تەرجىمە: خىتاينىڭ نېفىتكە خۇمارلىقى دۇنياۋىي كۈچ بولىشىدىكى ئاساسلىق ئاجىزلىقىدۇر

ئامېرىكا چەتئەل نېفىت ئىمپورتىغا ئېغىر تايىنىپ قالغان يىللىرى، دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسەتلىرى شۇ ئاساستا چىقىش قىلىشقا مەجبۇرلانغانىدى. 1970-يىللىرىنى ئەسلەپ باقساق، بولۇپمۇ 1973~1974-يىللىرىدىكى ئەرەب نېفىت ئېمبارگوسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي مەۋجۇدىيتىگە تەھتىد ئېلىپ كېلىشى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ئوپېك«نىفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى»نىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان قىلىپ قويغانىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ ئامېرىكا بۇنىڭ ئاسارىتىدىن تېخى تۇلۇق قۇتۇلغىنى يوق. تۈركىيەدىكى سەئۇدىي كونسۇلىدا قەسىتلەنگەن جامال قوشۇقچى توغرىسىدا دانولد تىرامپنىڭ سەئۇدىي ئەرەبىستانغا قارشى بىر قا

نېفىت باھاسى تورى

ئاپتۇر: تىم دائىس

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئوسمان قازى

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

   

ئامېرىكا چەتئەل نېفىت ئىمپورتىغا ئېغىر تايىنىپ قالغان يىللىرى، دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسەتلىرى شۇ ئاساستا چىقىش قىلىشقا مەجبۇرلانغانىدى. 1970-يىللىرىنى ئەسلەپ باقساق، بولۇپمۇ 1973~1974-يىللىرىدىكى ئەرەب نېفىت ئېمبارگوسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي مەۋجۇدىيتىگە تەھتىد ئېلىپ كېلىشى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ئوپېك«نىفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى»نىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان قىلىپ قويغانىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ ئامېرىكا بۇنىڭ ئاسارىتىدىن تېخى تۇلۇق قۇتۇلغىنى يوق. تۈركىيەدىكى سەئۇدىي كونسۇلىدا قەسىتلەنگەن جامال قوشۇقچى توغرىسىدا دانولد تىرامپنىڭ سەئۇدىي ئەرەبىستانغا قارشى بىر قارارغا كېلەلمەسلىكى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.

ھالبۇكى، ئامېرىكا ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئۆزىنى ئوتتۇرا شەرق توقۇنىشىغا سۆرەپ كىرگەن بىرقانچە ئاجىزلىقلىرىنى چۆرۈپ تاشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيسى 5-فىلوتى ھىلىمۇ ھەم  ئوتتۇرا شەرقتىكى ھورمۇز بوغىزى قاتارلىق ئىستىرادىگىيەلىك  ئەمما مۇقۇمسىز بولغان نېفىت ئېكىسپورت يوللىرىنى چارلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا كۈنلۈكى 11 مىليون باك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى  بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئەرەب ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنى ئۆز قونجىغا ئاساسەن پىلان سۈرىۋاتقاندا، خىتاي بارغانسىرى تايىنىپ قىلىۋاتقان تاشقى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېھتىياجى ئۈچۈن ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالماقتا.

گاز ئېھتىياجى

خىتاينىڭ گاز ئېھتىياجى بېيجىڭ ئېنىرگىيە پىلانلىغۇچىلار ئەندىشە قىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ 2017-يىلىدىكى تەبىي گاز ئىستىمالى  235.2 مىليارد كۇب مېتىرغا يىتىپ، ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا 17% ئېشىپ يېڭى رىكورت ياراتتى. ھالبۇكى ھەقىقىي مەسىلە خىتاينىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى جەنۇبىي كورىيەدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى ئەڭ چوڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبئىي گاز ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ قالدى. خىتاينىڭ 2017-يىلىدىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبئىي گاز ئېھتىياجى ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا 50% ئاشقان. باھا ئاساسىدىكى خەلقئارا ئېنىرگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ بىشىدا ئېيتىشىچە، خىتاي 2019-يىلىغا بارغاندا ياپۇنىيەدىن ئېشىپ ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ  سۇيۇقلاندۇرۇلغا تەبئىي گاز ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ قالىدىكەن.  خەلقئارا ئېنىرگىيە ئىدارسىنىڭ 2018-يىللىق تەبئىي گاز يىللىق دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ بۇ يىلقى  تەبئىي گازغا بولغان ئېھتىياجى 2017-يىلىدىكىگە قارىغاندا 60%ئاشىدىكەن ھەمدە 2013-يىلىغا بارغاندا  تەبئىي گاز ئىستىمالى 276 مىليارد كۇب مېتىرغا يىتىدىكەن.

ئالدىنقى ھەپتە ئېنىرگىيە مەسلىھەتچىسى ۋۇد مەكىنزىينىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئاللىبۇرۇن دۇنيا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبئىي گاز ئېھتىياجى ئېشىشىنىڭ يىرىمىنى ئىگەللىگەن.

نېفىت خۇمارلىقى

خىتاينىڭ ئىمپورت قىلىنغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز بىلەن تۇربىلىق گازغا تايىشىنچانلىقىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، نېفىتكە بولغان خۇمارلىقىمۇ كۈچىيىپ بارماقتا. خىتاينىڭ 2017-يىلىدىكى نېفىت ئېھتىياجى ئالدىنقى يىلىدىكىسىگە قارىغاندا 5%ئاشقان بولۇپ، كۈنىگە 11.77مىليون باكقا يەتكەن. بۇيىل ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرىشىغا قارىماي، سېنتەبىردىلا كۈنلۈكى 12.49 مىليون باكقا يىتىپ، يېڭى رىكورت يارىتىلغان.

CNBC نىڭ دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، خىتاي ئىقتىسادىي ئۈچىنچى پەسىلدە ئاستىلىغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ نېفىت ئېھتىياجى ئېشىپ بارغان. گەرچە ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرىشى خىتاينىڭ نېفىت ئېھتىياجىغا قىسقا مۇددەتلىك تەسىر قىلسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك 6%تىن يۇقىرى ئىقتىسادىي ئېشىشنى ساقلاش ئۈچۈن نېفىت ئېھتىياجى يەنىلا ئېشىپ بارىدىكەن. مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ئىتتىپاقداش ياكى رەقىپلىرىدىن بولسۇن نېفىت ئىمپورت قىلىش  تايىنىشچانلىقى كۈچىيىپ بارىدۇ.

1970-يىلىرىدىن  ھېساپلىساق، ئامېرىكىنىڭ ئىران ئىنقىلابىقا بولغان  ئىنكاسى، 1980-يىلىرىدىكى ئىران-ئىراق ئۇرىشىدا ئامېرىكىنىڭ باغدادنى قوللىشى،1990-يىللىرىدا ئىراقنىڭ كۈۋەيىتنى بېسىۋىلىشى بىلەن ئىككى قېتىملىق پارس قولتۇقى ئۇرۇشىغا ئارلىشىشىى قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىگە نېفىتكە تايىنىشچانلىقى تەسىر كۆرسەتكەن. گەرچە بېيجىڭ رايۇنلۇق سىياسەتلەرگە ئامېرىكىدەك ئېغىر دەرىجىدە ئارلىشپ قالمىسىمۇ، ئۈزلىكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان نېفىت ئېھتىياجى خىتاينى نۆۋەتتىكى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان دېڭىز ئارمىيسى بىلەن ئامېرىكا قىرىق يىللاردىن بېرى قىلىپ كېلىۋاتقان دۇنياۋى دېڭىز يوللىرىنى قوغداشقا مەجبۇر بولىدۇ.

بىرقانچە يىللار ئىلگىرى، ۋاشىڭتون ئاقىللار مۇنبىرى بولغان برۇكىڭس ئىنىستىتۇتى مۇنداق دىگەن: «خىتايدا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋاللارغا ئېنىق بىر نەرسە دىگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن شۇ ئىش ئېنىقكى، خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قايسى قەدىمىدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان تەبئىي ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە بولغان ئىھتىياجىنى ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نېفىت بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئېھتىياجدۇر.

 

مەنبە: https://oilprice.com/Geopolitics/Asia/Chinas-Oil-Addiction-Is-Its-Main-Weakness-As-A-Superpower.html

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

توكيودا ئۇيغۇرلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان «ئەركىن ھىندى- تىنچ ئوكيان ئتىپاقى» قۇرۇلدى

يە ئۆكتەبىر 28 , 2018
خىتايدىكى ئاز سانلىق ھېساپلىنىدىغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمىئەتنىڭ قىززىق نوقتىسى بولىۋاتقان مەزگىلدە، چەتئەلدىكى سۈرگۈندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى كىشلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىدىغان يېڭى بىر تەشكىلات توكيودا قۇرۇلدى ۋە ھەم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

You May Like