ئەسلى ئاپتورى: كرېستال خۇ
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
ياخو پۇل مۇئامىلىسى
تەرجىمان: ئىرفان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
خىتايGDP سى 2018-يىلىنىڭ ئۈچىنجى پەسلىدە %6.5 كە، يەنى 2009- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان.
گەرچە بۇ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشىدا غەلبە قازىنىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىىندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما سانلىق مەلۇماتلارغا تېخىمۇ تەپسىلى قارىغاندا خىتايGDP سىنىڭ ئاجىزلىقىغا ئاساسى تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللارنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەزى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە،خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئىقتىسادنى پىشاڭسىزلەشتۈرۈش ئۇرۇنىشىدىن بولغان كۆچمە مەبلەغنىڭ سىقىلىشى ئىقتىساد ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.
ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدىكى چىگرا بىجى رىقابىتى ئەكسىچە بەلكىم خىتايGDP سىغا ۋاقىتلىق ياردەم قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ يىل سېنتەبىردىكى خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا قالدۇقى يۇقۇرى رېكورد يارىتىپ 34.1 مىليارد دوللىرىغا يەتكەن. خىتاي خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئىمپورتچىلىرى كېلەر يىلى بېشىدا يۈز بېرىدىغان %25 لىك تاموجنا بېجىدىن بۇرۇن خىتاي ماللىرىنى كىرگۈزىۋېلىشقا يۈگۈرگەن.
يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىش خارەكېرىدىكى سېرىق پۇرچاق بېجى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بولغان ئېكسپورتىنى تۆۋەنلەتكەن. بۇ يىل ئاۋغۇستتا، خىتايىنىڭ ئامېرىكىدىن قىلغان ئىمپورت قىممىتى %2.3 ئېشىپ 13.3 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولسىمۇ، بۇ ئومومى ئىمپورت ئېشىش سۈرئىتى بولغان %20.4 تىن خېلىلا تۆۋەن بولغان. يۇقىرى بولغان ئېكسپورت ۋە تۆۋەن بولغان ئىمپورت سوممىسى سەۋەبىدىن، خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىسىدا يۇقۇرى قالدۇقتا بولغان. ئامېرىكىغا بولغان ئېكسپورتى خىتايGDP سىنىڭ %4 تىدىنمۇ تۆۋەن.
PNCپۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئىقتىسادشۇناس :« پىرېنتسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشى ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا سۈركۈلۈشدىن بولغان ئەمەس. سودا سۈركۈلۈشى گەرچە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئومومى ئېشىشىغا خەۋىپ ئەكەلسىمۇ، يېقىن مەزگىلگە بولغان تەسىرى ئېيتىلىۋاتقاندىن تۆۋەن.
ئىقتىسادشۇناسلار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېرېدىت ئۆسۈشىنى چەكلىشى ۋە مالىيە ساھەسىدىكى خەۋپنى تىزگىنلىشىدىن دەپ قارايدۇ. بۇلار كاپىتال ئېقىمىنى چەكلەپلا قالماي، شىركەت قەرزلىرىنىڭ ئېشىشىنىمۇ چەكلەيدۇ.
مالىيە ساھەسىدىكى خەتەرنى ۋە قائىدىگە سېلىنمىغان قەرز بېرىىشنى تىزگىنلەشنى مەقسەد قىلغان پىشاڭسىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتى بەلكىم دۆلەت ئىچىدىكى مۇھتاجلىقنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن. دۆلەت ئىچى ئستىمالى خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ چوڭ ماتورى بولۇپ كەلگەن ۋە خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئستىملا ھەيدەكچىلىكىدىكى تەرەققىيات مودىلىغا چۈشۈرگەن. ئستىملا 2018-يىلىنىڭ بىرىنجى يېرىمىدىكى ئىقتىساد ئېشىشىنىڭ %78.5 نى ئىگىلىگەن. لېكىن چىڭىيىۋاتقان كېرېدىت ۋە مالىيە سىياسىتى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان.
گەرچە خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ زەربىسىنى تېخى رەسمى كۆرمىگەن بولسىمۇ بۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا باش ئاغرىقى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمدارلىرى بىر تەرەپتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىقتىسادنى پىشاڭسىزلاشتۇرىۋاتقان بولسا، بىر تەرەپتىن بۇنىڭ تەرەققىياتقا بولغان سەلبى تەسىرىنى تۆۋەنلىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي بۇ يىللىق ئىقتىسادى ئېشىشنى %6.5 دەپ مۆلچەرلىمەكتە. بۇلتۇرقى خىتاي ئىقتىسادى ئېشىشى %6.9 بولغان. تاموجنى باجلىرىنىڭ ئەمىنلىشىشىگە ئەگىشىپ تۆتىنجى پەسىللىك سودا خەۋىپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
لېكىن، ئۇزۇن يىللىق يۇقۇرى ئېقتىسادى ئېشىشتىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمدارلىرى ئۆز ئۈمۈدلىرىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك.
جەنۇبى كالىفورنىيا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئېقتىسادشۇناسى روبېرت دەكول :« خىتاي ئىقتىسادى ئومومى جەھەتتىن يېتىلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئۇ نۇرغۇن يىللىق تېز تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈردى، ئىقتىسادى ئاستىلىشىش مۇقەررەر» دېگەن.
مەنبە: https://finance.yahoo.com/news/trumps-trade-war-isnt-main-drag-chinas-economy-183622965.html