تۈركىيە ئاسمىنىدا  كەلگۈسى يۇلتۇزلىرىمىزنىڭ ئاۋازى ياڭرىدى

18- ماي، سائەت ئۈچ يېرىمدا سۇتۇق بۇغراخان ۋەقىپىنىڭ سافاكۆي شۆبىسىدىكى قىزلار قۇرئان كۇرسىنىڭ ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

2019-5-19

 

 18- ماي،  سائەت ئۈچ يېرىمدا سۇتۇق بۇغراخان ۋەقىپىنىڭ سافاكۆي شۆبىسىدىكى قىزلار قۇرئان كۇرسىنىڭ ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۆز مۇخبىرىمىز سايئوغلى بۇ ھەقتە سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپى قىزلار قۇرئان كۇرسىنىڭ مۇدىرى رەنا ئۇيغۇر خانىمنى تىلىفۇن زىيارىتى قىلدى.

ئىگەللىنىشچە، بۇ قېتىملىق پائالىئەتكە ئۇيغۇر ۋە يەرلىك تۈركلەردىن بولۇپ تەخمىنەن 550 نەپەر كىشى قاتناشقان .پائالىئەتكە شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىتىنىڭ رەئىسى ھىدايتۇللا ئۇغۇزخان ۋە باشقا رەھبەرلىرى ،سۇتۇق بۇغراخان ۋەقپى مەسئۇللىرىدىن دوكتۇر ئابدۇخالىق قارىم ۋە ئۈمەر قارىھاجىم شۇنداقلا ئۈلىمالار بىرلىكىدىن بەرزى ئۇستازلار ئالاھىدە قاتناشقان. كۇرستا بۇ يىل 150ئۇقۇغۇچى ئۇقۇش پۈتتۈرگەن. كۇرسقا تەۋە يەسلىدىن بۇ يىل 75ئۇقۇغۇچى ئۇقۇش پۈتتۈرگەن .ئۇلارنىڭ دۆلەت مەكتەپلىردىكى نەتىجىسى ئالاھىدە ياخىشى بولغان.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە قۇرئان كۇرسىدىكى 38 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن 16نەپەر قۇرئان كەرىمنى يادلاپ تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىلىقشاھادەت  دىپلومى تارقىتىغان ۋە ئالاھىدە تاج كىيدۈرۈلگەن.4ياشتىن 6ياشقىچە بولغان ئوماقلارغا قۇرئان كەرىمنى ئۇقۇپ تۈگەتكەنلىك، ماتىماتىكا ۋە باشقا قول كۆندۈرۈش مەشقى قاتارلىق ئىشلاردا نەتىجىسى ئالاھىدە بولغانلارغا كىچىك تاجلار كىيدۈرۈلگەن.

             

بۇ پائالىيەتتە كۇرۇستىكى بارلىق ئۇقۇغۇچىلار نۇمۇر كۆرسىتىشكە قاتناشقان ،ھەدىس ،شېئىر ،ساما ۋە نازۇركۇم،تۈركچە نەشىد  قاتارلىق نۇمۇرلار ئۇرۇنلانغان بولۇپ كەلگۈسىمىزنىڭ يۇلتۇزلىرى ئۈچۈن ناھايىتى بىر ياخشى سەھنە بولغان .ئوماقلىرىمىز يېشى كىچىك بولسىمۇ تەييارلىغان نۇمۇرلىرنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرسەتكەن .قاتناشقان ئۇستازلار ،ئاتا-ئانىلار ۋە باشقا مىھمانلار بەس- بەستە ماختىغان.

          

بۇ كۇرۇستا 22نەپەر ئۇقۇتقۇچى بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاسپىرانت سەۋىيسىدىكى ئۇقۇتقۇچىلار ئىكەن. . بۇ كۇرۇس ئاساسلىقى مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز ئۈچۈن ئېچىلغان بولسىمۇ، يەرلىك تۈركلەرنىڭ كۈچلۈك تەلەپ قىلىشى بىلەن 30نەپەر  يەرلىك تۈرك ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنغان.

بۇ كۇرۇسنىڭ ئانا تىل سىنىپى، مىللىي مەدەنىيەت سىنىپى ۋە قۇرئان سىنىپلىرى بار بولۇپ، دۆلەت مەكتىپىدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلاردا كۇرس شەكلىدە دەرس بىرىدىكەن.

رەنا ئۇيغۇر خانىم كۇرستىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى پەرزەنتلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈردى. خانىم يەنە بۇ قىتىملىق پائالىيەت پەرزەنتلەردە ئەل- يۇرت سۆيگۈسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ۋەتەن- خەلقنىڭ مۇھىملىقىنى چىن كۆڭلىدىن ھىس قىلىشتا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىيىتتى.

رەنا خانىم بۇ پەقەت سۇتۇق بۇغراخان ۋەقپىسىنىڭ سافاكۆي شۆبىسنىڭ ئەھۋالى بولۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە زەيتۇنبۇرنۇ شۆبىسىمۇ ئوماقلىرىمىز ئۈچۈن ئوخشاش بىر سەھنە ھازىرلاش پىلانى بارلىقىدىن خەۋەر بەردى.

سۇتۇق بۇغراخان ۋەقپسى تۈركىيەدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان بىر تەشكىلات سۈپىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزگە     تىنىمسىز خىزمەت قىلىپ كەلدى.

ئۇيغۇر ئاگىنىتلىقى نامىدىن سۇتۇق بۇغراخان ۋەقپىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە تېخمۇ زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى تىلەيمىز!

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق مۇئەللىم گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولدى

دۈ ماي 20 , 2019
تۈركىيە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋىرسىتى خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتىتى پىروففىسورى ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق ئەپەندى گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن گوللاندىيەگە كەلگەن ئىدى.

You May Like