trt world : خىتاي تەرەپنىڭ ئابدۇرىھىم ھېيت ھەققىدە تارقاتقان سىن كۆرنىشى شۈبھىلىك

تۈركىيە دۆلەت تىلىۋىزىيسى TRT نىڭ خەلىقئارالىق قانىلى TRT WORLD بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئابدۇرىھىم ھېيتنىڭ ھاياتلىقى ھەققىدىكى سىن كۆرنۈشىنى شۈبھىلىك دەپ خەۋەر قىلدى.

 ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقى،2019-يىلى 11-فېۋرال

مەنبەسى: TRT نىڭ خەلىقئارالىق قانىلى TRT WORLD

تۈركچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرغۇچى :ئقبال

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

تۈركىيە دۆلەت تىلىۋىزىيسى TRT نىڭ خەلىقئارالىق قانىلى TRT WORLD بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئابدۇرىھىم ھېيتنىڭ ھاياتلىقى ھەققىدىكى سىن كۆرنۈشىنى شۈبھىلىك دەپ خەۋەر قىلدى. خەۋەردە يەنە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگىردا تۇتۇپ تۇرۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. 8-فېۋرال تۈركىيىلىك مەشھۇر سەنئەتكار شۇنداقلا ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ يېقىن دوستى بۇنيامىن ئاقسۇنگۇرنىڭ فىيىس بۇكىدا ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆلۈم خەۋرى تارقالغانىدى. تۈركىيەدىكى بەزى پارتىيە رەھبەرلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، سەنئەتچىلەر ، رىژىسسور لار ۋە تۈركىيە خەلقى بولۇپ مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆلۈمىگە ئىتراز بىلدۈرگەنىدى. جامائەت پىكرىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسۇي خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىنى 21-ئەسىرنىڭ ئىنسانلىق ئەيىپى دېگەن ۋە تاقاشقا دەۋەت قىلغانىدى ۋە ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆلۈمىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەنىدى. ئارىدىن بىركۈن ئۆتۈپ خىتاي خەلق رادىئۇ ئىستانسى تۈركچە بۆلۈمى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆلمىگەنلىكى توغرىسىدا سىن تارقاتتى. مەزكۇر سىندا ئابدۇرېھىم ھېيت(بەلكى مونتاژ ) ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ، سالامەتلىكنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، خىتاي قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ناھايتتى سۈنئىي بىر كەيپىياتتا ئېيتقانىدى. ئارقىدىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنى ئەيىپلىگەن ۋە تۈركىيىنى ئاساسسىز گەپ قىلدى دىگەنىدى. دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار خىتاي تارقاتقان بۇ سىننى كۆرگەندىن كىيىن بىر تەرەپتىن خۇشال بولسا بىرتەرەپتىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا سەلبى پوزىتىسىيە تۇتۇشقا قاراپ يۈزلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىشقانىدى. ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ۋە جازا لاگىرىنى ئوچۇق بىر شەكىلدە تارقاتقان TRT WORLD ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تىرىلىپ قىلىش ھادىسىسىنىمۇ ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن خەۋەر قىلدى. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئىشەندى ۋە مەيدانىنى جاكارلىدى.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئاق پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك: خىتاي  جازا لاگىرلىرى مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كىرەك

دۈ فېۋرال 11 , 2019
خىتاي دائىرلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى مەسلىسىگە ئۇزۇندىن بىرى سۈكۈت قىلىپ كىلىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن خىتايغا ئىتراز بىلدۈرۈشكە باشلىدى.

You May Like