تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان خىتاينىڭ ۋاكسىنىسىنى ئ‍ۇرغۇزدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى ئەنقەرە دوختۇرخانىسدا خىتاينىڭ سنوۋاك شركىتى ئ‍شلەپچىقارغان خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى باش بولۇپ ئۇرغۇزغان.

ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 14- يانۋار

 

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى ئەنقەرە دوختۇرخانىسدا خىتاينىڭ سنوۋاك شركىتى ئ‍شلەپچىقارغان خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى باش بولۇپ ئۇرغۇزغان.

 

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجامۇ ئالدىنقى كۈنى ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەن.

 

ئەردوغاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر 260 مىڭدىن ئارتۇق تۈركىيە پۇقراسىغا ۋاكسىنا ئەملەنگەن بولۇپ، ئەردوغان تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنىڭ ۋاكسىنا ئەملەتكۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە پات پۇرسەتتە پۈتۈن تۈرك خەلقىنىڭ ۋىرۇس خەۋپىدىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

لوندون بېيجىڭنى «ۋەھشىي» دەپ ئاتىدى

دۈ يانۋار 18 , 2021
فرانسىيە رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە 12- يانۋار خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ ئەيىبلىدى، ھەتتا ئۇنى «ۋەھشىي» دەپ ئاتىدى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلدى.

You May Like