تەرجىمە:خوڭكوڭ تاراتقۇسى: چېن چۈەنگونىڭ شنجاڭدىكى زۇلۇم سىياسىتى خىتايدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە «ئېكسپورت» قىلىنماقچى

ھەر يىلدىكى ئىككى يىغىندا، شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش ھەر دائىم مۇھىم تېما بولىدۇ،

خوڭكوڭ مىڭباۋ گېزىتى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىلى 27- فېۋرال

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-28

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ھەر يىلدىكى ئىككى يىغىندا، شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش ھەر دائىم مۇھىم تېما بولىدۇ، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ مېتودى بۇلتۇردىن بېرى خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى. بېيجىڭدىكى خەۋەردار زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈچ يىل ئالدىدا چېن چۈەنگو تىبەتتىن شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستان-ت) يۆتكىلىپ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، ئۆز ۋاقتىدا خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرىتارى شى جىنپىڭغا تىلخەت بېرىپ، ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭنىڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئامانلىق ساقلاش ۋەزىيىتىدە پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مانا ھازىر بۇ ئۈچ يىل مۇددەتمۇ توشاي دېدى، شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئىككى يىلدىن بېرى ھېچقانداق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى سادىر بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ( غەربتە « قايتا تەربىيەلەش لاگىرى» دەپ ئاتالدى) ئېچىلىشى خىتاي كومپارتىيەسى يۇقىرى قاتلىمىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. شىنجاڭنىڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئەندىزىسى پىشىپ يېتىلگەن تەجرىبە دەپ قارىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى باشقا ئۆلكە ۋە رايونلارغا، ھەتتا قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ «ئېكسپورت» قىلىنماقچى.

ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چېن چۈەنگودىن ئىلگىرىكى جاڭ چۈنشيەن ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا زور كۈچ بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرغان بولسىمۇ، بىراق تىررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە ئامانلىق ساقلاشتىكى ناچارلىشىشنى ئۈنۈملۈك ھالدا توسالمىغان. چېن چۈەنگو 2016-يىلى ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، ئۈچ يىل ئىچىدە شىنجاڭنىڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئامانلىق ساقلاش ۋەزىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەن. شۇندىن باشلاپ، شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) كەڭ كۆلەمدە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» تەكشۈرۈلدى ۋە كادىرلار تەڭشەلدى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ئۇمۇميۈزلۈك ماسلىشىش نەتىجىسىدە، ئىلگىرىكى ھەر يىلدا 100 دىن 200 قېتىمغىچە تېررورلۇق ھۇجۇمى بولىدىغان شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت)، ئالدىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ھېچقانداق تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرمىدى.

باشقا ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭدىكى مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېقىندا شىنجاڭنىڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) تېررورىزمغا قارشى تورۇش ھەققىدە مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ، فىلىمنىڭ مەزمۇنى «مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بەزى ئانالىزلارغا كۆرە، بۇ چېن چۈەنگونىڭ شىنجاڭنى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئىدارە قىلىشىغا چىقىرىلغان خۇلاسە، ھەتتا چېن چۈەنگونىڭ شىنجاڭدىن (شەرقىي تۈركىستان-ت) بېيجىڭغا قايتىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى دەپ قارالماقتا.

ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا، خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم چەتئەلنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل دېپلوماتلىرىنى شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستان-ت) تەكلىپ قىلىپ، كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلدۇردى. بۇ ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، پاكىستان، ۋېنېسوئېلا، كامبودژا، رۇسىيە، سېنېگال، بېلورۇسىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەتنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە باشقا ئاساسلىق دىپلوماتلىرى شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستان-ت) كېلىپ زىيارەتتە بولدى.

خەۋەردار زاتنىڭ گېزىتىمىزگە بىلدۈرۈشىچە، زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان. تەكلىپ قىلىنغۇچىلار بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى بولۇپ، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشىغا بولغان ئەنسىرەشلەرنى يوقىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەتلەر ئارىسىدا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىش، ھەمدە ئاتالمىش شىنجاڭ ئەندىزىسىنى كېڭەيتىشنىڭ ئالدىنقى تەييارلىقىنى قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

بۇلتۇر 6- ئايدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى جاۋ كېجى باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت)  تېررورىزمغا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇلتۇر 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا، نىڭشيانىڭ سىياسىي- قانۇن كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستان-ت) كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنىڭ دەسلەپتىكى «ئىشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قىلىش» تىن ھالقىپ، پەيدىنپەي پىششىق تەجرىبە ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئالدىنقى ھەپتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، «شىنجاڭنىڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقىنى يوقىتىشى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتەك «خەلقئارالىق قىيىن مەسىلىنى» ھەل قىلىشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى، بۇ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.» باياناتتا يەنە ئەلچىلەر ۋە ۋەكىللەرنىڭ «بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەجرىبە ئۆگىنىشكە ۋە ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدۇ» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەتمۇ خىتاي زىيارىتىدە، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى يۇقىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ھوقۇقى بارلىقىنى، سەئۇدى تەرەپنىڭ ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىنجاڭدىن (شەرقىي تۈركىستان-ت) كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شۇ جاينىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شەھەرلەردىكى بەزى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش نوقتىلىرى بىكار قىلىنغان، بىراق مەھەللىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلارغا كىملىك سۈركەش ئارقىلىق كىرىپ- چىقىدىكەن، بەزى جايلاردا ئەگەر شۇ ئولتۇراق رايۇننىڭ ئاھالىسى بولمىسا، كىرىپ-چىققاندا كىملىكىگە كىرىپ-چىقىش كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك ئىكەن. بۇندىن تاشقىرى، ئاھالىلەر كومىتېتى قاراشلىق رايوندىكى دۇكاندارلار ۋە ئاھالىلەرنى گۇرۇپپىغا ئايرىغان ۋە مەسئۇللارنى تاللاپ چىققان بولۇپ، مەسئۇللارنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن، كوچا باشقارمىسى تەستىقلاپ ئىشقا تەيىنلەيدىكەن. مەسىلەن، مەھەللىلەردىكى دۇكاندارلارغا «ئون دۇكان بىرلىكتە قوغدىنىش» تۈزۈمى قوللىنىلغان بولۇپ، ئەزالار ساۋۇت، كالتەك، تۆمۈر قالپاق ۋە جىلىتكە، ئۆت ئۆچۈرگۈچ قاتارلىقلارنى سېتىۋالىدىكەن. ھەر دۇكانغا بىر كۇنۇپكا بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان، ئۈسكۈنە قوزغىتىلغاندىن كېيىن ئىككى مىنۇت ئىچىدە يىغىلىپ بولۇش شەرت بولۇپ، ساقچىلارمۇ شۇ ھامان يېتىپ كېلىدىكەن.

بۇندىن تاشقىرى، شىنجاڭنىڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) سىرتىدا سېتىۋالغان تېلېفون كارتىلىرى بىلەن شۇ جايدا 4 گ تورنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان بولۇپ، ساقچىلار نىشان قىلغان كىشىلەرنىڭ تېلېفونىنى تېررورىزمغا ئالاقىدار مەزمۇنلار بارمۇ يوق دەپ ئارىلاپ تەكشۈرۈپ تۇرىدىكەن.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://news.mingpao.com/pns/%E4%B8%AD%E5%9C%8B/article/20190227/s00013/1551205408771/%E9%90%B5%E8%85%95%E6%B2%BB%E7%96%86-%E9%99%B3%E5%85%A8%E5%9C%8B%E8%A1%A8%E7%8F%BE%E7%8D%B2%E4%B8%AD%E5%A4%AE%E8%82%AF%E5%AE%9A-%E5%8F%8D%E6%81%90%E6%A8%A1%E5%BC%8F%E6%88%96%E3%80%8C%E8%BC%B8%E5%87%BA%E3%80%8D%E4%BB%96%E7%9C%81%E9%84%B0%E5%9C%8B

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

دەۋا ئۇقۇمى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە

سە مارت 5 , 2019
بۇ يازمىدا دەۋا قىلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە بېرىلىپ، نۆۋەتتىكى دەۋا پائالىيەتلىرىمىز تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. پات ئارىدا تۈركىيىدىكى تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئويلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان بىر دەۋا پائالىيىتى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

You May Like