يازغۇچى : مەتىن گۈرجان ( Metin Gürcan)
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى : 2018- يىلى 14- سېنتەبىر
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : رۇسسو
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
ماقالىنىڭ ئاساسي مەزمۇنى : بۇرۇن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى يوقىرى ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى چىقىپ كىلۋاتاتتى .لىكىن ھازىر تۈرك مىدىياسى ، خەلقى ۋە ھۆكىمىتى سۈكۈت ئىچىدە تۇرماقتا. نەچچە ھەپتىدىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشايدىغان شىنجاڭ رايۇنى ( شەرقىي تۇركستان ) دا بىر مىليۇن ئۇيغۇرغا يۈرگۈزۈۋاتقان سېستملىق باستۇرۇش ھەركىتنى تەنقىدلەيدىغان خەۋەرلەر ناھايتى كەڭ دائىردە ئىلان قىلندى ۋە كۈپىنچىسى مۇسۇلمانلاردىن تەركىپ تاپقان ئازسانلىق مىللەتلەرنى « قايتا تەربىيلەش ۋە رادىكالىزمنى تۈگىتىش » نامى بىلەن مەجبۇري ھالدا يىغۋېلىش لاگىرلىرىغا قامىغانلىقىنى ئەيىپلەندى. نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى زىيالى ، ژۇرنالىست ۋە ئانالىزچىلار بۇ مەسلىنى ئاخبارات ۋاستللىرىدە كۆپلەپ ئىلان قىلدى. لىكىن تولىمۇ غەلىتە بولغىنى ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ، يەنى ھاكىمىيەت بېشدىكى ئادالەت ۋە تەرەقىيات پارتيسى ۋە ئولارنىڭ كۈچلۈك مىللەتچى ئىتپاقدىشى مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتيسى قارماقتا بۇ مەسلىگە كۆزىنى يۇمۇۋالغاندەك قىلاتتى. تۈرك ئاخبارات ۋاستلىلىرىمۇ گاس گاچا بولىۋالغان ئىدى. تۈركىيە بۇرۇندىن تارتىپ 22 مىليۇن ئۇيغۇر تۈركى ياشايدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى شۇنداقلا يەنە شەرقىي تۈركستان دەپمۇ ئاتىلدىغان رايۇندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر ئىدى.بۇرۇن خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياستى تۈركىيەنىڭ كوچىللىرىنى (خىتايغا قارشى نامايشچىلار بىلەن ) تولدۇرىۋىتەتتى، قارا گۈلچەمبىرەكلەر خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ئورگانلىرىغا ئەۋەتىلەتتى . يەنى ھىچقانداق ئەھۋال ھازىرقىغا ئوخشىمايتى. ھازىر بولسا ھىچقانداق قارشىلىق يوق . بەلكىم ،تۈركىيەدە مىللىيەتچىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر ۋاقىتتا كۆرۈلگەن بۇ خىل سۈكۈتنىڭ سەۋەبىنى بىلشكە قىززىقىۋاتقانلار بار. ئەنقەرەنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىنىڭ مۇنداق ئۈچ خىل سەۋەبى بار. بۇنىڭ بىرنچىسى سىياسى سەۋەب. ئېغىر بىر ئىقتسادى كىرزىسىنى باشتىن كەچۈرۋاتقان ئەنقەرە ھۆكۈمىتى قولىدىكى دوللار ۋە ياۋرۇپا زايومىغا ئوخشاش چەتئەل پىرۋوتلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرماقچى بولىۋاتىدۇ ۋە خىتاي تۈركىيەنىڭ بۇ مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى تاللاش بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە خىتاينىڭ تەبئي گاز، قوياش ئېنىرگيسى، ئاتوم ئېنىرگىيەسى قاتارلىق ئېنىرگىيە ساھەسىگە شۇنداقلا سۇنئي ھەمرا تېخنكسى، ئنترنېت ۋە كەڭ بەلۋاغلىق تور ، دېڭىز ۋە تۈمۈر يول توشۇش قۇرلىشى، تور سودىسى ۋە كان قاتارلىق ئالاقە ساھەلەرگە مەبلەغ سېلشىنى ئۈمىد قىلدۇ. خىتاينىڭ غايەت زور ئۇل مۇئەسسەسسە قۇرلىشى ھېسابلىندىغان « بىربەلباغ بىريول» قۇرلۇشى نوقتسىدىن قارغاندا، ئەنقەرە ھۆكىمىتى خىتاينىڭ نەچچە مىليارد دوللارنى تۈركىيەنىڭ ھالقىلىق قاتناش ئۇل مۇئەسسەسسە قۇرلۇشلىرىغا مەبلەغ قىلىپ سالىدۇ دەپ ئويلايدۇ. بۇ يەردە ئامېرىكا پارلامىتىنىڭ تۇركىيەگە قەرىز بىرىش ئارقىلىق دونيا پۇل فوندى قاتارلىق خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدىن قەرز ئېلىشدىن ساقلاپ قالماقچى بولغانلىقىنمۇ تىلغا ئېلىپ ئۈتۈشكە ئەرزىيدۇ . ئىسىمنى ئاشكارلىمغان بىر تۈرك ئىقتسادشۇناس Al-Monitor غا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن :«ھازىر بىز ئۈچۈن بۇرۇنقىدەك ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادىن قەرىز ئېلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، شۇڭا بىز ھازىر خىتايدىن قەرز ئېلىشنى ئويلىشۋاتىمىز ، يەنى خىتايدىن يۈەن قەرز ئېلشنى ئويلىشۋاتىمىز، ئەملىيەتتە بۇنىڭ باشقا يەردىن قەرىز ئالغان بىلەن ھىچ پەرقى يوق ». ناچارلاشقان تۈركىيە ئىقتسادىنى ئويلاشقاندا، ئەنقەرەھۆكىمتىگە نىسبەتەن تۈركىيەنىڭ بەزى دۆلەت ئىگدارلىقىدىكى مال مۈلۈكلەرنى سېتىشى بىخەتەر «قىمار » بولۇپ ھېسابلىندۇ. خىتاي مەبلەغ سالغۇچىللىرى بەلكىم ئەردوغان ھۆكىمىتىگە يىتەرلىك مەبلەغ ئەكىلىپ بىرىپ كىلەريىلى مارتتا ئۆتكۈزلدىغان يەرلىك سايلامغىچە نەپەس ئالغۇدەك موھىت ھازىرلاپ بىرشى مۇمكىن . شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكۈشكە ئەرزىيدۇكى ، خىتاي بانكىلرى خىتاي پۇلىنى يېڭى تىجارەت پۇل بىرلىكى قىلش ئۈچۈن تۈركىيە، ئىران قاتارلىق ئوتتىرا شەرق رايۇنلىرى ۋە كافكاز ۋە شىمالي ئافىرىقا رايۇنلىرىدا ئىنتايىن ئاكتىپ ھەركەت ئېلىپ بارماقتا. كەلگۈسى ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە ئەنقەرە بۇ ساھەدە ھالقىلىق رول ئويناشنى ئۈمىد قىلماقتا . بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسىنى كۆپخىللاشتۇرشقا بولغان پەۋقۇلاددە ئىھتياجى ئەنقەرە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل رىئال پولىتىكا ( دۆلەتنىڭ ۋاقىتلىق ئىھتىياجىنى ئاساس قىلىپ قوللىنلغان قىسقا مەزگىللىك سىياسەت – تەرجىماندىن ) بويىچە ئىش كۆرۈشىنىڭ يەنە بەر سەۋەبى. بۇيىل 7-ئاينىڭ ئاخرىدا تۈركىيە دۆلەتلىك گاز ۋە نىفىت ئىمپورت شىركىتى BOTAS بىلەن خىتاي سودا سانائەت بانكىسى ئورتاق بىر كىلشىم ھازىرلىدى . كىلشمگە بىنائەن خىتاي تۈركىيەنىڭ ئىككى ۋىلايىتىدكى تەبىئي گاز ساقلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەجىمىنى ئاشۇرۇش قۇرلۇشىغا ياردەم قىلىدۇ. كىشلم 15 يىلغىچە، خىتاي تۈركيەگە 1.2 مىليارد دوللار قەرز بىرىپ تۈز كۆلىدىكى تەبئي گاز ئامبىرىنىڭ ھەجىمىنى 1.2 مىليارد كۈب مىتردىن 5.4 مىليارد كوب مىترىغا؛ ھازىرقى ھەجىمى 2.8 مىليارد كۈب مىتر بولغان سىلۋىرى تەبئي گاز ئامبىرىنىڭ ھەجىمنى بولسا 4.6 مىليارد كۇب مىترغا ئاشۇرشقا ياردەم بېرىدۇ. 2023- يىلىغا بارغاندا ، بۇ قۇرلۇشلارنىڭ ھەجىمى توپلام 10 مىليارد كۈب مىترىغا يىتىدىغان بولۇپ بۇ تۈركىيەنىڭ 20% يىللىق تەبئي گاز ئىستىمالىغا تەڭ كېلىدۇ . شۇڭا ھازىر خىتاي تۈركىيەنىڭ ئىنرگىيەنى كۆپ خىللاشتۇرۇش قۇرلۇشىغا ياردەم قىلىشى ئىران ۋە روسىيەگە بولغان ئېنىرگىيەدىكى تاينشچانلىقىنى ئازايتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرنى كۆرمەسكە سېلىشىنىڭ يەنە بىر ئىھتىماللىقى بولسا ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مىدىيالارغا قويغان چەكىلمسسى بولىشى مۇمكىن . شۇڭا مەيلى بىتەرەپ ياكى ھۈكۈمەتكە يېقىن ۋە ياكى ھۆكۈمەتكە قارشى مېدىيا بولسۇن ھىچقايسسى بۇ ئىشىنى خەۋەر قىلمايۋاتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ، يەنە بەزى كىشلەر ئەنقەرەنىڭ سۈكۈتتە تۇرشىنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى ئامېرىكا مېدىيالىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۇيغۇر مەسلىسگە قىززىقىپ كىتشى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى دەپ ئويلايدۇ. بۇ نەزىرىيەگە ئاساسلانغاندا ، ئامېرىكا تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ يېقىنلىشىپ كىتشنى خالىمايدۇ. شۇڭا مەقسەدلىك ھالدا ئۇيغۇر مەسلىسىنى كۈنتەرتپىنىڭ بېشىغا ئەكلىۋالىدۇ. تۈركىيەگە نىسبەتەن خىتاينى ئەيپلەش ئامېرىكىغا خىزمەت قىلغانلىق بولىدۇ. خىتاينىڭ قىلمشلىرىغا نىسبەتەن قايتۇرۇلغان (تۈركىيەدىكىى ) بىردىنبىر سىياسى ئىنكاس ، كۈرت پارتىيسى بولغان ھ د پ نىڭ مىللەت ۋەكىلى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلى دىن كەلدى.ئو ب د ت نىڭ ئىرقي كەمستشنى يوقىتىش كومىتىتىنىڭ دوكلاتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ خىتاينى ئوچۇق ئاشكارە ئەيپلىگەن بىردىنىبر سىياسەتچى . بۇ دوكلات خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تۇتۇپ سولاپ قىينغانلىقىنى ئەيپلىگەن بەر دوكلات ئىدى. گەرگەرلىئوغلى بۇ مەسلە ھەققىدە تاشقى ئىشلار مىنسترى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىدىن سوئال سورىدى. ئەگەر چاۋۇشئوغلى بۇ سوئاللارغا جاۋاپ بەرگەن بولسا ئىدى ئەنقەرەنىڭ نىمشىقا سۈكۈت قىلىپ تۇرغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگەن بولاتتۇق. لىكىن شۇنى ئۇنۇتماسلىق لازىم، ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى يېڭى سىياسى سېستمىدا مېنسترلارنىڭ بۇنىڭدىن كىين پارلامىتتا سورالغان سوئاللارغا جاۋاپ بېرىش مەجبۇرىيتى بولمايدۇ. مەنبە: https://www.al-monitor.com/pulse/originals/2018/09/turkey-why-ankara-is-mute-about-chinas-uighur-policies.html