تەرجىمە:ئەلجەزىرە: ب د ت باش كاتىپى خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالى ھەققىدە سۈكۈتنى تاللىدى

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ب د ت باش كاتىپىنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن نارازى بولدى.

ئەلجەزىرە ئىنگلىزچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 27- ئاپرېل

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-28

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئانتونىيو گۇتېررېس خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ باشلىقلار مۇنبىرى يىغىنىدا قىلغان نۇتىقىدا ئۇيغۇرلارنى تېلغا ئالمىدى.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ب د ت باش كاتىپىنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن نارازى بولدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان زۇلۇملارغا پەرۋا قىلمىدى دەپ ئەيىبلەندى.

گۇتېررېس ھازىر بېيجىڭدا بىر يول بىر بەلۋاغنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتىدۇ. بۇ زور كۆلەمدىكى خەلقئارالىق ئول ئەسلىھە تورى ۋە سودا تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى خىتايغا باغلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قورۇلۇشنىڭ ئۆزىلا بەس-مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر ئىش ئىدى.

ئۇ جۇڭگۇدا سۆزلىگەن ئۇچۇق نۇتىقىدا شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ روشەن بىر قۇسۇر (ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى) بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان.  

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە:

https://www.aljazeera.com/news/2019/04/china-human-rights-chief-silent-uighur-plight-190427132639905.html

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

گېرمانىيە ئاۋازى: ب د ت باش كاتىپى زىيارەت جەريانىدا شىنجاڭ (ش ت) مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان، بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇنى «ئىشنىڭ يېنىكىنى تاللىدى» دەپ گۇمان قىلدى

سە ئاپرېل 30 , 2019
رويتېرس ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يول بىر بەلۋاغ باشلىقلار مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى غا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ئەھۋاللارنى تىلغا ئالغان. ئەمما، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇ ئىشنىڭ يېنىكىنى تاللىدى دېگەن گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

You May Like