تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈمنى 100 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلەتكەنلىكىنى جاكارلىدى

تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈمنى 100 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلەتكەنلىكىنى جاكارلىدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 25- نويابىر

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيە ئاخباراتىدىن خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاساسىي ئۆلچەملىك ئۆسۈم نىسبىتىنى %16 تىن %15 كە چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيە لىراسىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلاش نىسبىتى 11:1 گە چۈشۈپ قالدى.

تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي بانكا پۇل سىياسىتى كومىتېتى يىغىنىدا، تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: يېقىندا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشى ئاساسلىقى يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە تەمىنلەشنىڭ جىددىي بولۇشى قاتارلىق تەمىنلەش جەھەتتىكى ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە بولدى. پۇل سىياسىتى كومىتېتى پۇل سىياسىتىنىڭ ئېھتىياج، تەمىنلەش ۋە پۇل پاخاللىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش قارارىنى چىقاردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى 9-ئاي ۋە 10-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى چۈشۈرۈپ، ئۆسۈمنى جەمئىي 300 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلەتكەن ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان، لىرانىڭ قىممىتى %30 چۈشۈپ كەتتى. نۆۋەتتە تۈركىيە پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %20 كە يېقىنلاشتى.

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان 11-ئاينىڭ 17-كۈنى پارلامېنت يىغىنىدا يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىگە قارشى تۇرۇش قارىشىنى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى پۇل پاخاللىقىنى توسۇش ئەمەس، بەلكى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىدى. 2019-يىلىدىن بۇيان، ئەردوغان سىياسەت ئىختىلاپى تۈپەيلىدىن مەركىزىي بانكىنىڭ ئۈچ باشلىقىنى ئالماشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: تۇرسۇنجان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئاۋسترالىيە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلاشماقتا

پە نويابىر 25 , 2021
ئاۋسترالىيە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلاشماقتا

You May Like