تەرجىمە:گېرمانىيە ئاۋازى : گېرمانىيە نىمە ئۈچۈن نەچچە يۈز مىليون ياۋرو خەجلەپ خىتايغا ياردەم بىرىدۇ؟

گېرمانىيە ھۆكىمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى خىتاي گېرمانىيەدىن 630 مىليون ياۋرو ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشكەن بولۇپ، شۇ يىل گېرمانىيە تەرەققىيات ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلىگەن ئۈچۈنجى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغان. 1979-يىلدىن تا ھازىرغا قەدەر، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا بەرگەن تەرەققىيات ياردەم مەبلىغى 10 مىليارد ياۋروغا يەتكەن.

گېرمانيە ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى : 2019-يىلى 19-سېنتەبىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سايئوغلى

كوررېكتور: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-09-20

 

 

گېرمانىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھازىرمۇ گېرمانىيە تەرەققىي قىلىش ياردىمى بېرىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەتلەردىن بىرى ئىكەن. گېرمانىيە ھەر يىلى خىتايغا نەچچە يۈز مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى ياردەم تۈرلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ياردەملەرنىڭ نىمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى  نۇرغۇن ئادەملەر ئويلاپ يىتەلمەيدىكەن.

گېرمانىيە ھۆكىمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى خىتاي گېرمانىيەدىن 630 مىليون ياۋرو ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشكەن بولۇپ، شۇ يىل گېرمانىيە تەرەققىيات ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلىگەن ئۈچۈنجى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغان. 1979-يىلدىن تا ھازىرغا قەدەر، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا بەرگەن تەرەققىيات ياردەم مەبلىغى 10 مىليارد ياۋروغا يەتكەن.

يۇقارقى سان سىفىرلار گېرمانىيە ئاخباراتىنى گاڭگىرىتىپ قويغان. چۈنكى، خىتاي ھازىر دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە، يەنە كىلىپ خىتاي ئافرىقىدىكى بىرمۇنچە دۆلەتلەرگە ياردەم بىرىۋىتىپ تۇرۇپ، يەنە نىمە ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ ئۇ قەدەر چوڭ سوممىدىكى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ؟

«دۇنيا ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋىرىگە كۆرە، 2017- يىلى گېرمانىيە خىتايغا بەرگەن تەرەققىيات ياردەم مەبلىغىنىڭ ئەڭ چوڭ بىر قىسمى 270 مىلىيون ياۋرو بولۇپ، بۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى قوللىغان «فۇشىڭ تەرەققىيات بانكىسى» غا تەمىنلىگەن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز ئىكەن. ئىككىنجى بىر قىسمى بولسا 260 مىلىيون ياۋرو بولۇپ، بۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن كىلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئاجراتقان چىقىم ئىكەن. گېرمانىيەدىكى ئۇنۋېرستلارنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەت ئۇنۋېرستلىرى بولۇپ، بۇ مەكتەپلەرگە تىزىملاتقان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا دۆلەت ئىقتىسادى مەبلەغ سالىدىكەن.

گېرمانىيە سىياسى ساھەسىدە، خىتايغا تەرەققىيات ياردەم مەبلىغى بېرىشكە قارىتا تەنقىتلەر كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. مۇخالىپەتچى پارتىيەلەرگە تەۋە بولغان كۆپلىگەن  پارلارمېنت  ئەزالىرى:«خىتايغا بىرىلىۋاتقان تەرەققىيات ياردەم مەبلىغى چوقۇم قايتا مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك، ئىقتىسادى گەۋدىسى تولىمۇ چوڭ بولغان بىر دۆلەتكە يەنە ئىقتىسادى ياردەم بىرىش، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ پۇخرالىرى ۋە باج تۆلىگۈچى ئاممىنى قايىل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش، بولۇپمۇ تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بىرىلگەن پۇل ئەسلىدە تېخىمۇ ياخشى يەرلەرگە خەجلىنىشى كېرەك ئىدى» دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گېرمانىيە تەرەققىيات ھەمكارلىق مىنىستىرى گەرد مۈللېر
گېرمانىيە تەرەققىيات ھەمكارلىق مىنىستىرى گەرد مۈللېر

«دۇنيا ئاگېنتلىقى » گېرمانىيە تەرەققىيات ھەمكارلىق مىنىستىرى گەرد مۈللېرنىڭ (Gerd müller) مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل قىلدى:«خىتاي ھازىر تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتتىن ئاللىقاچان بىر ياردەم مەبلىغى چىقىرىش دۆلىتىگە ئايلاندى. بۇ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى (ياردەم مەبلىغى بېرىش) ساقلاپ قېلىشتىكى مەقسەت بولسا، خىتاينى داۋاملىق گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى ھالىتىدە ساقلاپ قىلىش، بولۇپمۇ دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا. مەسىلەن، ھاۋا كېلىماتىنى قوغداشقا ئوخشاش مەسىلىلەردە خىتاي بولمىسا بولمايدۇ. يەرشارى كېلىماتىنىڭ كەلگۈسىمۇ خىتاي ۋە ھىندىستانغا باغلىق بولۇپ،  ئۇيەردىكى خەلقنىڭ داۋاملىق كۆمۈر ئىشلىتىشى ياكى يىڭى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئىنىرگىيلەرنى بايقاپ ئىشلىتىشىگە باغلىق».

گەرد مۈللېر يەنە گېرمانىيە-خىتاي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يىڭى بىر يۆلىنىشتە بولىشىنى، يەنى گېرمانىيە مەبلەغ چىقارغۇچى، خىتاي مەبلەغ قوبۇل قىلغۇچى بولماستىن، تېخىمۇ ئاكتىپ، باراۋەرلىك ئاساسىدىكى بىر مۇناسىۋەتنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

مەنبە:

https://amp.dw.com/zh/德国为什么要花数亿欧元援助中国/a-50500635

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خىتاي قەشقەردىن كورلىغا كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى توشۇغان

شە سېنتەبىر 21 , 2019
9 - ئاينىڭ 17 -كۈنى «قورقۇنچقا قارشى ئۇرۇش» ناملىق يۇتۇيۇب ھېسابىدا «شىنجاڭ، يېڭى تەپسىلاتلار» نامىدا بىر سىن ھۆججىتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دەسلەپكى بىر سېكۇنتلۇق يېرىدە بۇ سىن ھۆججىتىنىڭ مەلۇم بىر كومپيۇتېر پروگراممىسى ئارقىلىق ئىچىدىكى ھۆججەت قىسقۇچىنى ئاچقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆرۈنۈش بار.

You May Like