تەرجىمە: ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى: خىتاي چوقۇم يىرگىنچلىك مىڭە يۇيۇش لاگىر سېستىمىسىنى بىكار قىلىشى كېرەك

خىتاي دۆلىتىنىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) رايونىدا مىلىيونلىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش، ئۇلارنىڭ مىڭىسىنى يۇيۇش قارا نىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، يېڭىچە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت لاگىرلىرىنى قۇرۇپ چىقتى.

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى

2018- يىلى 20- ئۆكتەبىر

تەرجىمان: ئەردەم

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

   

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاي دۆلىتىنىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) رايونىدا مىلىيونلىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش، ئۇلارنىڭ مىڭىسىنى يۇيۇش قارا نىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، يېڭىچە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت لاگىرلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. بىر يىلدىن ئارتۇق سۈكۈت ۋە  پارچە- پۇرات دوكىلاتلاردىن كىيىن، خىتاي ئالدىمىزدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى باھالاشتا زامانىۋى ئەسىردىكى يىغىۋىلىش لاگىرلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا. بىراق بۇ ۋەھشىيلەرچە كىشىلىك ھوقۇقدەپسەندىچىلىكىگە يالتىراق ياپقاندىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ. ئۆتكەن ھەپتە ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيە قانىلى شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)نىڭ ئىناقلىقىنى ماختىدى ۋە بىر سىنىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ «مەن قانۇنغا بويسۇنىدىغان پۇقرا» تېمىسىدىكى خىتايچە دەرس ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭمۇخبىرى جىياڭ داي Dake Kangخەۋەر قىلىنغان ۋىدىيودىكى ئاتالمىش «تەتىللىك تېخنىك تەربىيەلەش مەركەزلىرى» سىنىپلىرىدا كەم دىگەندە بەش دانە كۆزەتچى ئاپپارات بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. غەربلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئوخشاش سىنىپتا تۆت دانە مىكروفوننىڭ بارلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ ئەسۋاپلار تۇتقۇن قىلىش مەركەزلىرىنىڭ سىرتىدا ئۇيغۇرلارنى ۋە شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)دا ياشاۋاتقان باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى  نازارەت قىلىش ئۈچۈن  كەڭ كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان  كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بارلىقىنى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

خىتاي تەخىرسىز ئۇيغۇرلار ۋە زوراۋان بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئۇزاق مەزگىل كۆرەش قىلدى. بىراق 1.1 مىليون كىشىنى سولاپ قويۇش ۋە ئۇلارنى مەجبۇرىي تەربىيەلەش ئىلگىرىكى ھەرقانداق چارىلەردىن ئىشىپ كەتتى. خىتاي بۇ قاتتىق باستۇرۇشنى تىرورىزىمغا قارشى  تۇرۇش دەپ ئاقلىدى، ئەمما بارلىق ئالامەتلەر ئەسلى نىشان– ئىتنىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىنى يوقۇتۇش، خىتاي تىلى ۋەكومۇنىستىك پارتىيە ئىدىلوگىيەسىنى سىڭدۈرۈش ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلماقتا.

خىتاي ئۇلارنى بەختىيار زىمىن دەپ تونۇشتۇرماقتا. دۆلەتلىك شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنى زىيارەت قىلغاندا، شۆھرەت زاكىر ئۇيغۇرلارنىڭ «ئەركىن ھالدا» تىل ئۆگىنىش مەكتەپلىرى ۋە تەتىللىك تەربىيىلىنىشكە قاتنىشىۋاتقانلىقىدا چىڭ تۇردى. ئۇ زىيارەت داۋامىدا  «ئاشخانىلاردا ھەر خىل تاماقلار تەييار، ياتاقلاردا رادىئو، تىلىۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، مۇنچا، ھاجەتخانىلار تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان» دېدى.

بۇ ئېنىقلا قۇرۇق گەپئامېرىكا پارلامېنتى ئىجرائىيە كومىتىتىنىڭ 10- ئۆكتەبىر خىتاي توغرىسىدا بەرگەن  قوليازما دوكىلاتىدا لاگىرلارنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» ئورۇنلىرى ئىكەنلىكى، مەجبۇرىي تۇتۇلغان كىشىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكى، ئىچىدە مەجبۇرى خور ئوقۇش، ناچار تاماق، قىيىن- قىستاققا ئىلىش، سۇ تۈرمىسى، ئۇيقۇسىزلىق،  كىيمى- كىچەك يېتىشمەسلىك  قاتارلىقلارغا دۇچار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. «ئەگەر شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)دىكى قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى  ھەقىقەتەن  گۇناھسىز تەتىللىك مەكتەپلەر بولسا، خىتاي دەرۋازىسىنى چوڭ ئىچىپ،   خەلقئارانىڭ تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەك.»

  مەنبە: https://www.washingtonpost.com/pb/opinions/china-must-dismantle-its-grotesque-network-of-brainwashing-factories/2018/10/20/5268be54-d3c4-11e8-8c22-fa2ef74bd6d6_story.html?nid=menu_nav_accessibilityforscreenreader&outputType=accessibility&utm_term=.70067aa3da63

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

تەرجىمە: شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسى: دۇنيا خىتايدىن چوڭدۇر

چا ئۆكتەبىر 24 , 2018
يېقىندىن بۇيان شەرقى تۈركىستاندىن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بەك كۆپ خەۋەرلەر كېلىۋاتىدۇ. تولىمۇ ئىچىنىشلىقى شۇكى، بۇ خەۋەرلەر شەرقى تۈركىستان بىلەن ئالاقىدار بىر قانچە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئىنساپلىق بىر قانچە تاراتقۇلارنىڭ كۈنتەرتىپىدىن تېخى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىلمىدى.

You May Like