خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا قەرىز بېرىش قىلتىقى ئۇنىڭ جاھانگىرلىك قارا نىيىتىنىڭ بەلگسىدۇر
China’s debt traps around the world are a trademark of its imperialist ambitions
ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى
جون پومفرىت (John Pomfret )
ئېلان قىلنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 27- ئاۋغۇسىت
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : رۇسسو
مالايسىيە باش مىنستىرى ماخاتىر موھەممەت ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغاندا مالايسىيا ھۆكىمىتىنىڭ قىممىتى نەچچە مىليارد دوللار بولغان ئىككى خىتاي قۇرلۇشىنى توختاتقانلقىنى ۋە سەۋەبىنىڭ بولسا بۇنچىۋالا قەرزنى دۆلەتنىڭ تۆلەپ بولالمايدىغانلقىنى بايان قىلدى. ئو يۈزلىرى جىددى تۈس ئالغان ساھىپخان ـ خىتاي باش مېنسترى لى كىچىياڭغا « بىز بۇيەردە شەكلى ئۆزگەرگەن مۇستەملكچىلىكنى كۆرۈشنى خالىمايمىز » دېدى. ماخاتىرنىڭ سۆزلىرى كىنايىلەر بىلەن تولغان بولۇپ « قارشىڭلاردا ئامېرىكا كىڭەيمىچىلىكىگە قارشى چىش – تىرنقىغىچە قارشى چىققان ، ئاسىيانىڭ پىشقان سىياسىئونى بار. خىتايمۇ ئىمېرىيالىست بىر دۆلەت بولۇشقا قاراپ مېڭۋاتىدۇ ۋە بۇ سىياسئون ئونىمۇ ئاگاھلاندۇرىدۇ» دېگەن يۇشۇرۇن سىگنالنى بەرمەكچى بولغاندەك قىلاتتى . ئو بۇ باياناتنى ،خىتاي كومىنستىك ئىنقلابىنىڭ ۋە بىيجىڭنىڭ « يەرشارىدىكى ئىزىلگۈچى خەلقىلەرنىڭ ۋاكالەتچىسى » دەۋالغان قۇرۇق شۇئارىنىڭ قىلبىنامسى بولغان خەلىق چوڭ سارىيىدا ئىلان قىلدى. بۇ يىل 93 يېشىدا پىرزدىنت سايلىمدا غەلبە قىلغان ماخاتر خىتاينىڭ نىيتىدىن گۇمانلاندى. ئەجىبا خىتاي يېڭى بىر مۇستەملىكچىگە ئايلىنۋاتامدۇ؟ بۇ سۇئال 2013- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر بەلباغ بىر يول قۇرلۇشىنى تۇنجى قېتىم ئوتترىغا قويغاندىن باشلاپ ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سورىلىپ كىلۋتىدۇ. بىر ۋاقىتلاردا ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرشىدىن كىين ياۋرۇپانىڭ ئاجىزلاشقان ئىقتسادىنى قايتىدىن جاللاندۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان مارشال پىلانىغا ئوخشىتلغان ۋە تىرىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان ، 70 تىن ئارتۇق دۆلەتتە تاشيول، تۆمۈر يول ، ئىنرگىيە ئىستانسسى، توسما ۋە تۇربا يوللىرىنى ياساۋاتقان بۇ قۇرلۇش ئانالىزچىلار تەرپىدىن ئامېرىكىنىڭ ئاليىجاناپلىقىنڭ ئىپادسى بولغان مارشال پىلانىنڭ تەقلىد نۇسخسى بولماستىن بەلكى خىتاينىڭ «قەرىز قىلتىقى دىپلوماتيەسى » بولۇپ بۇ ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنى چىرىكلەشتۈرۈپ ۋە بويسۇندۇرۇپ ئولارنى ئۆزىنىڭ چەتئەلدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى مەقسەد قىلغان قىلتاق دەپ قارالماقتا . گەرچە كەچرەك بولسىمۇ ، كەمبەغەل دۆلەتلەر ئاستا ئاستا ئويغىنشقا باشلىدى ۋە خىتايدىن ئالدىغان نەق پۇل قەرز مىقدارىنى ئازلىتشقا باشلىدى . قاراتاغ جۇمھۇرىيىتى ( مونتېگرو ) ئۆزىنىڭ ئادرياتىك دېڭىزىدىكى بىر پورتىدىن سېربىيەگە تۇتشىدىغان يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يول قۇرلۇشى ئۈچۈن خىتاينىڭ پۇلىنى ، ئىشچىللىرىنى ، قۇرلۇش ماتېرىياللىرى ۋە تېخنىكسىنى ئىشلەتكەن. لىكىن ھازىر يولنىڭ يېرىمىمۇ پۈتمەي تۇرۇپ بۇ كىچچككىنە بالقان دۆلىتى يەتكۈچە قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان. بۇ قەرز قاراتاغ جۇمھۇريتىنىڭ پۈتۈن مىللىي ئىشلەپچىقىرش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 80%دىن كۆپرەكىگە توغرا كېلىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندىنىڭ قارشچە قاراتاغ بۇ قۇرلۇشنى پۈتكۈزەلمەيدىكەن. سىرلانكا خىتاي بىلەن بىرقاتار بۈيۈك قۇرلۇش توختاملىرىنى ئىمزالىغاندىن كىين خىتايغا قەرىز بولۇپ قالغان بولۇپ ،قەرىزنى تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى خامبانتوتادىكى پورتىنى خىتاي شىركىتىگە 99 يىللىق ئۆتكۈزۈپ بېرشكە مەجبۇر بولغان .ئامېرىكا ۋە ياپۇنيە خىتاينىڭ بۇ پورتلارنى دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا ئايلاندۇرېۋېلشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ۋە بۇ سەۋەپتىن ئارال دۆلەتلىرىگە ئەسكىرى جەھەتتىن ياردەم بېرشنى ئاشۇرماقتا. چارشەنبە كۈنى سىرلانكا مۇداپئە مېنسترى خىتاينىڭ بۇ پورتنى ھەرقانداق ھەربىي مۇددىئا ئۈچۈن ئىشلتىشكە يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ خىتاينىڭ ھىچبولمسا ۋاقىتلىق بىر مەغلۇبىيتى ھېسابلىندۇ. پاكستان بولسا نەچچە يىل داۋاملاشقان سىياسىي چىرىكلىك ۋە ئىقتىدارسىزلىق شۇنداقلا خىتاي پۇلىغا بولغان تويماس ئىشتاھاسى سەۋەبىدىن ھازىر رەسمىي قەرز كىرزسىغا دۇچ كەلدى. پاكىستاندا بىر بەلباغ بىر يول قۇرلۇشى خىتاي ـ پاكستان ئىقتسادى كارىدورى دېگەن باشقا بىر نام بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا. پاكىستان ئىقتسادىنى جانلاندۇرۇش نامى بىلەن خىتاي پاكستانغا 62 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ ، ھازىرغىچە 27 مىليارد دوللارلىق بىر بۆلەك قۇرلۇش دەۋام قىلماقتا . دۇنيا پۇل فوندى (IMF) قاراتاغ جۇمھۇرىيىتنى ئاگاھلاندۇرغانغا ئوخشاش پاكستاننىمۇ ئاگاھلاندۇردى ۋە پاكىستان دۆلىتىنىڭ خىتايغا قەرىزنىڭ 10 مىليارد دوللارچىلىك قىسمىنمۇ تۆلەشكە قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ھازىر بولسا پاكىستاننىڭ يېڭى ھۆكىمىتى دۇنيا پۇل فوندىدىن جىددى قەرىز ياردىمى سوراشنى ئويلىشۋاتىدۇ.ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مېنسترى مايك پومپىئو ئىيولنىڭ ئاخىرىدا س ن ب س دا سۆز قىلپ مونۇلارنى دېدى، « دۇنيا پۇل فوندىنىڭ قولدىكى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ختاينىڭ مەبلەغ بازىرى ياكى خىتاينىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش قۇرلۇشلىرىغا سەرىپ قىلنشىنىڭ ھىچبىر ئەھمىيتى يوق ». پاكستاننىڭ «ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى» لىق سالاھىيتدىن پايدىلانغان خىتاي ئۆتكەن ئايدا، يەنى پاكستاننىڭ يېڭى مىنسترى، پالاق توپ ئەپسانسى، خەلقئارالىق تاماششاخومار ئىمرانخان سايلامدا غەلبە قىلغان كۈننىڭ ئەتىسى پاكستانغا يەنە 2 مىليارد دوللاردىن كۆپرەك قەرز بەردى. مالايسىيادىن باشقا يەنە بىر قانچە دۆلەت خىتاينىڭ قۇرلۇشلىرىنى توختاتتى ياكى كىچكتۈردى. مەسلەن بىرما (مىيەنمار ) 10 مىليارد دوللار قىممىتدىكى پورت قۇرلۇشىنى قايتدىن مەسلىھەتلەشمەكچى بولىۋاتىدۇ. نىپال خىتاي قۇرۋاتقان ئىككى ھىدروئېلىكترىك ئامبىرىنى توختىتىشنى ئويلىشۋاتىدۇ .باشقا دۆلەتلەر بولسا خىتايغا ئۆزىنى تۇتقۇزۇپ قويغان بولۇپ ، ھىچىنمە دىيەلمەيۋاتىدۇ. لىكىن بۇ يەردىكى ئەھۋال بولسا ئانالىزچىلارنىڭ ئىشلارنىڭ ئاللىبۇرۇن كىرزىس دەرىجسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىگە ئىشەنگۈدەك نوقتىغا كېلىپ بولغان . خىتاي لائوستا قۇرغان تۈمۈر يولنىڭ تەننەرخى لائوس ئىچكى ئىشلەپچىقىرش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمغا توغرا كېلىدۇ. خارۋارد ئۇنۋىرستىتى كىنندى فاكولتىتىنىڭ ئىككى نەپەر تەتىقىقاتچىسىنىڭ دوكلاتىدا ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنستىرى گەرز ئىۋاننىڭ (Garath Evan) لائوس ۋە كامبودژان ھەققىدە «ئولارنىڭ ھەربىرىنىڭ خىتايدىن 5 مىلياردتىن قەرز ئېلىپ ھازىر پۇتۈنلەي خىتاينىڭ قارام دۆلىتىگە ( مەلۇم دۆلەتنىڭ سىزغان سىزقىدىن چىقمايدىغان ۋە شۇ دۆلەت تەرپىدىن باشقۇرلدىغان دۆلەت ـ تەرجىماندىن ) ئايلىنىپ بولغانلقى» نى بايانىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. مالايسىيادا ، يېڭى زۇڭتۇڭ ماخاتىرنى ئەندشىگە سالىغىنى بولسا بۇرۇنقى زۇڭتۇڭ نەجىپ رازاق تەرپىدىن ئىمزالانغان بىر قاتار خىتاي تەرەقىيات قۇرلۇشلىرىدىن ئىبارەتتۇر .نەجىپ بۇيىل سايلامدا مەغلۇپ بولغان بولۇپ ھازىر چىرىكلىشىش سەۋەبى بىلەن تەكشۈرلىۋاتىدۇ. كۈزەتكۈچىلەر ھازىر نەجىپ رازاقنىڭ يېقىنلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان توختاملارنى بىكار قىلماي نەجىپ كىينكى قېتملىق سايلامغا قاتناشقان ۋاقىتتا يەنە خىتاي مەبلىغنى ئىشلىتىش ئىھتىمالىنىڭ بار يوقلىقىنى تەكشۈرۋاتىدۇ. بۇلار خىتاي كومىنست پارتىيسىنىڭ ئەڭ موھىم پىرنسىپلىرىدىن بىرى بولغان «تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرنسپى » نىڭ ئۈچىنچسى « بىربىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشماسلىق» پىرنسپىغا خىلاپ. بۇخىل كولدۇرلىتىش بۇنىڭلىق بىلەن قالمىدى . بۇ بەش پىرنسپنىڭ بىرنچىسى « بىربىرىنىڭ زىمىن پۈتۈنلىكى ۋە ئىگلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش». لىكىن خىتاي ، بۇرۇنقى غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ شاڭخەي ،تىيەنجىن ۋە گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە چەتئەل ئولتۇراق رايۇنى قۇرغىنغا ئوخشاش ، مالايسىيا ھەم پاكستاندا قۇرلۇش قىلۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى پەقەت خىتايلارنىلا ئاساس قىلغان ئولتۇراق رايۇنلارنى قۇرۇشنى ئويلىشۋاتىدۇ. مالايسيا يېرىم ئارلىنىڭ ئۇچىدىكى فورېست شەھرى بولسا 4 تال سۈنئي ئارالدىن تەركىپ تاپقان خەلقئارالىق شەھەر بولۇپ 700 مىڭ كىشىنى سغدۇرالايدۇ. بۇ شەھەرنىڭ قۇرلۇشلىرى بىر خىتاي شىركىتى تەرپىدىن لاھىيلەنگەن بولۇپ ، سېتىپ چىقرىشتا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن خىتايلار نىشان قىلنغانلىقى ئۈچۈن مالايسيالىقلار ئۈچۈن بەكلا قىممەت توختىغان .بۇخىل ئەھۋال مالايسىيادىكى مالايلار، ھىندستانلىقلار ۋە خىتايلار ئارسدىكى نوپۇس نىسبىتىنى ئىگىز ـ پەس قىلۋىتدىغان بولۇپ مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن يېڭى بىر ۋەھىمە كەلتۈرۈپ چىقارغان . پاكستاندىمۇ ئەھۋال شۇنداق، خەۋەر قىلنشچە، گىۋادار پورتىنىڭ ئەتراپىدا 500 مىڭ كىشىلىك خىتاي رايۇنى بار. گىۋادار پورتى خىتاينىڭ « مەرۋيىتلار زەنجىرى String of pearls » قۇرۇلۇش دەپ ئاتلىدىغان پورت قۇرلۇشى بولۇپ ، بۇ پورتنى خىتاي ھىندى ئوكياندىن ئافرىقىغا تۇتشدىغان دېڭىز ئارمىيە بازسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان بولىشى مۇمكىن . بۇنىڭدىن باشقا خىتاي شىركەتلىرى تېرورىزىم ۋە گۆرۆگە ئېلۋېلىش ۋەقەلىرىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى سەۋەبدىن مىڭلىغان خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئىشلتدىغان بولۇپ ، بۇلار پاكستان قانۇنىغا خىلاپ بىرشەكىلدە ھەركەت ئېلىپ بارماقتا. ئەگەر بۇ باشقا بىردۆلەتنىڭ زىمنىغا كىرۋېلىش بولمىسا ئۇنداقتا نىمە ئىكەنلىكى ئېنىق بولمغان بىر مۇئەمما. خىتايلار ئۆزىنىڭ دۆلەت سىستىمىسىنى « خىتايچە سوتسيالىزىم» دەيدۇ . ئەمما بۇنى « خىتايچە جاھانگىرلىك » دېسەك تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. مەنبە: https://www.washingtonpost.com/news/global-opinions/wp/2018/08/27/chinas-debt-traps-around-the-world-are-a-trademark-of-its-imperialist-ambitions/?noredirect=on&utm_term=.b478ea9025ab