تەرجىمە:بېيجىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ناتسىست تەشۋىقات ئۇسۇللىرىنى قانداق قوللىنىۋاتىدۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يىغىۋىلىش لاگىرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نەچچە ئايغىچە كۈچلۈك ئىنكار قىلغاندىن كىيىن، ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۇيۇقسىزلا ئىتراپ قىلدى. ئەمما ، ئۇلار جەمىيەت مۇقىملىقىغا خەۋىپلىك تونۇلغان كىشىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى » تەتىللىك تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ يىقىملىق تەشۋىقات رەسىملىرى بىلەن نامايەن قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

 

خوڭكوڭ ئەركىن ئاخباراتى

2018- يىلى 27- ئۆكتەبىر

 شىۋىتسىيەلىك خىتاي تەتقىقاتچىسى ماگنۇس فىسكىسيۆ

 ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئەردەم

تەھرىرلىگۈچى : كۆلتېگىن

 ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يىغىۋىلىش لاگىرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نەچچە ئايغىچە كۈچلۈك ئىنكار قىلغاندىن كىيىن، ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۇيۇقسىزلا ئىتراپ قىلدى.  ئەمما ، ئۇلار جەمىيەت مۇقىملىقىغا خەۋىپلىك تونۇلغان كىشىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى » تەتىللىك تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ  يىقىملىق تەشۋىقات رەسىملىرى بىلەن  نامايەن قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا،  ناتسىستلار ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى ئەينى چاغدا  قورقۇنۇچلۇق يىغىۋىلىش لاگىرلىرىنى دۇنياغا خىتايغا ئوخشاش ئۇسۇلدا ناھايىتى ئىللىق ۋە زۆرۈر بىر جاي قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى  ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەك.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۆتكەن ھەپتە شىنجاڭدىكى » تەربىيەلەش مەركەزلىرى»دىكى تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرگەن رەسىم  CCTV

 

لاگىر مەھبۇسلىرى » كومپاتىيە بولمىسا يىڭى خىتاي بولمىغان بولاتتى» دىگەن ناخشىنى ئوقۇشى كىرەك بولمىسا ئۇلارغا تاماق يوق.  RFA ئىلان قىلغان ۋىدىيودىكى ئىكران رەسىمى

ئەجەبلىنەرلىكى، كۆپلىگەن چەتئەللىكلەر  ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ئۇلارغا ئىشەنگەن.  زىيارەتكە بارغان چەتئەللىك مۇخبىرلار  ئۇلارغا كۆرسىتىلگەن  كامپىلارنىڭ تىپىك لاگىرلار  ئىكەنلىكىگە ئەخمەقلەرچە ئىشەنگەن.  لاگىر مەسئۇللىرى ئۇلارغا ئىنچىكىلىك بىلەن تەييارلاپ بەرگەن رەسىملەرگە ئاساسەن،  مۇھەرررىلەر  يۈكسەك ئىجابىي باھالارنى بەرگەن.

 يىلى 1934- لوندون گىزىتى داخاۋدىكى تۇنجى قارار ناتسسىت لاگىرلىرىدا تەربىيەلىنىۋاتقان «بەختىيار » مەھبۇسلار. داخاۋ خاتىرە مۇزىيى توربېتىدىن ئىلىندى

ناتسىستلار  چەتئەللىكلەرنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، مەھبۇسلارغا ياخشى غەمغورلۇق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھەتتا يىغىۋىلىش لاگىرلىرىنىڭ ئۆيدىنمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ھەممە نەرسىنىڭ پاكىز ۋە ئىنتىزاملىق ئىكەنلكىنى يىزىشقا ئۈندىگەن ۋە نۇرغۇن قىتىم مەقسىتىگە يەتكەن.

داخاۋ خاتىرە مۇزىيى تور بېتىدىن ئىلىندى

 

ناتسىست لاگىرلىرى دۆلەت ئىچىدىمۇ مەخپى ئەمەس ئىدى. خۇددى  ھازىر خىتايلار قىلىۋاتقاندەك، ناتسىسىتلار  قانۇنسىز لاگىرلارنى  ئاۋام – خەلققە  ئاقلاش ئۈچۈن ۋەھىمە قوزغاپ، ( يالغاندىن ) مەجبۇر قالغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن

داخاۋ خاتىرە مۇزىيى توربىتى، 1938- يىلىدىكى يىغىۋىلىش لاگىرى

  ئۇلار چەتئەللىك ئالىملارنىڭ دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىشىدىن بۇرۇن، بىز  خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان تەشۋىقات ئۇسۇللىرىنىڭ ناتسىستلار قوللانغان ۋاستىلەرگە ناھايىتى ئوخشاش ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز ، ئۇلارغا قارشى دەلىل سۈپىتىدە قوللىنىشىمىز  كىرەك.  بۇ  خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى تارقاتقان، لاگىرلار ئىچكى ئەھۋالىنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ تىپىك رەسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

.

خوتەن ۋىلايىتى، لوپ ناھىيىسى 2017- يىلى 4- ئايدا تارتىلغان رەسىم

بۇ رەسىم ناتسىتلارنىڭ ئورگان تەشۋىقاتلىرىدىكى رەسىملەرگە ئوخشايدۇ. بۇ رەسىملەر  خىتاي ئاۋام پۇقرالىرىنىڭ ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، رەسىملەر ئۇلارغا:» قارا، بىز ئۇلارنى  جىنايىتى بولسۇن- بولمىسۇن ناھايىتى قاتتىق باستۇرىۋاتىمىز،   بىزنىڭ  ئۇلارنى سىم قورغان ئىچىدە  رەتلىك ئولتۇرغۇزىدىغان قۇراللىق قوغدىغۇچىلىرىمىز بار» دەيدۇ.

 

خىتاي ھۆكۈمىتى تىلۋىزىيە تەشۋىقاتى  16- ئۆكتەبىردە  cctv 13 قانىلىدا  بىر تەشۋىقات فىلىمى ئىشلەپ تارقاتقان بولۇپ، ئۇلار ئېنىقكى 6-  نويابىر جەنۋەدە ئىچىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتچىلىرى خىتاي مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئىچىشتىن بۇرۇن، چەتئەللىكلەرگە تەشۋىقات قىلىشنى نىشان قىلغان.

ناتسىست تەشۋىقاتىغا ئوخشاش،  بۇ ھۆججەتلىك خەۋەردە قورقۇنلۇچلۇق جازا لاگىرلار ياكى نۇرغۇنلىغان ياشانغان مەھبۇسلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا  دائىر كۆرۈنۈشلەر  يوق. ئەكسىنچە، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرى ئىقرارنامىلىرى، ئۇ لاگىرلارنىڭ مەكتەپكە ئوخشايدىغان رەسىملىرى بار. ئۇلار پۈتۈن ياسالمىلىقلىرى ئىنچىكە تەھلىل قىلىنغان ۋە ئېچىپ تاشلانغان.

https://youtu.be/REGM8I2iMjU

زور مىقداردىكى سۈنئى ھەمراھدا تارتىلغان رەسىملەر ۋە باشقا تەكشۈرۈشلەر، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەرنىڭ ئىيىتقانلىرى بۇ قورقۇنۇچلۇق لاگىرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ. ( بۇرلارغا قاراڭ)  شۇڭا خىتاي ئىلگىرىكى  قارىغۇلارچە ئىنكار قىلىشلىرىنى توغرىلاش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئىش قىلىشى كىرەك.

مەن ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان بۇ ۋىدىيونى شىۋىتسىيە خەلق تىلىۋىزىيەسى ۋە باشقا يەرلەردە كۆرگىىنىمدە،بىرمۇ مۇھەررىر كۆرۈرمەنلەرگە بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتچىلىرى كۆپ مىقداردا تەمىنلىگەن رەسىملەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويمىدى.  مەن بۇنىڭغا ھەيران بولدۇم.

 

داخاۋ يىغىلىۋىش لاگىرى خاتىرە ئادرىرىسى

 

بۇ قىتىم، ئەركىن خەۋەر تاراتقۇلىرى يەمچۈككە گول بولماستىن يىغىۋىلىش لاگىرلىرى تەشۋىقاتلىرىغا تەنقىدىي باھا بىرەرمۇ ياكى مۇخبىرلار يەنە بىر قىتىم يىغىۋىلىش لاگىرلىرىنى پەردازلاشقا ياردەمچى بولارمۇ؟

مەنبە: https://www.hongkongfp.com/2018/10/27/beijing-using-nazi-propaganda-playbook-justify-concentration-camps-world

     

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئەنگىلىيە: ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ شىنجاڭ(ش ت)دىكى ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە باياناتىنى قوللايمىز

چا ئۆكتەبىر 31 , 2018
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتىپاقى تاشقى ئىشلار مەھكىمىسى 26-ئۆكتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزىشىگە قارىتا بەرگەن باياناتىنى قوللايدۇ.

You May Like