تەرجىمە:«خىتاي چۈشى» نىڭ قاراڭغۇ تەرىپى- مىللى كىملىكنى يوقىتىش

2018- يىل 17- ئاۋغۇست، «دىپلومات» ماقالىسى

ئاپتور: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمى دېرىكتورى- نىكولاس بېكۇلىن

«خىتاي چۈشى» نىڭ قاراڭغۇ تەرىپى- مىللى كىملىكنى يوقىتىش

خىتاي كومپارتىيىسى مەدەنىي، دىنىي ۋە مىللىي پەرقلەرنى رەھىمسىزلەرچە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

 

 

2018- يىل 17- ئاۋغۇست، «دىپلومات» ماقالىسى

ئاپتور: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمى دېرىكتورى- نىكولاس بېكۇلىن

تەرجىمە قىلغۇچى: تارىم قىزى

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

 

دۆلەتنى قۇدرەتلىك قىلىدىغان نەرسە زادى نېمە؟ 19- ئەسىردە ھۆكۈمران كۈچنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا ياشاشقا گۇۋاھ بولغان خىتاي زىيالىلىرى بۇ سوئال ھەققىدە ئىزدەنگەن ئىدى. شۇنىڭدىن بىر- ئىككى ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي رەھبەرلىرى ئىچكى كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈش ۋە چەتئەللەردىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئېھتىياجى ھەر قاچانقىدىنمۇ كۈچىيىپ، ئوتتۇز يىلدىن بېرى ئالىي نىشان قىلىپ كەلگەن «تېز سۈرئەتتە زامانىۋىلىشىش» قەدىمىنى ئاستىلاتتى. ئالىي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پولاتتەك تۈزۈملىرى ئاستىدا، خىتاي ھاكىمىيىتى رەھبەرلىرى «جۇڭگو چۈشى» گە ئىنتىلىشنى نىشان قىلغان ھالدا ئىتتىپاقلىشىپ، «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىشى» نىڭ تارىخى مۇقەررەرلىكىنى ئىسپاتلاشقا بەل باغلىدى. ئ‍ۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق پۇقرالارنىڭ بىردەك بولۇشى، بىر پارتىيىلىك ھاكىمىيەتكە قارشى تەھدىت بولۇشى مۇمكىن بولغان مەدەنىي، دىنىي ۋە مىللىي پەرقلەرنىڭ تامامەن يوقىتىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ.

ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، تۈركىي قەۋملەردىن بولغان ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا تىبەتلەر خىتاينىڭ غەربىدىكى ئاھالىنىڭ ئاساسلىق قىسىمى بولۇپ، مىللىي كىملىكنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بۇ سېستىمىلىق زەربىنىڭ تىغ ئۇچى ئالدى بىلەن ئۇلارغا قارىتىلدى. ھازىر ئۇلارغا نىسبەتەن قىلچىلىك پەرقلىق بولۇشقىمۇ يول قويۇلمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن بولۇپ، «مىللىي بىرلىك» شوئارى ئاستىدا، مەدەنىيەت ۋە دىن جىنايەتتىن دېرەك بېرىدىغان نەرسىگە ئايلاندى. 

ئىنسانىيەتكە قىلىنىۋاتقان بۇ زىيانكەشلىكلەر بۇ ھەپتە ب د ت دا ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گەي مەكدوگال سۆزىدە شىنجاڭ (ش ت-ت) نىڭ ھازىر مىليونلىغان كىشىلەر ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالغان كىشىلىك ھوقۇقسىز رايونغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ۋەكىللىرى بۇ سۆزنى رەت قىلدى. «يەر شارى ۋاقت گېزىتى» نىڭ دۈشەنبىدىكى ماقالىسىدە يېزىلىشىچە، ئۇلار «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دانا رەھبەرلىكى ۋە خەلقنىڭ غايەت زور كۈچى بىلەن شىنجاڭ (ش ت- ت) كەڭ كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىقنىڭ ۋەھىمىسىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىندى» دېگەن. ئەمما بۇ رايون ھازىر ھەممە يەرگە ئورنىتىلغان نازارەت سېستىمىلىرى، كۈندىن – كۈنگە كېڭىيىۋاتقان «قايتا تەربىيىلەش» مەركەزلىرى، تولۇق قوراللانغان كوچا چارلىغۇچىلار، دوقۇمۇش- دوقمۇشقا قۇرۇلغان تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى ۋە ئۆيلەرگىچە ئۈسۈپ كىرىدىغان ساقچىلار… قاتارلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان يېرىگە ئايلىنىپ قالدى. ئاتالمىش «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» سىياسىتىنىڭ تۈزۈلمىلىرىگە ئاساسەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىلىشى چەكلىنىپ، دىنىي ۋە مەدەنىي تۈسكە ئىگە ئۆرپ- ئادەتلەر تەقىپ قىلىندى، ياغلىق چىگىش ياكى «بىنورمال ساقال» قويۇش قاتارلىقلار «ئاشقۇنلۇق»  دەپ قارىلىپ، قەتئىي مەنئىي قىلىندى. 

 يەرلىك ھاكىمىيەت يەنە «ئائىلىلەر قۇرئان ۋە باشقا دىنىي كىتابلارنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىش، ئىسلامچە ئىسىم قويۇلغان بالىلارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش، مەكتەپلەردە روزا تۇتۇشنى نازارەت قىلىش، ناماز ئ‍وقۇغان ياكى دىنىي كىتابلارنى ساقلىغان كىشىلەرنى لاگېرلاغا يوللاش» قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى چەكلەيدىغان تۈزۈملەرنى يولغا قويدى. 

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش مەكتەپلەردىن باشلاندى. ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2020- يىلىغىچە ئۇيغۇر بالىلىرىغا «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ ئومۇملىشىنى %90 كە يەتكۈزۈش نىشانلانغان بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە «خىتاي تىلىنى ئاساسلىق قوللىنىلىدىغان تىل قىلىپ، ئانا تىل- ئۇيغۇر تىلىنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش ۋە ئۇنى قوشۇمچە ئۆگىنىدىغان بىر دەرسكە ئايلاندۇرۇش» دېگەنلىك. 

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىمۇ «جۇڭخۇا مىللىي بىرلىكنى تەكىتلەش باھانىسىدە مىللىي ۋە دىنىي كىملىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» تاكتىكىسىنى قوللانغان. تىبەت تىلى قوغدىغۇچىسى تاشى ۋاڭچۇك 5- ئايدا «بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىش» جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ۋە ئۇنىڭ خىتاينىڭ تىبەت تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتىكى خاتالىقلىرى بايان قىلغان بىر ھۆججەتلىك فىلىمىگە قارىتا بەرگەن ئىنكاسى «دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە تەھدىت سېلىش» جىنايىتىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارالغان. 

دالاي لاما «بۆلگۈنچى ئۇنسۇر» دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭ سۈرىتىنى ئېسىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ بەلگىلەنگەن. مىڭلىغان دۆلەت كادىرلىرى راھىبلارنىڭ ئائ‍ىلىرىگە ۋە بۇتخانىلارغا ئۇلارغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تىبەت راھىبلىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇتخانىلاردا «تىبەت تىلى ئۆگىنىش كۇرسى» قاتارلىق ھەر قانداق ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى مەنئىي قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەكسىچە، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى مىڭلىغان ئەلاچى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى يۇرتىدىن يىراق بولغان ئۆلكىلەردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتىۋېتىلگەن، ئىسكەنجىلىك شۇ يىللاردا بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى تىبەت تىلى قوشۇمچە قىلىنغان دۆلەتلىك مائارىپ ئۆلچىمىدە تەربىيىلەنگەن ۋە خىتاي مەدەنىيىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن مۇھىتتا ياشىغان، تىبەت مەدەنىيىتى ۋە بۇددا دىنىغا ئائىت پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان. ئۇلار يەنە «بەشنى تونۇش- خىتاي دۆلىتىنى تونۇش، خىتاي مىللىتىنى تونۇش، خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇش، خىتاي كومپارتىيىسىنى تونۇش، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىمنى تونۇش» تەربىيىسىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانغان.

خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى سىياسەتلىرى بەلكىم بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ كىملىكى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىنى يوقىتىشتا ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا مەجبۇرى قوللىنىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ سېستىمىلىق كەمسىتىش سىياسەتلىرىنىڭ خورلۇقىنى يەتكۈچە تارتقان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ئازابلىق كەچۈرمىشلىرى يونۇپ چىقىرىلغان بۇ يېڭى بىرلىكنىڭ ئاساسىنىڭ مەجبۇرى ھوقۇقسىزلاندۇرۇش ۋە ئۆچمەنلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

بۇ ئىككى رايوندا سىناق قىلىنغان باستۇرۇش ۋە نازارەت رەپىتىسلىرى نۆۋەتتە خىتاي جەمئ‍ىيىتىدىكى باشقا «گۇمانلىق» دائىرىلەرگە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشقا باشلىدى. بۇ- ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى «ئۇلۇغ يولباشچى» دەپ تىلغا ئالىدىغان رەئىس شى نىڭ ئەقىل- پاراسىتىدىن مەڭگۈ گۇمانلانمايدىغان، قۇلىقى يۇمشاق پۇقرالارغا قويۇلىدىغان بىر سوئال.

كۆپىنچە ھاللاردا رەھبەرلەر باشقىلارنى يەكلەش ۋە چەتكە قېقىش ئارقىلىق كۈچلۈك، بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنى قۇرۇپ چىققىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، باشقىلارنى قورقۇتۇپ سۆزلىمەس، قارىماس قىلىش ۋە ئۆزىگە چوقۇندۇرۇش ئارقىلىق بىر- بىرىگە مەھكەم يېپىشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا چىنپۈتىدۇ. ئەمما ئۇلار خاتالىشىۋاتىدۇ. مۇۋەپپىقىيەت جامائەتنى قورقۇتۇش ۋە ۋە چەكلەپ يوقىتىشتا ئەمەس، بەلكى باراۋەرلىك ۋە ئۆز- ئارا ھۆرمەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۇيغۇرلارنى، تىبەتلەرنى ۋە يەنە باشقىلارنى تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدىغىنى قانۇنى جازا بىلەنلا ئەمەس، باشقا پۇقرالارغا ئوخشاش ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە بولغان باراۋەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش.

دۆلەت- رەڭگا-رەكلىكنى قوبۇل قىلىش، ئىرقى، مىللىتى، تىلى، دىنى ئوخشىمىغان ھەر مىللەت پۇقرالىرىغا ھۆرمەت ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىشنى قانۇن قىلىش ئارقىلىق راۋاجلىنىدۇ. خەلقنى پەرقلەرنى يوقىتىشقا مەجبۇرلاپ، بىرلىككە كەلگەن مىللىي كىملىكنى زورلاپ تېڭىش تارىختىن بۇيان جېدەل- غەۋغا ۋە زور كۆلەملىك تىراگىدىيىلەرگە سەۋەب بولۇپ كەلگەن. خىتاي قىلمىشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ھېلىمۇ ئۈلگۈرىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى-  ئىشنى ب د ت نىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سېلىشتىن باشلاش بولۇشى مۇمكىن. 

مەنبەسى: https://thediplomat.com/2018/08/the-dark-side-of-the-china-dream-erasing-ethnic-identity/

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

تەرجىمە:خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۇسۇللىرى

چا سېنتەبىر 12 , 2018
خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۇسۇللىرى- جاسۇسلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا ھەقلىق تېما يازغۇزۇش، خەۋەرلەرگە ئېتىبارسىز قاراپ، گويا بۇنداق ئىشلار يوق قىياپەتتە تۇرىۋېلىش

You May Like