تەرجىمە:ئامېرىكا ئاۋازى: ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قايتا تەربىيىلەش لاگىرلىرىنى ئاقلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

جەنۋە- ئامېرىكا خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى شىنجاڭدا (شەرقى تۈركىستان-ت) «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىغا قاماش قىلمىشىنى ئاقلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازى ئىنگلىزچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 25- ئىيۇن

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-06-27

 

جەنۋە- ئامېرىكا خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى شىنجاڭدا (شەرقى تۈركىستان-ت) «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىغا قاماش قىلمىشىنى ئاقلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

شىنجاڭنىڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دەپ تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن، ئۇ يەردىكى تۇرمۇشنى باياشات، غەمسىز دەپ تەرىپلەپ چىقتى. ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەل دىپلوماتلىرىغا ئوخشىمىغان مىللەت ۋە دىنغا مەنسۇپ بولغان 25 مىليون كىشىنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق ۋە ئۆز-ئارا ياردەمدە بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) خەلقىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بۇ رايوندىكى 2.3 مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغان بولۇپ، دىنى ئىتىقاد قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىكەن، ئاز سانلىق مىللەت تىللىرى مەكتەپلەردە ئۆتۈلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەمئىيەتتە ۋە ئاممىۋى سۇپىلاردا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدىكەن.

ئۇ تەكىتلەپ، گەرچە بەزى ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي يەنىلا مىللىي بۆلگۈنچىلىك، تېررورىزم ۋە دىنى رادىكاللىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ نەچچە مىڭ تېرورلوق ھۇجۇم، كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى ۋە مۆلچەرلىگۈسىز ئىقتىسادى زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ بۇ تەھدىتلەرگە قارىتا، خىتاينىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورىزمغا قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىىرلىرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئيېتتى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « قانۇن بويىچە تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق، بىز دىنى رادىكاللىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە يىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنى تەربيەلەش ۋە قۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلىمىز…بۇ مەركەزلەر دۆلەت ئورتاق قوللىنىدىغان تىل (خىتايچە)، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش دەرسلىرى ھەمدە پۈتۈن تەربىيىلەش جەريانىدا ئۇنۋېرسال ھالدا رادىكاللىقنى تۈگىتىش دەرسلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ ئەمەلدارىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى دوكلات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئەڭ ئېغىر تاجاۋۇز قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ۋەكىلىگە تەشۋىقات قىلىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا خىتاينىڭ شىنجاڭدا (شەرقى تۈركىستان-ت) ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا ئېغىر باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش قايتا تەربىيىلەش لاگىرىدا، بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى دەھشەتلىك قىيىن-قىستاققا ئېلىشىنى، يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق كۆزىتىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ دىنى ۋە مىللى ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىشقا قاراتقان تەدبىرلىرىنى ئەيىبلىدى.

 

مەنبە:

https://www.voanews.com/east-asia-pacific/us-denounces-chinas-justification-uighur-re-education-camps

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

رابىيە خانىم G20گۇرۇھى رەھبەرلىرىنى شەرقى تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقىنى توسۇشقا چاقىردى.

جۈ ئىيۇن 28 , 2019
ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە خانىم 6-ئاينىڭ 28-كۈنى (جۈمە) ياپۇنىيەدە ئىچىلىۋاتقانG20 گوروھى رەھبەرلەر يىغىنى ئارلىقىدا مۇخپىرلار يىغىنى چاقىرىپ، G20 گوروھى رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان رەھبەرلەرگە خىتاي رەئىسى شى جىن پىڭ نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقى قىرغىنچىلىق»نى توسۇش چاقىرىق قىلدى. ئۇ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ جازا لاگىرلىرىغا قامالغان كىشىلەنىڭ قويۇپ بىرىلىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

You May Like