تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشمۇ ياكى ئىرقى قىرغىنچىلىقمۇ؟

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشمۇ ياكى ئىرقى قىرغىنچىلىقمۇ؟

 تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشمۇ ياكى ئىرقى قىرغىنچىلىقمۇ؟

ھەبىبۇللا ئىزچى 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 11-مارت

2022- يىلى 3- ئاينىڭ 10-كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ زۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىدا « تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشمۇ ياكى ئىرقى قىرغىنچىلىقمۇ»  دېگەن تېمىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن. سۆھبەتنى Prof. Dr. Björn Alpermann ئورۇنلاشتۇرغان . 

2017-يىلدىن باشلاپ خىتاي غەربىي شىمالدىكى «شىنجاڭ» رايونىدا  (شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان )ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلەندى. بۇلار «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دە مىليونلىغان كىشىنىڭ قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، ئىسمى -جىسمىغا لايىق ساقچى دۆلىتى قۇرۇش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بۇ ھەقتە  بەزى تەتقىقاتچىلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىندى دەپ  خۇلاسىلىدى.  بۇ ئەيىبلەشلەر يەنە باشقا تەدبىرلەرنىمۇ  ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئاقلاپ، «شىنجاڭ» سىياسىتىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە ئىسلام ئاشقۇنلۇقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ زۆرۈر تەدبىرلىرى سۈپىتىدە بايان قىلىدۇ.

بۇ سۆھبەتتە ئەيىبلەش ، ۋە شۇنداقلا جۇڭگونىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مۇلاھىزە قىلىنغان.شۇنداقلا يەنە خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى نوپۇس سىياسىتى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىنغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دۇنيادا تۇنجى چوشقا يۈرىكىنى ئالماشتۇرغان بىمار ئۆلۈپ كەتكەن

جۈ مارت 11 , 2022
دۇنيادا تۇنجى چوشقا يۈرىكىنى ئالماشتۇرغان بىمار ئۆلۈپ كەتكەن

You May Like