تۈركىيە ب د ت دا ئاخىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسىتىنى كەسكىن تەنقىد قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ب د ت ۋەكىلى بۈگۈن سۆز قىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «‹ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلىرى› غا قاراتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» نى ئەيىبلىدى. شۇنداقلا خىتاينى خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ رايونغا بېرىشغا يول قويۇشقا چاقىردى. خىتاينى «ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش» قا چاقىردى.

ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،2020-10-07

 

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ب د ت ۋەكىلى بۈگۈن سۆز قىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «‹ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلىرى› غا قاراتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» نى ئەيىبلىدى. شۇنداقلا خىتاينى خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ رايونغا بېرىشغا يول قويۇشقا چاقىردى. خىتاينى «ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش» قا چاقىردى.

 

بۇ تۈركىيەدە ھۆكۈمەت ئۈستىدىكى پارتىيە – ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاينى ئەيىبلىگەندىن كېيىن يەنە بىر مۇھىم قەدىمى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ ياۋروپادا كۈنتەرتىپكە كېلىشى تۈركىيەگە كۈچلۈك تەسر كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە داۋاملىق تەۋرەنمەستىن ھەقىقەت تەرەپتە – ئۇيغۇر خەلقى تەرەپتە تۇرۇشقا چاقىرىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئىسلاھاتى (1) (ئۇيغۇر روھى 11- سان)

پە ئۆكتەبىر 8 , 2020
ئۇيغۇر تور جەمئىيتى بىزنىڭ ئاساسلىق ئالاقە سەھنىمىز بولۇپ قالدى.ئەمما تورلاردىكى ئاپەت خاراكتىرلىك زىيانلىق ئىغۋا،تۆھمەت،جىدەل ،پاسسپ مەزمۇنلار سەۋەبلىك،مۇھاجىرەت ھاياتىمىز مەنىسز، تېخىمۇ ھەسرەتلىك بولماقتا،مىللى ھەرىكىتىمىزگە تېخىمۇ زىيانلىق بولماقتا.تورنى جەمئىيتنى ئ‍سلاھ قىلساق ، ئ‍ىلغارلىق، مەدەنىيەت، ۋەتەنپەرۋەرلىك ،ئ‍ىجادىيلىق تارقاتساق،ئۆزىمىزنىڭ روھىىيتىگە،پەرزەنىتلىرىمىزگە،مىللى ھەرىكىتىمىز ۋە ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە پايدىلىق بولىدۇ.

You May Like