خىتاينىڭ مىلىيوندىن ئارتۇق مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى دۇنيا قانداق بىلىپ قالدى؟
2018/8/15
مەنبەسى:ئامېرىكا خاففىڭتۇن پوچتىسى گېزىتى
ئاپتورى: ئەكبەر شاھىد ئەھمەد
ئىنگىلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:ئەردەم
تەرجىمە تەھرىرى:تارىم قىزى
تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى
ئاۋام خەلق، مۇخبىرلار، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشماقتا.
دۈشەنبە كۈنى ئاياغلاشقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسىسلىرى يىغىنى خەلقئارا خەۋەرلەرنىڭ باش تېمىسىغا ئايلاندى، بۇ يىغىندا ئۇلار خىتاينىڭ بىر مىليون مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى مەخپى تۈرمە لاگىرلارغا سولاپ قويغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيىتقان ئىدى.
قارىماققا تېرورىزىم خەۋپىگە قارشى تۇتۇشتىكى بىردىنبىر چارىدەك كۆرۈنىدىغان، ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان سىياسى «قايتا تەربىيە» سېستىمىسى ۋە لاگېر سىرتىدا بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقان نازارەت تورىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان دەرىجىدە كۆلەملىشىشىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئەمما ب د ت نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ ئۆزىنىڭ زورلۇقلىرى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى ياۋايىلىق بىلەن كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرىدىن قەتئىنەزەر بەرگەن باياناتى پۇقرالار، مۇخبىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرىنىڭ ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشچانلىقلىرىنىڭ غەلىبە قازىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئىشلار خادىمى زۇبەيرا شەمسىدىننىڭ ئېيتىشىچە، مىللەت سۈپىتىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغان ئۇيغۇرلار سۈكۈت قىلىشنىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى ھېس قىلغان. نەچچە كۈن ئاۋال ئۇ يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ تۇنجى قىتىم ئۆز ئائىلىسىنىڭ ھېكايىسىنى ئاشكارىلىماقچى بولغانلىقىنى، چۈنكى دائىم ئۆزى بىلەن گەپ تالىشىدىغان، كومپارتىيىگە سادىق قېرىندىشىنىڭ غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان.
نەچچە ئون يىلدىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسىرلەر بۇيان غەربى شىمالدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن- 10 نەچچە مىلىيون مۇسۇلماندىن ئېھتىيات قىلىپ كەلدى. 11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى دۇنياۋىي ۋەھىمە باھانىسىدە، خىتاي بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى ۋە خەنزۇلارنى كۆپلەپ كۆچۈردى. ئۇلارچە، بۇ تەدبىرلەرسىز ئۇيغۇرلار ۋە خوشنا مىللەتلەر نەچچە يۈزلىگەن ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەن رادىكال ئىسلامچىلار ياكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ سېپىگە قېتىلىپ كېتەرمىش.
ئەمەلىيەتتە، 2016- يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تىبەتنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرغان چىن چۈەنگونى مەزكۇر رايوننى باشقۇرۇشقا قويۇشى نۆەتتىكى باستۇرۇش دولقۇنىنىڭ ناھايتى روشەن مۇقەددىمىسى ئىدى. شۇندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى (شەرقى تۈركىستان-ت) ۋەقەلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە چەتئەللىكلەر ئۇچۇر توپلاش- يەتكۈزۈش ئىشلىرىدا تېخىمۇ ئىھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى خىتاي زۇلۇمنى پاش قىلغانلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلغان، شۇنداقلا باستۇرۇشلىرىنى تېخىمۇ ئۆكتەملىك بىلەن ئىنكار قىلغان ئىدى.
ئۆز ئەھۋالىنى ھەر ئاماللار بىلەن بىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان خىتاي ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ھازىر تۇيۇقسىز قولغا ئېلىنىش، مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشقا ياكى ئەنئەنىۋىي كىيىم كىيىشكە يول قويۇلماسلىق، لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋىلىش ئۈچۈنمۇ كامىراغا چىراي تونۇتقۇزۇش، ھۆكۈمەت خىزمىتى سۈپىتىدە قوشنىلار ئۆز- ئارا ئىشپىيونلۇق قىلىش قاتارلىقلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىسى مايا ۋاڭنىڭ ئېيتىشىچە، بىر مەزگىل شىنجاڭ (ش ت- ت) دىن چىقالىغانلار ئوتتۇرا ئاسىيا ياكى غەربتىكى نىسبەتەن بىخەتەر دۆلەتلەرگە بىرىۋالغان ھامان بىرىنجى قول ئۇچۇرلارنى تەمىنلىگەن ئىدى. بىراق، كېيىن خىتاي چېگرا باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى، ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئاھالە بولغان جەنۇبىي رايونلاردىن چىقالىغان كىشىلەرنىڭ يۇرتتىن ئايرىلغىنىغىمۇ بىر يىلدىن ئاشتى، شۇنداقلا شىمالدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قازاق مۇسۇلمانلىرىمۇ يېقىنقى ئالتە ئايدىن بۇيان تېخىمۇ قاتتىق چەكلەشلەرگە دۇچار بولدى.
يەرلىكتىكى مۇخبىرلار ۋە پائالىيەتچىلەر ھېلىھەم ھۆكۈمەتنىڭ چەكتىن ئاشقان قىلمىشلىرى توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى توپلاپ بەھىرلەنمەكتە. ئۇلار بۇ ئۇچۇرلارنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسىسلىرى ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىماقتا.
چەتئەلدە تۇرىۋاتقان نەچچە يۈزمىڭ ئۇيغۇر يۇرتتىكىلەر بىلەن ئاساسلىقى كەڭ ئومۇملاشقان ( ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن) خىتاي ئۇچۇر دېتالى- ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلىشىدۇ. تېلىفوندىكى پاراڭلار ئوغرىلىقچە ئاڭلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن بولغاچقا ئانچە خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ. مايا ۋاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر ئىككى خىل ئالاقىدە ئالدىن مەسلىھەتلىشىۋالغان سىڧىرلىق سۆزلەر ياكى نازارەتچىلەر چۈشۈنۈپ كەتمەيدىغان سىگناللار قوللىنىلىش ئېھتىماللىقى بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پۇقرالارنىڭ دۆلەت سىرتىدىكىلەر بىلەن بولغان ھەر قانداق ئالاقىسىنى تۇتقۇنلۇققا سەۋەب قىلىدىغان مۇھىم تاكتىكا سۈپىتىدە قوللانماقتا. زۇبەيرە شەمسىدىن يەنە پەقەت بىر قىسىم كىشىلەرنىڭلا ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن قايتا جەم بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ چەتئەل تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ زىيارەت ۋىزىسىنى بەك ئاز تەستىقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كوللىكتىپ جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىچىلىكىنى ھېس قىلغاندىن بېرى كۆرگەن- بىلگەنلىرىنى تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن جامائەتكە ئاشكارىلاشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمۇ يوق بولۇپ، خىتاي ھەتتا ئۇلارنىڭ ئائىلە- تاۋاباتلىرىنىڭ ئۆلۈك- تىرىكلىكىنىمۇ ئېيتىپ بەرمەيدۇ.
«ئۇلار ئىنتايىن قاتتىق ئازاپ چېكىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنى مۇمكىنقەدەر كۆپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش» دېدى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ خادىمى زۇبەيرا شەمسىدىن.
«بەزىدە بۇ ھېكايىلەرنى دەللىلەش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى خەۋەرلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى تولىمۇ يىراقتا، يۇرتتىن ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغان كىشىلەر بەزىدە ئاشۇرىۋېتىلگەن گەپ- سۆزلەرگىمۇ ئىشىنىپ قالىدۇ.»- دەيدۇ مايا ۋاڭ، -«مەن كىشىلەرنىڭ تۆتىنجى قول ئۇچۇرلار بولسىمۇ تارقىتىپ يۈرۈشىنى ئەيىبلىمەيمەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىلەلەيدىغىنى شۇنچىلىك. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىشى ئىنتايىن ناچار قىلمىش. شۇڭا بىز تارقىلىپ يۈرگەن ئاشۇ ئۇچۇرلاردىنمۇ پايدىلىنىمىز ۋە ئاندىن ئۇچۇرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئىزدەشكە تىرىشىمىز».
ئۇلارنىڭ ئورگىنىمۇ ب د ت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ خىتاي تارقاتقان قىسقا خەۋەرلەرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق چىقارغان ھۆكۈملىرى ئاساسىدىكى دوكىلاتلىرىنى خەلققە سۇنىدىغان نۇرغۇن تەشكىلاتلارنىڭ بىرى.
بىرىنجى قول ئۇچۇرلار يەنە شىنجاڭ (ش ت- ت) دىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە تەھلىلچىلەرگە شىنجاڭ (ش ت- ت) ۋە باشقا جايلاردىكى پائالىيەتچىلەر ۋە ئىش بېجىرگۈچىلەر ئارقىلىق بىۋاستە بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان «خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى» ناملىق ئورگاننىڭ ياردىمىدە تىۋىشسىز ھالدا ب د ت غا يەتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. «ئۇلار كىشىلەرنىڭ ھەقىقى ئىسىم- شەرىپىنى ئاشكارىلاشتىن ۋە قارىسىغا ئىش قىلىشتىن ساقلىنىدۇ» دەيدۇ مەزكۇر ئورگان خادىمى سارا برۇكس.
خەلق ئىچىگە چوڭقۇر چۆككەن ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئۇچۇر- ئالاقىنى بىر- بىرىگە باغلاشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئامېرىكا مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 20 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى نۇقتا قىلغان ھالدا مۇلازىمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ۋاشىڭتونغا جايلاشقان، 12 خىزمەتچىدىن تەشكىل تاپقان بۇ گۇرۇپپا ئۆتكەن يىل باھاردا شىنجاڭ (ش ت-ت) دىكى كەڭ دائىرىلىك ئالاقە تورىغا تايىنىپ، يىغىۋېلىش مەركەزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بۇ لاگېرلاردا قازا قىلغان كىشىلەر ھەققىدە تۇنجى ئۇچۇرنى بېرىپ، كىرزىسىنى ئاشكارىلىدى. خىتاي بولسا بۇ ۋەقەگە ئىنكاس سۈپىتىدە ئالتە نەپەر ئەركىن ئاسىيە رادىئوسى خىزمەتچىسىنىڭ ئائىلىسىدىكى ياشانغان ئاتا- ئانىلىرى، قېرىنداشلىرى، قۇدا تەرەپ تۇققانلىرى ۋە جىيەنلىرى بولۇپ 40 قا يېقىن كىشىنى قولغا ئالدى.
«ئەھۋال تولىمۇ زىل بولغانلىقى ئۈچۈن بىز مۇخبىرلىرىمىز تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا تايىنىپ كېلىۋاتاتتۇق» دېدى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئاممىۋىي ئىشلار دېرىكتورى روھىت ماھاجان. ئۇ يەنە خىتاي دۆلەتلىك ئاخباراتلىرىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى «2009 ۋە 2014- يىللىرىدىكى قىرغىنچىلىقلار ھەققىدە قۇتراتقۇ خەۋەرلەرنى تارقاتتى» دەپ ئوچۇق- ئاشكارا تىللىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
بىرلەشمە ئاگىنلىق، بازڧىد ۋە تاشقى سىياسەت خەۋەرلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئاساسىدىكى تەھلىل ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار ئادەتتە خىتاي تەرەپنىڭ پىكىرلىرىگە ۋە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ توختام تەلەپلىرىگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئامېرىكىدا تۇرىدىغان مۇخبىر بېتانى ئەبراھىمىيەن بۇ ھەپتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان نازارىتىنىڭ ئامېرىكا تۇپراقلىرىغا قەدەر سوزۇلغانلىلقىنى ئاشكارىلىدى. زۇبەيرا شەمسىدىن «گەرچە ئون نەچچە مۇسۇلماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىرىقتىن ئارتۇق مۇخبىرلار خىتاي تۈرمىسىدە بولسىمۇ، بەزى خىتاي مۇخبىرلار يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماقتا ياكى قاتتىق مۇھاپىزەت ئاستىدىكى رايونلارغا سەپەر قىلماقتا» دېدى.
يىغىپ ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭ (ش ت- ت) تەرەققىياتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. «مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بىئارام بولۇۋاتىدۇ» دەيدۇ مايا ۋاڭ.
ماقالە ئىنگىلىزچە ئادرسى:
https://www.huffingtonpost.com/entry/china-muslim-camps-united-nations_us_5b7445c6e4b02b415d748a00