خىتاي ئافرىقا مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنىڭ باش مۇھەررىرى پاڭ شىنخۇا نايروبىدىكى يەرلىك ئاخباراتچىلارغا مەزكۇر ئورگاننىڭ ئافرىقىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە قانداق كېڭەيگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. 2012- يىلى، 12- ئىيۇن.(Simon Maina/AFP/GettyImages)
ئاپتورى: ئازاد ئەسسا
تەرجىمان: ئويچان
2018- يىلى 14- سىنتەبىر
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.] مەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ بىر گېزىتىدە خىتاينىڭ زۇلۇمى توغرۇلۇق بىر ماقالە يازغانىدىم. ئارىدىن بىر نەچچە سائەت ئۆتمەيلا ئۇلار مېنىڭ ستونىمنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتتى. ئافرىقا تاراتقۇلىرىغا قارىتىلغان ئون نەچچە يىللىق پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىشتىن كېيىن، خىتاي ئاخىرى رەسمىي ھالدا سالغان مەبلەغلىرىنى نەقلەشتۈرۈشكە باشلىدى. ئۆتكەن ھەپتە مەن بىر جەنۇبىي ئافرىقا گېزىتىدىكى ھەپتىلىك ستونىمنى خىتاينىڭ شنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت) رايۇنىدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەردىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئاتاش قارارىغا كەلدىم. ستون ماقالەمدە بۇ تۈركىي مۇسۇلمان خەلقنىڭ تارتىۋاتقان ئازاپ-ئۇقۇبەتلىرى ۋە 40 تىن ئارتۇق ئافرىقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى تارىخىي خىتاي-ئافرىقا مۇنبىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ساھىبخانىدىن بىر چۈشەنچە تەلەپ قىلىشقا ئاجىز كەلگەنلىكى مۇلاھىزە قىلىنغان. بۇ ماقالە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىككىنچى چوڭ تاراتقۇ شىركىتى بولغان «مۇستەقىل تاراتقۇ»غا تەۋە بىر گېزىتتە ئېلان قىلىنىپ، بىر قانچە سائەت ئۆتمەستە، بۇ ماقالەمنىڭ تورغا قۇيۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تاپشۇرۇۋالدىم. ئەتىسى، مەن 2016- يىلى سىنتەبىردىن بۇيان يېزىپ كېلىۋاتقان دۇنيادىكى ئۇنتۇلغان خەلق ۋە جايلار ھەققىدىكى ھەپتىلىك ستونىم ئالدىراپلا بىكار قىلىندى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، «گېزىتنىڭ يېڭى لايىھىسى»دە مېنىڭ ھەپتىلىك ئىچ پۇشۇقۇمنى تۆكىدىغانغا ئەمدى يەر چىقماسمىش. «مۇستەقىل تارتقۇ»نىڭ 20% پېيىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلىرىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنىئويلاشقاندا، مەن بۇ ماقالىنى يازغاندىلا يۇقۇرىدىكىلەرنىڭ چىشىغا تېگىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. بىراق بۇ جىن قوغلاشنىڭ بۇنداق تېز ۋە ئاشكارە بولىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن. قارىغاندا، مەن خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى تەشۋىقات تېرىشچانلىقلىرىنىڭ يۈرىكىگە تېگىدىغان بىر مۇرەسسە قىلغۇسىز ساھەگە كىرىپ قالغان ئوخشايمەن. 1999– يىلى، خىتاي «سېرتقا چىقىش» سىياسىتى نامى بىلەن، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلىقىغا قارىتىلغان بىر ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭىيىش پىلانىنى يولغا قويدى ۋە بۇ پىلان دائىرىسىدە، ئافرىقا تاراتقۇلىرىغا مىليونلاپ مەبلەغ سالدى. ئۆزىنىڭ غەرب تاراتقۇلىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك سەلبىي ئوبرازىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي بۇ پىلان ئارقىلىق، مەنپەئىتى بارغانچە ئېشىۋاتقان بۇ قۇرۇقلۇقتا، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئوبرازىنى كونترول قىلىش ھۇقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىشقا تېرىشتى. بۇ، خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ رامكىسى ئىچىدە، ئورگانلارنى كېڭەيتىش، ئافرىقىدا ئىشخانا تەسىس قىلىدىغان خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى خىتاي تاراتقۇلىرىنى قوللاش، خۇسۇسىي ئافرىقا تاراتقۇلىرىنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىش ۋە شېرىكلىككە قىززىقتۇرۇش ياكى پۇلغا تۇتۇلغان ئافرىقا تەھرىر بۆلۈملىرىنى خىتايغا بىكارلىققا ساياھەتكە ئاپىرىش… قاتارلىق ئىشلارغا غايەت زور مەبلەغ سېلىشتىن دېرەك بېرەتتى. گەرچە خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچ دىپلۇماتىيىسى دۆلەت ئىلكىدىكى شىنخۇا خەۋەر ئاگېنىتلىقى، خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى، خەلق گېزىتىنىڭ ئافرىقا نۇسخىسى ۋە يۇھاننىسبۇرگقا جايلاشقان «خىتاي-ئافرىقا» ئايلىق ژۇرنىلى… قاتارلىقلار تەرىپىدىىن ئۈزۈلمەي ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئافرىقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ ئۆز رېئاللىقىنىڭ خىتايچە نۇسخىسىنى قۇبۇل قىلىغان-قىلمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەڭ نۇپۇزلۇق خۇسۇسىي تاراتقۇ شىركەتلىرى يەرلىك سەرخىللار بىلەن يۇشۇرۇن تىل بىرىكتۈرۈپ، خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قۇرالغا ئايلىنىپ قالدى. شۇ ۋەجىدىن، كېنىيەدە خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىدىكى ئاخبارات زىياپەتلىرى ياكى بېيجىڭ كېنىيە ئاخباراتچىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە تەشكىللىگەن مۇھاكىمە يىغىنلىرى، دۆلەت تاراتقۇ گۇرۇھىنى خىتاينىڭ ئافرىقا قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى داۋراڭ قىلىدىغان بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. جەنۇبىي ئافرىقىدا، خىتاي خەلقئارا تېلېۋىزىيە گۇرۇھى بىلەن خىتاي ئافرىقا تەرەققىيات فۇندىنىڭ قىسمەن ئىگىدارلىقىدىكى«مۇستەقىل تاراتقۇ» بولسا خىتاي مەبلىغىنى داملايدىغان تەخسىكەشلىك بىلەن تولغان، دەبدەبىسى چوڭ «كىسەك ئالتۇن» (برازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا) دۆلەتلىرى پىلانىغا قارىتا تەنقىدىي مۇئامىلەسى كەمچىل ۋە خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى غەرەزلىرىگە نىسبەتەن نىگىزلىك سۇئاللارنى سوراشقا جۈرئەتسىز. ھۆكۈمەتتىن ھېساب سوراشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ قىزغىن گۇمپاڭچىسىغا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ئىلكىدىكى «يۇلتۇز ۋاقىت» گۇرۇھى نۆۋەتتە ئافرىقا قىتئەسىدىكى 30 دۆلەتتە مەشغۇلات قىلماقتا، ئۇ ئۆزىنى «ئافرىقىدىكى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئەڭ نۇپۇزلۇق رەقەملىك تېلېۋىزىيە كەسىپدارى» دەپ سۈپەتلەيدۇ. گەرچە خۇسۇسىي ئىگىلىكتە بولسىمۇ، «يۇلتۇز ۋاقىت»، خۇددى ئىمانۇئېل دۇبوئىس كۆرسەتكەندەك، خىتاي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەتتىن كۆپ پايدىغا ئېرىشتى. خۇسۇسەن خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاي مۇلازىمەتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىدىغان بىر قۇرالغا ئايلاندى. خىتاي-ئافرىقا ھېكايىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ساختا ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ نىكاھىغا ئوخشاش داۋام قىلىپ كەلگەنلىكى بىر ھەقىقەت. بىراق بىزگە كېرىكى پەرقلىق بورمىلاش ئەمەس، بەلكى ئېنىق خەۋەر قىلىش. غەرب تاراتقۇلىرىدا، خىتاي يا تاجاۋۇزچى يا يېڭى مۇستەملىكىچى دەپ تەسۋىرلەنسە؛ ئافرىقىلىقلار بىچارە ياكى چېرىك دەپ سۈپەتلىنىدۇ. خىتايپەرەس تاراتقۇلاردا، بۇ قىياپەت ئەكسىگە ئۆرۈلۈپ، خىتاي مېھرىبان ساخاۋەتچى ياكى ھەمراھقا؛ ئافرىقىلىقلار بولسا تەشنا قۇبۇل قىلغۇچىلارغا ئايلىنىدۇ. غەرب تاراتقۇلىرى ئافرىقىدىكى چېرىكلىك ۋە ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتسىزلىكنى كۈچىنىڭ يىتىشىچە ئېچىشقا تېرىشسا، خىتاي تاراتقۇلىرى قۇلىدىن كېلىشىچە بۇنى يۇشۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. دېمەك، ئافرىقا، يا غەرب تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن، ئاچكۆز ۋە رەھىمسىز خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، دەپ تەسۋىرلىنىدۇ؛ يا خىتاي مەبلەغ سېلىش مودېلىنى كۆككە كۆتۈرىدىغان خىتاي باشقۇرىشىدىكى تاراتقۇلار تەرىپىدىن، ھەددىدىن زىيادە ئىجابىي ئاتالغۇلار بىلەن سۈپەتلىنىدۇ. بۇ ئىككى ئېقىمنىڭ سېرتىدا بېرىلىدىغان خەۋەرلەر جېق ئەمەس. خىتاي توغرىسىدىكى خەۋەرلەردە كۆپ خىللىقنىڭ كەمچىللىكى، نەپسانىيەتچى كارخانىچىلارنىڭ خىتاي ۋە «كىسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرىنىڭ ياكى جەنۇبىي يېرىم شارنىڭ ئىزچىل نامۇۋاپىق تاراتقۇ ئۇبرازىنى قوللىنىپ، ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىقابى ئاستىدا، تېخىمۇ مۇستەبىت ۋە مەسئۇلىيەتسىز سودا ئەخلاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە باھانە بولۇپ بەردى. مانا بۇ سەۋەبتىن، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى جاكوپ زۇما ئۆزىنىڭ سودا پائالىيىتىگە قارىتىلغان بارلىق تەنقىدلەرنى رەت قىلىش ئۈچۈن، «ئاقلار مونوپوللۇقىدىكى كاپىتال» ئىبارىسىنى ھەددىدىن زىيادە قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ چېرىكلىكىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى. بىر قىسىم ئافرىقا ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت كۈن تەرتىپىنىڭ ئورنىدا، دۆلەتنىڭ سىزىقىنى بويلاپ ماڭىدىغان بىر تاراتقۇنىڭ قىممىتىنى تۇنۇپ يەتتى. بۇ قىتئە ھەققىدىكى ئىجابىي بورۇلۇش ئافرىقا رەھبەرلىرىنى (ئۆز-ئۆزىدىن مەمنۇن بولغان ھالدا) خۇشال قىلىدۇ، ھەمدە خىتاي ئۆزىنى بۇ قۇرۇقلۇقنىڭ «چىن دوستى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. خىتاي ئىگىدارلىقىدىكى شىركەتلەر ئېھتىمال خىتايچە نازارەت مودېلىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، قىزىل سېزىقلار قېلىن، ھەم مۇرەسسەسىز. ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىنىش ۋە تەھرىر بۆلۈملىرىدىكى كرىزىسلارنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەس. مانا بۇ دەل خىتاينىڭ ئافرىقىلىق ئىتتىپاقداشلىرىدىن كۈتىدىغان تاراتقۇ مۇھىتىدۇر. 2015- يىلى، ئەينى چاغدىكى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ خەۋەرلىشىش مىنىستېرى فائىس مۇزامبى دۆلەت ئىلىكىدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا باردى. خىتاي، ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە، دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ناچارلارنىڭ ئىچىدە. شۇڭلاشقا، بۇ مىنىستېرنى خىتايغا خەۋەرلەرنى قانداق كونترول قىلىشتىن باشقا ھەر قانداق بىر ئىشنى ئۆگەنگىلى باردى دېگەنگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. بىراق، ئامېرىكا تەرەپتە، خىتاينىڭ «قەرز قىلتىقى دىپلۇماتىيىسى» ھەققىدىكى سەل كەبى تەنقىدلەردىن كېيىن، دىققەتلەر شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت) دىكى ۋەزىيەتكە قارىتىلىشقا باشلىدى. ئەندىشىلەر يوللۇقبولسىمۇ، بۇ يەردە غەربنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنىڭ كۈچلۈك ئامىلى مەۋجۇت. يېقىنقى كۆپلىگەن ھۇجۇملار ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ترامپ ھۆكۈمىتى بىر قانچە مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىرىغا قارىتا ۋىزا چەكلىمىسنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ تۇنجى بولۇپ خىتايغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان مۇئامىلىسى تۈپەيلىدىن جازالاش تەھدىتى سېلىشى، بۇنىڭ بىر ساختىپەزلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسېتىدۇ. قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئەجدىھاغا زەربە بېرىش ئۈچۈن بىردىنبىر پۇرسەتتەك قىلىدۇ. ئوخشاشلا خىتايغا نىسبەتەن، مىليونلىغان خەلقنى سوتلىماستىن تۈرمىگە تاشلاشقا قارىتا ھېچبىر سادانىڭ چىقماسلىقى ياغدەك ياقىدۇ. مالايسىياغا ئوخشاش غەيرىي غەرب كۈچلىرى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا باشلاپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بەلباغ ۋە يول پىلانىغا يۇشۇرۇن خەۋپ شەكىللەندۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئافرىقا ئەلرايى ئۇرۇشى تېخىمۇ قىززىۋاتىدۇ. مېنىڭ ستونىمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى دەل شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ يۇقۇرىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش» دەپ تەسۋىرلەنگەنبىر ئۇچرىشىشتا، تۈر، ياردەم، مەبلەغ ۋە قەرز شەكىللىرىدە، بۇ قۇرۇقلۇققا 60 مىليارد دوللار ۋەدە قىلىشىغاتوغرا كەلدى. نەتىجىدە، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشنىڭ، ھەم خاتا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى؛ ھەم بۇنىڭ دەل پەيتى ئىكەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. مەنبە: https://foreignpolicy.com/2018/09/14/china-is-buying-african-medias-silence/amp/