تۈركىيە دىموكراتيسى:ئ‍ستانبۇللۇقلار ئەكرەم ئ‍ىمامئوغلۇنى ئىككىنچى قېتم يەنە سايلىدى.

يەكشەنبە كۇنى،2019-يىلى 23-ئىيۇن،ئ‍ېستانبۇللۇقلار ساندۇق بېشىغا بىرىپ،جۇمھۇرىيەتچى خەلق پارتىيسىنىڭ نامزاتى ئەكرەم ئىمامئ‍وغلۇنى سايلىدى.بۇ سايلامدا پىرىزدىنىت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پارتىسيى ئادالەت تەرەققىيات پارتىيسى نامزاتى ،سابىق تۈركىيە دۆلەت باش منستىرى بىنالى يىلدىرىمنى ئۇتۇپ ،ئ‍ستانبۇل بۇيۇك شەھەر باشلىقى بولدى.بۇ 25 يىلدىن بىرى بۇ شەھەر باشلىقلىق ۋەزپسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئادالەت تەرەققىيات پارتىيسنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىشى بولۇپ ھسابلىنىدۇ.ئەكرەم ئىمامئوغلۇ 45%كە قارشى 54 % ئاۋاز بىلەن ، تەخمىنەن ئ‍ون پىرسەنت ئەتراپىدا زور پەرق بىلەن ئۇتتى.

ي

ئ‍ېستانبۇللۇقلار ئەكرەم ئ‍ىمامئوغلۇنى ئىككىنچى قېتم يەنە سايلىدى.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

يەكشەنبە كۇنى،2019-يىلى 23-ئىيۇن،ئ‍ېستانبۇللۇقلار ساندۇق بېشىغا بىرىپ،جۇمھۇرىيەتچى خەلق پارتىيسىنىڭ نامزاتى ئەكرەم ئىمامئ‍وغلۇنى سايلىدى.بۇ سايلامدا پىرىزدىنىت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پارتىسيى ئادالەت تەرەققىيات پارتىيسى نامزاتى ،سابىق تۈركىيە دۆلەت باش منستىرى بىنالى يىلدىرىمنى ئۇتۇپ ،ئ‍ستانبۇل بۇيۇك شەھەر باشلىقى بولدى.بۇ 25 يىلدىن بىرى بۇ شەھەر باشلىقلىق ۋەزپسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئادالەت تەرەققىيات پارتىيسنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىشى بولۇپ ھسابلىنىدۇ.ئەكرەم ئىمامئوغلۇ 45%كە قارشى 54 % ئاۋاز بىلەن ، تەخمىنەن ئ‍ون پىرسەنت ئەتراپىدا زور پەرق بىلەن ئۇتتى.

ياۋروپا كونسۇلى مەزكۇر سايلامنىڭ ئادىل ۋە توغرا ئىلىپ بىرىلىشنى نازات قىلىش ئۇچۇن بىر تۇركۇم ھەيئەتلەرنى ئەۋەتكەنىدى.

49 ياشقا كىرگەن ئەكرەم ئىمامئوغلۇ 31-مارت ئۆتكۇزۇلگەن سايلامدا ئۇتۇپ شەھەر باشلىقى بولغان بولۇپ،ئەردوغاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئادالەت تەرەققىيات پارتىيسى سايلام كومتىتىغا نارازىلىق بىلدۇرۇپ،بىلەت نازارەت قىلغۇچىلار پۇقراۋى خىزمەتچىلەر بولماستىن بەلكى شەھەر خىزمەتچىلىرى دىگەننى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەنىدى.سايلام نەتىجىسى رەت قىلىنغاندىن كىين،تۇركىيە ۋە دۇنيا مىقياسدا تۇركىيە دىموكراتىيەسىگە سۇئال ۋە گۇمانلار كۇچەيگەنىدى. ئەلرايى ئەردوغاندىن ئۇمۇتسزلەنگۇچىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى،ئۇنىڭ پارتىيسدىن چىكىنگۇچىلەرنىڭ ئېشۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.

ئ‍ستانبۇل شەھىرى تەخمىنەن 16 مىلىيون نوپۇسقا ئىگە بولۇپ،ئېقتسادى سودا،ساياھەت ،پۇل -مۇئامىلىنى ئاساس قىلىدۇ،پۇتۇن تۇركىيە »گ د پى»سنىڭ 31 %نى تەشكىل قىلىدىغان ياۋروپا-ئاسياغا كىڭەيگەن چوڭ شەھەر.

ئەكرەم ئىمامئوغلۇ سايلام جەريانىدا،ئ‍ستانبۇلنى قايتا قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى،نامراتلىقنى تۇگىتىش ،مائارىپ،مەدەنىيەت،تەنتەربىيە ۋە ،ئېقتسادنى كۇچەيتىش ئۇچۇن تىرىشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى،ئۇ يەنە ئادالەت تەرەققىيات پارتىيسنىڭ ھوقۇق -كۇچىدىن پايدىلىنىپ چىرىكلەشكەنلىكى ۋە پۇقرالارغا بېسم چۇشۇرگەنلىكى،ساختا ۋە قانۇنسز ھەرىكەتلىرىنى كۆپلەپ مسالغا ئالغانىدى.ئەردوغان ھۆكۇمىتى بولسا بۇنى ئىنكار قىلغانىدى .

ئا ق پارتىيە نامزاتى بىنالى يىلدىرىم ئۆزىنىڭ شەھەرنى ئاۋاتلاشتۇرىدىغانلىقى،ئاساسى مۇئەسسە قۇرۇلۇشنى كۇچەيتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى.بۇ ئاينىڭ بىشېدا ئۆتكۇزۇلگەن تىلىۋىزىيە مۇنازىرسدا ،سايلامنى قايتا ئۆتكۇزۇش زۆرۇريتى ھەققىدە يتەرلىك چۇشەنچە بىلدۇرەلمىگەنىدى.

كۇزەتكۇچىلەرنىڭ دىيشچە،ئەكرەم ئىمامئوغلۇنىڭ ئ‍ۇتۇشى ئىككى سەۋەبتن بولۇپ،بىرى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنى سايلامغا قاتنىششقا سەپەرۋەر قىلغان ۋە ئۇلارغا تېخىمۇ سەمىمى يېقىنلاشقان. ئىككىنچىسى،خەلق  ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنڭ ھۆكۇمرانلىقىدىن چارچاشقا ،زىرىكىشكە باشلىغان.

كۆزەتكۇچىلەرنىڭ بىلدۇرۇشىچە،سايلامغا تەسر كۆرستىدىغان ئامىللاردىن يەنە سۇرىيەلىك كۆچمەنلەر مەسلىسى بولۇپ،ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ ساندا سۇرىيەلىكلەرنى ئ‍ستانبۇلغا كىرگۇزۇشى ۋە كىلىپ چىققان قالايمىقانچىلىق شەھەر خەلقىنى بىئارام قىلغان .

ئۇنىڭدىن باشقا سول قانات سايلىغۇچىلار مۇنداق قارىغان :ئەردوغان يولغا قويۇۋاتقان سياسەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە گۇزەللىك شەھىرى دەپ قارىلىۋاتقان ئ‍ستانبۇلنى بارغانسرى راىكال ۋە ئۆز-ئارا بۆلۇنۇشكە سەۋەب بولغان.

ئەردوغان ئىلگىرى:كىم ئ‍ستانبۇلنى ئۇتسا تۇركىيەنى ئۇتىدۇ،كىم ئ‍ستانبۇلنى ئۇتتۇرسا،تۇركىيەنى ئ‍ۇتتۇرىدۇ دىگەنىدى،ئۇ ئ‍ستانبۇلدا 2002-يىلى دۆلەتكە رەھبەر بولغانغا قەدەر شەھەر باشلىقى بولغان.

ئەمما تۇركىيە ت ر ت زيارەت قىلغان بارلىق كۆزەتكۇچىلەر « بۇ سايلامىنى ھەقىقى ئۇتقۇچى ئىككى ،بىرى دىموكراتىيە يەنە بىرى تۇرك خەلقى «دەپ قارىغان

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئىستانبۇل سايلىمنىڭ نەتىجىسى نېمىدىن دىرەك بېرىدۇ ؟

دۈ ئىيۇن 24 , 2019
مەزكۇر يازمىدا ئىستانبۇل سايلىمىنىڭ نەتجىسى ، سەۋەبى ، نەتىجىنىڭ نېمدىن دېرەك بېردىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى مۇھاكىمە قىلنىدۇ.

You May Like