تۈركىيە قارا دېڭىزدىن 20 يىل يەتكۈدەك تەبئى گاز زاپىسى بايقىدى

تۈركىيە ئېنېرگىيە خادىملىرىنىڭ ئەنگلىيە رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە قارا دېڭىز رايونىدا زور گاز بايلىقى بايقىغان بولۇپ، بۇ بايلىق تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە چەتئەلگە تايىنىشنى زور دەرىجىدە ئازلىتىدىكەن.

 

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،

 

ئافراسياپ

 

2020-8-21

 

تۈركىيە ئېنېرگىيە خادىملىرىنىڭ ئەنگلىيە رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە قارا دېڭىز رايونىدا زور گاز بايلىقى بايقىغان بولۇپ، بۇ بايلىق تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە چەتئەلگە تايىنىشنى زور دەرىجىدە ئازلىتىدىكەن.

 


تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان چارشەنبە كۈنى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكىلەرگە جۈمە كۈنى يەتكۈزىدىغان مۇھىم خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتلىك ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ پايچىكىنى ئۆستۈرگەن ۋە تۈرك لىراسىغا ئىشەنچ بېغىشلىغان.

 


ئاخباراتقا قارىغاندا، مەزكۇر گاز زاپىسى – ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدا قارا دېڭىزدا باشلىغان 1-تونىل ئىسىملىك قارا دېڭىزدىكى قازما رايونىدا تەخمىنەن 26 تىرىليون كۇب فۇت ياكى 800 مىليارد كۇب مېتىر كۈلىدىغان زاپىسىغا ئىگە بولۇپ، تۈركىيەنىڭ 20 يىللىق گاز ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ .ئەمما بۇنى ئىشلەپچىقىرىپ، رەسمىي تۇرمۇشقا ئىشلەتكۈدەك بولۇشى ئۈچۈن تېز بولغاندا 4-6 يىل، كۆپ بولغاندا 10 يىل كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇنداقلا 2 مىلياردتىن 3 مىليارد دوللارغىچە مەبلەغ سېلىشى كېرەك ئىكەن.

 


تۈركىيە ھەر يىلى رۇسىيە ۋە ئىراندىن 41 مىليارد دوللار ئەتراپىدا تەبىئىي گاز ۋە نېفىت كىرگۈزىدىغان بولۇپ، تۈركىيە بۇنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرسە، تۈركىيە ئۈچۈن چېقىمنى تېجەيدۇ.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

نۇرى تۈركەل تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسەتىنى كەسكىن تەنقىد قىلدى!

جۈ ئاۋغۇست 21 , 2020
ئامېرىكا دىپلومات سىياسىي ژۇرنىلىنىڭ «خىتاي ئۇيغۇر زۇلۇمى مەسىلەسىدە تۈركىيەنىڭ سۈكۈت قىلىشنى پۇلغا سېتىۋالدى» سەرلەۋھەلىك ماقالەسىدا، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى كومىسسارى ، ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ مۇنداق سۆزى نەقىل قىلىنغان:

You May Like