شە فېۋرال 9 , 2019
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتىلغان ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى تاجاۋۇزچىلىقى ۋە خەلق ناخشىچىسى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋابى!

You May Like