توردا جامائەت ئالدىدا ئۇيغۇر تىلىدا سەت گەپ قىلىۋاتقانلارغا

يېقىدىن بىرى توردا ئەۋج ئالغان ھاقارەت ۋە سەت تىللار بىلەن جىدەللىششكە قارشى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئەپەندىنىڭ ئويلىغانلىرى

ئۇيغۇرىئان

يېقىدىن بىرى توردا ئەۋج ئالغان ھاقارەت ۋە سەت تىللار بىلەن جىدەللىششكە قارشى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئەپەندىنىڭ ئويلىغانلىرى

بۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ھالىتىگە قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە  يامان تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟
توردا قىلىشىۋاتقان سەت گەپلەر -چەكتىن بەك بەك ئېشىپ كەتتى! 
نېمە دېگەن مەينەت ، سەت گەپلەر ئۇ ؟ 
بىر تىلدىكى شۇنداق ئەخلەت سۆزلەرنى ئاممىۋى سورۇنغا، سىياسەتكە، دىنغا ئارىلاشتۇرغان خەلق بىزلا بولۇشىمىز مۇمكىن!
خىتاينىڭ زۇلۇمى قىرغىنچىلىق، تاجاۋۇزچىلىق ۋە باسقۇنچىلىق بولسا، سىلەرنىڭ زۇلۇمىڭلار: ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلاردىن سەسكەندۈرۈش، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشەنچ، ھۆرمەت دېگەننى يوقىتىش بولۇۋاتىدۇ!
ئەسلىدىنلا يېتىپ -ئېشىپ تۇرغان ھەممىمىزگە، ھەمشرىلىرىمىزگە ئاپا -ھەدىلىرىمىز ۋە سىڭىللىرىمىزغا، بالىلارغا بۇنىڭدىن ئارتۇق ئازاب ۋە ھاقارەت بولامدۇ؟
ئىسىڭلاردا بولسۇن، كۆپ قىسىم ئامما سۆزۈڭلارنى كۆرىدۇ، سىلەردىنلا ئەمەس، توردىكى بارلىق مىللەت پارىڭى قىلىۋاتقانلاردىن سەسكىنىدۇ! ئۇ چاغدا كەلگۈسىدە مىللەتنىڭ خىزمىتىنى كىم قىلىدۇ؟
بىر ئېغىز يامان گەپ، سەت ھاقارەتنى كۆرگەندىن كىيىن، كىشىنىڭ كەيپىياتى ئۆلىدۇ. قىلغان ئىشنى تاشلايدۇ، دىققىتى چېچىلىدۇ، كاللىسىغا تەسىر قىلىدۇ.
كىچىكلەر كۆرسە ئۈمۈتسزلىنىدۇ، ئاياللار كۆرسە نەپرەتلىنىدۇ…
ياش ئەۋلادلار ئۇيغۇرلارغا ئارىلاشمايدىغان بولىدۇ. چوڭلار كۆرسە سىياسىي مەسىلىلەرگە قارىغۇسى كەلمەيدىغان بولىدۇ.
ئېسىڭلاردا بولسۇن، سىلەر بۇزۇۋاتقان، سەتلىشۋاتقان تىل -ئۇيغۇر تىلى، ئاناڭلارنىڭ تىلى! مىللىتىڭلارنىڭ تىلى! پەرزەنتىڭلارنىڭ تىلى! بۇ چىرايلىق ۋە گۈزەل تىل! 
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى، ئۆز -ئارا سەت تىللىشىش بىلەن بولمايدۇ.
ھېچقانداق مىللەتنىڭ مىللىي كۈرىشى ۋە سىياسىي ھەرىكەتلىرى بىز قىلىۋاتقاندەك ناچار، ھاقارەتلىك، سۈپەتسىز گەپلەر بىلەن بولمايدۇ.
ھەر قانداق تەنقىد ، ئاچچىق سۆزنى، ھەق گەپنى ئۆز يولىدا دېگىلى بولىدىغۇ؟! تىلىمىزدا مىڭلىغان توغرا ۋە لايىق ئىبارىلەر بارغۇ ؟
گەپ ئاقمىسا ئەركەكتەك ئۇرۇشساڭلار بولىدىغۇ؟!
نېمە ئۈچۈن سىلەرنىڭ جېدىلىڭلار بىلەن ئالاقىسى يوق كىشىلەر سىلەرنىڭ سەت ھاقارەتلىرىڭلارني كۆرۈشى كېرەك؟
يا ئىسلام، يا ئۇيغۇرلۇق ياكى ئىنسانلىقتىن نېسىۋىسى يوق كىشىلەرلا چوڭلارنى چوڭ دېمەي، ئاياللارنى ئايال دېمەي، كىچىكلەرنى كىچىك دېمەي، توردا، خەلق ئارىسىدا لۈكچەكلىك قىلىدۇ.
نوچىلىقىنى توردا ئۇيغۇرغا قىلماي، خىتايغا قىلىڭلار !
ئاغزىڭلارنى ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، خىتايلارغا بۇزۇڭلار! 
خەلقنىڭ كۆزى بار، سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەر قانچە توغرا بولسىمۇ، مۇشۇ ھاقارەت، رەسۋا سۆزلىرىڭلار بىلەن شۇ توغرا ۋە ھەقىقەتنى يەرگە ئۇرىسىلەر!
ئۇنداق قىلماڭلار! چىرايلىق گەپ ئاڭلاڭلار! ئۇيغۇر خەلقى سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار ئەمەس!

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىياننىڭ فەيسبۇك بېتىدىن ئېلىندى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيىسى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى .

جۈ ئۆكتەبىر 22 , 2021
ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيىسى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى .

You May Like