تەرجىمە:ئامېرىكا ئاۋازى: كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت باش كاتىپىغا مەكتۇب يېزىپ، ئۇنى شىنجاڭدىكى (ش ت) كىشىلىك ھوقۇق مەسلىسىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسكە (Antonio Guterres) مەكتۇب يېزىپ، گۇتېررېسنى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) بىر مىليون مۇسۇلماننى خالىغانچە تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 27- ئاپرېل

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-27

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسكە (Antonio Guterres) مەكتۇب يېزىپ، گۇتېررېسنى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) بىر مىليون مۇسۇلماننى خالىغانچە تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، گۇتېررېس 4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇپ، «بىر يول بىر بەلباغ» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىدىكەن.

مەكتۇپتا مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان :« گەرچە ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى مۇھىم شەخسلەر كۆپ قېتىم ئوچۇق ھالدا شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن باش كاتىپنىڭ ئاۋازى روشەن ھالدا يوقاپ كەتتى. خىتاي ۋە باشقا يەرلەردىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مەزلۇملارمۇ بۇ نوقتىغا دىققەت قىلدى. سىزنىڭ ئۇچۇق ھالدا سۈكۈتنى تاللىشىڭىز، دىققەتسىزلىكتىن بولغان تەقدىردىمۇ، مۇنداق بىر سىگنالنى بېرىدۇ: ب د ت باش كاتىپى ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ .»

ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمانلار ئېرقىي ۋە دىنىي ئارقا كۆرىنىشى سەۋەبلىك، ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپسىز، مۆھلەتسىز ھالدا سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا (Political Education Camps) قامالدى. لاگېر سىرتىدا، شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) دائىرىلەر تۇرمۇشنىڭ ھەر تەرەپلىرىنى كۆزىتىۋاتقان ۋە كونترول قىلىۋاتقان بولۇپ، دىنىي ئەركىنلىك، سۆز ئەركىنلىكى، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە ئېغېر چەكلىمە قويدى. يۇقارقىلاردىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە مۇھاجىرەتلىكى ئۇيغۇرلارنى  نىشانغا ئالدى.

مەكتۇپتا يەنە مۇنۇلار يېزىلغان :« خىتاي ب د ت ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بۆلىمىگە بولغان كونتروللىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا بېيجىڭنى ئەيىبلەيدىغان سادالارنى ب د ت نىڭ سىرتىدا تۇتۇشقا ئورۇنماقتا .»

بۇ مەكتۇپنىڭ ئاخرىدا گۇتېررېسقا، ئۇچۇق ۋەياكى يۇشۇرۇن ھالدا شى جىنپىڭغا شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) سىياسىي تەربىيلەش لاگرلىرىنى تاقىشىنى، سۆز ئەركىنلىكى، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە رۇخسەت قىلىشىنى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەممە كىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

 

مەنبە:

https://www.voachinese.com/a/un-secretary-general-should-press-xi-on-mass-detentions-20190426/4893288.html

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

نۇر ئىكرانىدىن رامىزانلىق سوۋغات

شە ئاپرېل 27 , 2019
بىرىنچى پروگرامما: ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر قوماندانلار ۋە پەۋقۇلئاددە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن شەخىسلەر بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن، ئىخچام شەكىلدە مەشھۇر 11 قوماندان تۇنۇشتۇرۇلدى.

You May Like