تۈركىستان نەمە ئۈچۈن يىغلايدۇ؟

قىرغىزىستاندا چاقىرىلغان تۈركچە سۆزلەشەدۇرغان دەۋلەتلەر كەڭەشىنىڭ6. يۇقارى دەرەجەلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا سۆز قىلغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «چىرپىنىردى/تىپىرلايتتى قارا دەڭىز» ناخشاسىنى تىڭشاۋاتقانىدا شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاي زۇلۇمىغا دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلەرى ئۈچۈن مەيۈسلەنىپ بىر تامچە كۆز ياشى تۆكۈشىنى شەخسەن ئىستەر ئىدىم…

تۈركىستان نەمە ئۈچۈن يىغلايدۇ؟

ئەرتۇغرۇل قالافات

ertugrulkalafat@hotmail.com

مەنبە: يەڭى چاغ گازەتەسى

 

  http://www.yenicaggazetesi.com.tr/ya-turkistan-neden-aglar-48757yy.htm

كاشىغەر تۈركچەسىگە ئۆرىگۈچى: كاشىغەرلىك كۈرشاد

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئ‍ەسكەرتىش:ئ‍ۇيغۇر ئاگېنتلىقى تەمىنلەنگەن تەرجىمە، ئۆرۈش ۋە يازما، ماقالەلەرنىڭ تىل ئۇسلۇبىغا ھۈرمەت قىلىدۇ.

 

قىرغىزىستاندا چاقىرىلغان تۈركچە سۆزلەشەدۇرغان دەۋلەتلەر كەڭەشىنىڭ6. يۇقارى دەرەجەلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا سۆز قىلغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «چىرپىنىردى/تىپىرلايتتى قارا دەڭىز» ناخشاسىنى تىڭشاۋاتقانىدا شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاي زۇلۇمىغا دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلەرى ئۈچۈن مەيۈسلەنىپ بىر تامچە كۆز ياشى تۆكۈشىنى شەخسەن ئىستەر ئىدىم…

جۇمھۇرباشقانى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك كەڭەشىدە قىلغان باياناتلارىدا خىتتاي زۇلۇمىغا قاراتا بىر ئاغىزمۇ سۆز قىلماغاندەك «پەلەستىن تۈرك دۇنياسىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر» دەيىش ئارقالىق پەلەستىن داۋاسىنى تۈرك كەڭەشىگە سۆرەپ ئەكىردى.

دەمەككى، قەدىمىي تۈرك يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەجەپ تاييىپ ئەردوغانننىڭ كۆڭلىدە ھىچبىر يەرى يوق ئىمىش، ئۇنىڭ كۆزىدە ئۇيغۇر تۈركلەرى پەلەستىنچىلىك مۇسۇلمان ئەمەسمىش. ھالبۇكى، تۈرك تارىخىدا ھۇن ۋە كۆك تۈركلەردىن كەيىن قۇرۇلغان 3 .تۈرك دەۋلەتى ئۇيغۇر دەۋلەتىدۇر.

تۈركلەرنىڭ تۇنجى يازما ئېنسىكلوپەدىك لۇغەتى—دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك (تۈرك تىلىنىڭ دىۋانى)  مەھمۇد كاشىغەرى تەرەپىدىن يازىلغان بولۇپ، ئۇشبۇ مۇبارەك زاتنىڭ مەقبەرەسى شەرقىي تۈركىستاندادۇر.

تۈركلەرنىڭ تۇنجى پەلسەپە ۋە قانۇن كىتابى بولغان قۇتادغۇ بىلىگ بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرەپىدىن يازىلغان بولۇپ ئۇنىڭ مەقبەرەسىمۇ شەرقىي تۈركىستاندادۇر.

بۇنىڭدىن باشقا، 1863 يىلى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان تۈرك دەۋلەتىنىڭ ئەمىرى ياقۇپ خان بەدەۋلەت، ئوسمانلى دەۋلەتىگە بەيئەت قىلىپ سۇلتان ئابدۇلئەزىز نامىدا پۇل باستۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىغا ئاتاپ خۇتبە ئوقۇتقان ئىدى.

ۋەلھاسىل، شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان، يىغىپ ئالىش/توپلاما لاگىرلارىدا ئەسىر تۇتۇلىۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلەرنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن بىر ئاغىز گەپ قىلىپ باقمايسىز، ئەمما پەلەستىن داۋاسىنىڭ تۈركلۈكنىڭ مەسەلەسى ھالىغا ئەكىلىنىشىنى ئىستەيسىز شۇنداقمۇ ھۈرمەتلىك جۇمھۇرباشقانىم..

پەلەستىن مەسەلەسى ئەلبەتتە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق مەسەسلەسىدۇر، پەقەت مەلۇمىڭىز بولغاندەك،  سىزنىڭ ئاۋۋال قانداشىڭىزغا ۋە قارىنداشىڭىزغا ياردەم قىلىش مەجبۇرىيەتىڭىز بار. سىز تېخى، ئىران تەرەپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان  ۋە ۋان (–تۈركىيەنىڭ ئىران بىلەن ېەراداش بىر ۋىلايەتى) مۇساپىرلار لاگىرىدا ئىرانغا قايتتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان راھىم جاۋادبەيلىگەمۇ ئىگە چىقمادىڭىز.

مىللەتچىلىك تۈركەشنىڭ (ئالپئارسلان تۈركەش، ئۇمۇمىي تۈرك بىرلىكىنى ھىمايە قىلىش ۋە ئومۇمىي تۈرك مەنپەئەتىنى قوغداش  ئۈچۈن تىنىم تاپماي كۈرەش قىلغان تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تۈركچى سىياسەتچىسى، مىللەتچى ھەرىكەتنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۈلكۈجىلەرنىڭ باشبۇغى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئەڭ مەزمۇت قوللىغۇچىسى ۋە ھىمايەدارى) مازارىغا سۇ تۆكۈش بىلەنلا بولمايدۇ. مىللەتچىلىك سىياسەتتە بۇلۇڭغا قىستالىپ قالغان چاغىڭىزدا «قۇتقۇز مەنى» دەۋالىدىغان  بىر مەفكۇرەمۇ ئەمەستۇر. مىللەتچىلىك ئاتەشتىن كۆينەكتۇركى، ئۇ كۆينەكنى كەيگەن ھامان «ھەممە نەرسە تۈرككە ئاساسەن، تۈرك تەرەپىدىن، تۈرك ئۈچۈن» پرەنسىبىنى قابۇل قىلدىڭىز دەمەكتۇر.

مىللەتچىلىك رەھمەتلىك ئىسمائىل گاسپىرالىنىڭ « ئىشتا، تىلدا ۋە پىكىردە بىرلىك»ىنى ئەمەلدە رىئاللاشتۇرماقتۇر. مىللەتچىلىك ئاتاتۈركنىڭ تۈرك دەۋلەت ئەنئەنەسىگە  ئامانەت قىلغان «نە مۇتلۇ تۈركۈم دەگەنگە» (نەمە دەگەن خۇشاللىق تۈركۈم دەگۈچىلەرگە) دەستۇرىغا ئىگە چىقىشتۇر.

مىللەتچىلىك، خىتتاي دەۋلەتى بىلەن قىلغان تىجارەت مۇناسىۋەتىڭىز ۋە ئالغان قەرزلەرىڭىز تۈپەيلى ئۇيغۇر تۈركلەرىگە قىلىنغا زۇلۇم ۋە باسىم/بېسىمنى كۆرمەسكە سالماق ياكى كۆزىڭىزنى يۇمۇۋالىش دەگەنلىك ئەمەستۇر.

قاراڭ ھەريەردە  تۈركلەرگە تۇزاق قۇرۇلىۋاتىدۇ ۋە ھەريەردە تۈركلەر ئۇرۇلۇپ-سوقۇلماقتا. تۈرك ھەريەردە غارىپ/غېرىپ، ھەر يەردە بوزەك…

بۇ شىئېر مەندىن سىزگە ھەدىيە بولسۇن:

ئۇيغۇرمۇ تۈركتۇر تۈرك،ئۇنىڭغا ھەم كۆز ياشى تۆكۈڭ

يۈرەك  يوق بولسا ئەگەر سىزدە ئۇنى ئۇ يەردىن سۆكۈڭ

ئەرەپ، فارس، ئەجەم ئۈچۈن كوچالارغا تۆكۈلۈڭ

رابىئاغا مەرسىيە توقۇڭ، يىغلاڭ ھەر تەرەپتىن

پەرۋايىڭىزدامۇ كۆيۈپ كەتسە تۈركىستان

تاھرىر گوياكى ئاتا يۇرتى، پەلەستىن ئانا يۇرتى

تۈركلۈك نەمەدۇر بىلمەيدۇ، تونۇماس كۆك بۆرۈنى

بىر قارا  ئۈرۈمچىگە قانچەلاغان جۇۋانلار سولدى

ئەسىر بولدى ئۆز يۇرتىدا ھەر بۇلۇڭ زۇلۇم زىندان

پەرۋايىڭىزدامۇ كۆيۈپ كەتسە تۈركىستان

قىزىل خىتتاي زۇلۇم قۇسار، قاراپمۇ كۆرمەيسىز

نەسلى ئەسلى تۈرك بولسا مەگەر، قارىنداش دەپ سۆيمەيسىز

مەنپەئەتىڭىزىدىن ھىچكىمگە بىر سىقىم بەرمەيسىز

چۆكسۇن مۇنداق يالغان، رىيا، كۆي يۈرەكىم ئەمدى كۆي

پەرۋايىڭىزدامۇ كۆيۈپ كەتسە تۈركىستان

 

ئىنشائاللاھ، كۈن كەلگۈسى ۋە ئاتسىز ئاتانىڭ روھى تەڭرى تاغلارىدا تىرىلگۈسى. ئاسارەت ئاستىدا ئىڭراۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق، تەبرىزلىك تۈركلەر ئۈچۈن بىر ئۈمىد تۇغقۇسى. ئاللاھ تۈركنى ساقلاسۇن ۋە ئۇلۇغلاسۇن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئەلى بابا تۈركىيەگە بىر مىلىيارد دوللار مەبلەغ سالماقچى

شە سېنتەبىر 8 , 2018
تۈركىيەگە بىرلىشىش چاقىرىقى سۇنۇپ كېلىۋاتقان خىتاي، تۈركىيەگە بىر مىليارد دولار مەبلەغ سېلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا تۈركىيەگە قارىتا پلانلىغان ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ ئوتتۇرىسىدا،مەبلەغ سالغۇچىلارغا سودا پۇرسىتى چاقىرىقى سۇنغان تۈركىيەنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقىلىۋاتىدۇ. تۆنۈگۈن قاتاردىن قولغا كەلگەن 15 مېليارد دولارلىق مەبلەغنىڭ كەينىدىن، بۈگۈن خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىمۇ كۆزىنى تۈركىيەگە تىكتى.

You May Like