تەشۋىقات ئەمەس تەدبىر

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

مۇھاجىرەتتە ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن قورقۇنچلۇق بولغىنى ئىزسىز يوقاپ كېتىش، ئاللىقاچان ۋەتەنسىز قالغان بىر ئۇيغۇر ئۆزىگە يات تۇپراقتا ئەۋلاتسىز غايىپ بولۇشنى خالىمايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلۇقنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدۇ، ئەمما بۇ ئەستايىدىل پىلان تەلەپ قىلىدۇ. بىز قەشقەردە تۇغۇلۇپ، قومۇللۇق ئۇيغۇر بىلەن توي قىلىپ، ئۈرۈمچىدە ئىشلەپ ئۇيغۇر بولۇپ كەتكەن، ئەمما پارىژدا تۇغۇلغان بالىنى، لوندۇندا چوڭ بولغان پەرزەنتنى ئۇيغۇر قىلىش، ئۇيغۇرنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇيغۇر بىلەن ئائىلە، جەمىيەت ۋە جامائەت، دۆلەت قۇرىدىغان قىلىش ئۈچۈن تەشۋىقاتلا بولسا، تەبلىغلام قىلساق، قۇرۇق ئارزۇلا بولسا بولمايدۇ. پىلان كېرەك، لايىھە لازىم، قاتماللىقلار چۇۋۇلۇشى، زىتلىقلار يېشىلىشى كېرەك.

مەن ئۇچراتقان ھەممە ئەلدىكى ھەممە ئۇيغۇر پەرزەنتىم ئۇيغۇر بولسا، ئۇيغۇرچە سۆزلىسە، ئۇيغۇر بىلەن نىكاھلانسا دەيدۇ، ئەمما مۇنداق زىتلىقلار بار.

بىرى، ئۇيغۇرنىڭ ياخشى گېپى بولۇنمايدۇ، قاقشايدۇ مىللەتتىن بالىلارنىڭ ئالدىدا. ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە قىزىقمايدۇ، ئۇيغۇرغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇيغۇرغا ئارىلاشمايدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش، مەشرەپ ۋە پائالىيەتلىرىدىن قاچىدۇ. ھەتتا پەرزەنتىنى ئۇيغۇر مەكتەپكىمۇ بەرمەيدۇ، بۇ ھالدا بالا قانداقمۇ ئۇيغۇردىن جۆرە تاللايدۇ.

يەنە بىرى ئۆزى چوڭ بىلگەن پىكىرنى پەرزەنتىگە تاڭىدۇ، ئۆزى چوڭ بولغان، نەچچە مىڭ كلومېتىر يىراقتا قالغان ئۆتمۈشكە بالىلارنى سۆرەيدۇ، ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشماس شەرتلەرگە سالماقچى بولىدۇ. مەسىلەن: رەڭ تۈزۈپ، بوي تارتقان قىز ئوغۇللارنىڭ بىر سورۇندا، بىر سىنىپتا، بىر پارتىدا ئولتۇرۇشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بولۇپمۇ مۇستەبىت ئەللەردە، ئەنئەنىۋىي جەمىيەتلەردە ياشايدىغان، مۇھاپىزىكارلىقنى خاتا چۈشىنىۋالغان كىشىلەر قىز ئوغۇللارنىڭ دوستلۇقىغا قارشى. ئۇلار ئۇيغۇر ياشلارنىڭ قانات سۆرەشلىرىنى، گەپ تاشلاپ كۆز بېقىشلىرىنى يامان كۆرىدۇ، ئەمما ئۇيغۇردىن كېلىنلىك، كۈيئوغۇللۇق بولغۇسى بار. بىر سورۇندا بولۇپ باقمىغان بالىلار قانداق بولۇپ بىر ئۆيدە بولالايدۇ؟

مەنچە ئۆسمۈرلەر، ياشلارنى بىر يەرگە كەلتۈرۈش، دوستلاشتۇرۇش، قىلسىمۇ قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىش ئەمەس، داۋاملىق قىلىدىغان ئىش. خۇددى بالىڭىزنىڭ پۇتبول، پىيانىنو، بالىت كۇرسىدەكلا موھىم، بۇلار ئۇرۇقىڭىزنىڭ قۇرۇپ كەتمەسلىكى، ئۇيغۇرلۇقنىڭ قورغىنى بولغان كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش، بەختلىك ئائىلىگە ئۇل سېلىش ئۈچۈن زۆرۈردۇر.

بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر پەرزەنتلەر يىغىلىشى كېرەك. ياشلار كۇلۇبى، ئۆسمۈرلەر مەشرىپى، چاي پارتىيەسى، پۇتبۇل كۈنى، كىنو كېچىلىكى، ئۇيغۇرلۇق مۇسابىقەسى دېگەنگە ئوخشاش شەكىللەرنى قوللىنىپ ئۇلارغا تونۇشۇش، دوستلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەرنى ئۇيغۇرلۇققا باشلايمىز دېسەك، ئۇلارغا سورۇن يارىتىش كېرەك. مەدەنىيەت كۆرىكى، سەنئەت فېستىۋالى، ئىجادىيەت كۆرگەزمىسى دېگەن شەكىللەر بىلەن ئۇلارنى ئۇيغۇرلۇقتىن ئوزۇقلاندۈرۈشقا باشلاش كېرەك. مەسىلەن، 2022-يىلى بېرلىندا، 2023-يىلى ستوكھولمدا شۇنداق پائالىيەتلەرنى قىلدۇق، قوللاش، ئىشتىراك، تەلەپ بولسا يەنە قىلىمىز.

ساياھەتنى ئورتا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار توپلاشقان قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبەكىستانغا ئوخشاش يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش پەرزەنتلەرگە ئۇيغۇرلۇق سۆيگۈسى ئاتا قىلىدۇ. ئۇ يەرلەردىكى ئۇيغۇر مەكتەپلەردە بالىلارنى بىرەر ئاي ئوقۇتۇش، مەشرەپلەرگە قاتناشتۇرۇش، ئۇيغۇر مەھەللە ۋە قىشلاقلارنى كۆرسىتىشمۇ كىملىكنى كۈچلەندۈرۈشكە پايدىلىق. ئاۋۇسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ساقلاشتا ئەڭ ئۇتۇقلۇق ئۇسۇلى ۋەتەندىن كېلىن ۋە كۈيئوغۇل ئىمپورت قىلىش ئىدى. بىز ۋەتەنگە بارالمىغاندا ئۇيغۇر مەكتەپ بار يەر، ئۇيغۇر مەھەللە ۋە بازارلار مەۋجۇت يەرلەر بىزگە ۋەتەننىڭ پۇرىقىنى بېرىدۇ. شۇ يەرلەردىن قۇدا باجا، ئۇرۇق تۇغقان بولۇشمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان تاللاش.

ئۇيغۇرلۇقنى ساقلاش، ئۇيغۇرغا دادا، ئانا، كېلىن، كۈيئوغۇل، بوۋا، موما بولۇش دېگەنلىكتۇر. بۇ ئاتا ئانا ۋە قېرىنداشلار بىلەن قۇچاقلىشىدىغان كۈننى ساقلاۋاتقان، ئاتا ئەجدادىنىڭ تۇزىغا خىيانەت قىلمايدىغان ھەر قانداق ئۇيغۇر يۈرەكنى تۇتۇپ بېقىپ شەخسىي، مەخپى قىلسىمۇ بولىدىغان، مۇرەسسەسىز قىلالايدىغان ئەڭ موھىم، ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ بىخەتەر ۋە قولاي ئىنقىلاپ، ئىزىمىزنى ئۆچۈرمەيدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك سۇغۇرتا.

مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلۇق بىز بىر كېسەك بىر كېسەكتىن بەرپا قىلىدىغان بىنادۇركى، ھەرگىزمۇ بىز چوڭ بولغان قورۇ ئەمەس. ئۇيغۇرلۇق بىزنىڭ، يەنى بىزدەك ۋەتەندە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلەرنىڭ تەقدىرى، ھەمدە تەلىيى ئىدى، ئەمما مۇھاجىرەتتە چوڭ بولۇۋاتقان پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئۇ تەلەي، تەقدىر ئەمەس، بەلكى بىر تاللاشلا بوپ قالدى خالاس. بىز بىرىنچى ئەۋلات ئۇيغۇر بولماي تۇرالمايمىز، ئۆزگىرىشكە تىرىشىپ باشقا مىللەتكە ئايلىنىپ ياشىيالمايمىز، ئەمما بىزنىڭ بالىلىرىمىز ھېچ تىرىشمايلا قوش مىللەتلىك بولۇپ بولدى، تىلىمۇ خەقكە مايىل، ئۆزىمۇ خەقنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، دىققەت قىلمىساق بىر چەتئەللىككە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرسىزمۇ، ئۇيغۇرچە سۆزلىمەيمۇ، ئۇيغۇر بولمايمۇ ياشىيالايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ئۇيغۇرلۇقنى تاللىتىش، ئۇيغۇر بولۇشنى ئۆگىتىش، ئۇيغۇرلۇققا كۆندۈرۈش تەشۋىقات، تەبلىغ، تەربىيە ئەمەس سېستىمىلىق پىلان تەلەپ قىلىدۇ. بۇ پىلاندا گۆدەكلىك، بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىققا ئوخشاش باسقۇچلاردا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ تەپسىلاتى بولۇشى كېرەك. بۇ لايىھە بۆشۈكتىن باشلىنىپ ئىككى ئۇيغۇر ئەۋلادىنىڭ بىر ئۆينى ئۇيغۇرچە ياسايدىغان بولۇشىغىچە، پەرزەنتىنى ئۇيغۇر مەكتەپكە بەرگۈدەك ئاڭغا كېلىشىگىچە داۋام قىلىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئېفىئوپىيەنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 71 گە يەتتى

چا يانۋار 1 , 2025
بۇ 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېفىئوپىيەنىڭ سىداما ئىشتاتىدا سۈرەتكە ئېلىنغان ھادىسە نەق مەيدانى. شۇ جايدىكى ساقچى تارماقلىرى 30-چېسلا ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئېفىئوپىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سىداما ئىشتاتىدا 29-چېسلا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 71 گە يەتكەن. يولۇچىلار ئولتۇرغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى شۇ جايدىكى بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ دەرياغا چۈشۈپ […]
ئېفىئوپىيە

You May Like