پرېزىدېنت جومارت توقايېف دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

پرېزىدېنت جومارت توقايېف دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 5-يانۋار

ئەسلى مەنبەسى: https://ru.sputnik.kz/politics/20220106/19060833/Tokaev-obraschenie-k-partnram-ODKB-schitayu-umestnym-i-svoevremennym-.html

تەرجىمىدە :ھەبىبۇللا ئىزچى 

پرېزىدېنت جومارت توقايېف يېڭى مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ ، CSTO شېرىكلىرىدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئالمۇتا ۋە قازاقىستاننىڭ غەربىدە يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق سەۋەبىدىن قازاقىستاننىڭ ھەممە يېرىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى. توقۇنۇشتا تەخمىنەن سەككىز ساقچى ۋە مىللىي قوغدىغۇچى قازا قىلغانلىقى مەلۇم. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئالمۇتادا بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرىمۇ يۈز بەرگەن.

قازاقىستان تەرەپ بۇلارنى چەتئەللەردە ئېغىر مەشىقلەرنى باشتىن كەچۈرگەن تېررورلۇق شايكىسىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قازاقىستاندا قىلغان ھۇجۇمىنى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 
توقايېف بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» گە تايىنىپ، بۈگۈن  CSTO نىڭ باشلىقلىرىغا مۇراجىئەت قىلغان شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ بۇ تېررورلۇق تەھدىتىنى يېڭىشىگە ياردەم تەلەپ قىلغان. ئۇ: « ئەمەلىيەتتە بۇ بىر تەھدىت ئەمەس، بەلكى زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش » دېگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قازاقىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

چا يانۋار 5 , 2022
قازاقىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

You May Like