تەرجىمە: خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا قانداق ياردەم قىلىش كىرەك؟

مەنبە: خىرىستىئان ئىلىم- پەن كۆزىتىش گېزىتى

2018- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا قانداق ياردەم قىلىش كىرەك؟

How to help China’s Muslims

 

مەنبە: خىرىستىئان ئىلىم- پەن كۆزىتىش گېزىتى

2018- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

  خىتاينىڭ غەربىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئەڭ يىڭى ھۇجۇم،ئۇ تەنقىدلەپ قويۇلسىلا بولمايدۇ. بۇنداق دىننى كەمستىشكە قارشى دىننى ساھەدىكىلەر نارازلىق بىلدۈرىشى لازىم. دىنلار ئارىسدىكى ئۆز – ئارا يول قويۇشماسلىق – دائىشقا ئوخشاش توقۇنۇشچى گۇرۇپپىلارنىڭ بىگۇناھ مۇسۇلمانلارغا قارشى زوراۋانلىقنى ئاقلاشتا تايىنىدىغان ئاچقۇچ ! مەسىلەن، بىرما ئارمىيىسى بىر يىل بۇرۇن 700 مىڭ نەپەر روھىنگالىق مۇسۇلمانلارنى مەزكۇر دۆلەتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىغاندا، مالايسىيە ھۆكۈمىتى «ئسىلام دۆلىتى»نىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادا ئەۋج ئىلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان. بىر مالايسىيالىق ئەمەلدار ھىسداشلىق بىلدۈرۈپ:» مەزكۇر رايوندىكى روھىنگالىقلارنى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە جان تالىشىشقا تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ» دىگەن ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇسۇلمان لىدىرلار روھىنگاغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن سۆز قىلدى. بۇ ھەپتە، نوپوسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان ھىندونوزىيە ۋە باشقا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى 130 نەپەر پارلامىنت ئەزالىرى:» بىرما چوقۇم خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشى كىرەك» دىدى. ئىيۇندا، روھىڭگا مۇساپىرلىرى ئەڭ كۆپ يىغىلغان بىنگال دۆلىتى بىرمانىڭ ۋەھشىي قىلمىشلىرى توغرىسىدا خەلقئارا جىنايىي ئىشلار سوتىغا ئىسپات يوللىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھۇجۇمقا يولۇقىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا، ئەڭ زور كۆلەملىك ئۇچراۋاتقىنى خىتايدا بولۇشى مۇمكىن. ئاۋغۇسىتنىڭ ئوتتۇرىدا ب د ت غا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكىلاتتا، خىتاي كومىنىسىت پارتىيىسى شىنجاڭ رايونىدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈزگۈزىۋاتقان دەھشەتلىك باستۇرۇشى ئۈستىدىن ئەيىبلەندى. ب د ت كومىتىتى ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ئالاھىدە لاگىرلارغا سولانغان ۋە ئۇلارنى ئىسلام دىنىدىن يىنىشقا مەجبۇرلىغان. خىتاي يىقىندا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىن ئىيىتقاندا خىتاي مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى %5~%10 غىچە قۇرامىغا يەتكەن ئۇيغۇر نوپوسىنىڭ لاگىرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا قارىتا ئاساسەن سۈكۈت قىلغان. تايلانت تۈرمىسىدىن قېچىپ چىققان 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بىرىشنى رەت قىلغان مالايسىيا بۇنىڭ سىرتىدا. پاكىستان گىلگىت- بالتىستان رايونى ئەگەر بىيجىڭ تەرەپ مەزكۇر رايونلۇق ئەرلەر بىلەن توي قىلغان 50 نەپەر ئۇيغۇر ئايالنى قايتۇرۇپ بەرمىسە، خىتاي بىلەن چىگراسىنى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دىنىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەپ قويسىلا بولمايدۇ. دۇنيا مىقياسىدا، نۇرغۇن كىشىلەر دىننى چەكلەيدىغان قاتتىق تۈزۈملىرى بار دۆلەتلەردە ياشايدۇ. تەئەسسۇپلۇقنى پاش قىلىش ۋە تەنقىدلەپ قويۇش يىتەرلىك ئەمەس. ئامرىكىدا تۇرۇشلۇق دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى سام بىروۋىنبەك يىقىندا دىنىي تەئەسسۇپلۇقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن:» بىز چوقۇم كىشىلەر پەرقلىق كىملىككە ئىگە بولسىمۇ ئۆز- ئارا ھەقىقىي كۆيۈنەلەيدىغان ۋە ياخشى كۆرەلەيدىغان جايغا كۆچۈپ كىتىشىمىز كىرەك. دىن كىشىلەرنىڭ روھىي بايلىقىنى ئاچالايدۇ» دىگەن. كىشىلەر دىنىي ئىتىقادتىكى پەرقلەردىن غالىپ كىلەلىگەن ئەڭ ئۈلگىلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىراق. ئۆتكەن يىلى ئىراق ھۆكۈمىتى دائىش قۇراللىق كۈچلىرىنى ئىراقتىن ھەيدەپ چىقىرىش خىزمەتلىرىدە سۈننى- شىئە مەزھەپلىرىنىڭ ئىختىلاپلىرى ئاستا- ئاستا پەسىيىپ قالدى. يىقىنقى بىر سايلامدا، مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئىلمانىي دۆلەتنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئاشكارىلىدى. ئىراقنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر شىئە مەزھىپى رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى. شىستانى ئاز سانلىق سۈننىيلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى ۋەتەنداشلىق ئاساسىدا بىرلىشىشكە چاقىردى. شىئە ئىمامىنىڭ كەڭ قورساق دىپلوماسىيەسى ئىككى مەزھەپتىكى رادىكاللارنى يالغۇز قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. دۇنيا بۇنداق ئۆرنەكلەردىن ئۆگىنىشى كىرەك، چۈنكى بۇ نۆۋەتتە خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشىغا چېتىشلىق. كۆپ قىسىم دىنلاردا ئۆچ كۆرۈشنى تىزگىنلەيدىغان تىنىچلىق چارىلىرى بار.   مەنبە: https://www.csmonitor.com/layout/set/amphtml/Commentary/the-monitors-view/2018/0824/How-to-help-China-s-Muslims

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

تەرجىمە:«خىتاي چۈشى» نىڭ قاراڭغۇ تەرىپى- مىللى كىملىكنى يوقىتىش

چا سېنتەبىر 12 , 2018
2018- يىل 17- ئاۋغۇست، «دىپلومات» ماقالىسى ئاپتور: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمى دېرىكتورى- نىكولاس بېكۇلىن

You May Like