خىرىستىئان ئىلىم-پەن كۈزەتكۈچى گېزىتى، ئەننى سىكوت تايسىن
بىرلەشمە ئاگېنتلىق مۇخبىرى، ئەمىلىي ۋاڭ
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 19-نويابىر
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم
تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2018-11-22
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
قىش كەلدى، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى دېھقانلار چاتالغان ياڭاق شاخلىرىنى يىغىپ، قىشلىق ئوتۇن راسلاش بىلەن ئالدىراش. ئوتۇن مەشلەرنىڭ ئاساسلىق يېقىلغۇسى، ئۇلارنىڭ خام خىش ئۆيلىرىنى ئسسىتالايدۇ. باشقا كىشىلەر كىگىزلەرنى يۇيۇپ، قىقىشتۇرۇپ، تاملارغا زەدىۋال قىلىپ ئاسماقتا، كىگىز زەدىۋاللار سوغۇقنى توسىيالايدۇ. چىلان يىغىۋېلىش، قوناق قۇرۇتۇش ۋە ئامبارغا قاچىلاش دېگەندەك قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار. بىراق خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋەكلىرىدە، قۇم-بورانلار ئۇچۇپ تۇرىدىغان 400 ئۆيلۈك كەنىتتە ئادەم كۈچىنىڭ روشەن كەمچىللىكى ئۇلارنى مۈشكۈل كۈنگە قويدى.
»بۇ بىزگە بەك تەس كەلدى» دېدى زۆھرە. ئاكا- ئاچىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، زۆھرەنىڭ دادىسى بىر زاۋۇتتا ئامانلىق قوغدىغۇچى بولۇپ، ئۆيدىكى باشقا سەككىز جاننى بېقىۋاتماقتا، بۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇنىڭ مېيىپ ئانىسىمۇ بار. دادىسىنىڭ مائاشى ئايدا تەخمىنەن 1500 يۈەن ئەتراپىدا. كەنتتىكى 20 نەچچە ئائىلىنى غەيرىي رەسمىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان بىر ئەمەلىيەت ئايان بولدى: ئۇلارنىڭ يېرىمىنىڭ دېگۈدەك بىردىن ئائىلە ئەزاسى، ئاساسلىقى ئۆينىڭ چوڭى غايىپ بولغان، ئۇلار خەلق ئارىسىدا «تەربىيەلەش تۈرمىسى» ياكى «تەربىيەلەش» دەپ ئاتىلىدىغان جايغا مۇددەتسىز قامالغان.
ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇپ قاماپ، ئاتا- ئانىلارنى پەرزەنتلىرىدىن، تېنى ساغلام كىشىلەرنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى يېزىلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. ھۆكۈمەت يەنە ئېغىر تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەت قوزغاپ، ئۇيغۇر ئائىلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاينى كۆزەتچىلىككە ئەۋەتكەن. خوتەن ناھىيەسىدىكى بىر كەنتتە 1500 كىشىدىن 200 كىشى تۇتۇلغان. يەكشەنبە بازار كۈنلىرىدىمۇ قەشقەرنىڭ شەھەر كوچىلىرى قۇپقۇرۇق، قۇرامىغا يەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر تۇتۇلغان ياكى تەھدىتكە ئۇچرىغان. بىر نەچچە ئېغىز ياغاچ ئىشىككە قۇلۇپ سېلىنغان، بەزىسى پېچەتلەنگەن بولۇپ، بۇ تۇرالغۇدىكى ئادەمنىڭ جىنايى قىلمىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
يېقىن ئەتراپتىكى بىر نەچچە سودا ساراي تاقالغان. بىر دېھقان ئايال ئوتۇن ساتماقتا، ئۇنىڭ ئېرىمۇ «تەربىيەلەشتە». بىر دۇكان ئالدىدا چاچلىرى ئاقارغان، قوللىرى قاپارغان، كىيىملىرى يىرتىلغان تىككۈچى كىيىم تىكىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن تىجارىتى قانداقراقلىقىنى سورىغاندا، ئۇ قاپاقلىرى ساڭگىلاپ، باشلىرىنى چايقاپ تۇرۇپ: «تىجارەت ناچار، بۇرۇنقىدىنمۇ ناچار، نېمىشقا دېگەندە ئادەم قالمىدى!» دېدى.
زۇلمەت كېچە كەنتنى قوينىغا ئالدى، ياغاچتىن ياسالغان رەخت توقۇش ماشىنىسىنىڭ تاراقشىغان ئاۋازى تۈن باغرىنى تىلماقتا. توقۇمىچى ئايالنىڭ بىلەكلىرى، بەللىرى چارچاشتىن تېلىپ ئۈزۈلۈپ قالاي دېگەن بولسىمۇ، ئامالسىز داۋاملىق ئىشلەشكە مەجبۇر. «مېنىڭ ئېرىم ھازىر تەربىيەلەش تۈرمىسىدە، مەن ھازىر ئۆينى قامداۋاتقان بىردىنبىر ئادەم، ئېرىمنىڭ قاچان چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن» دېدى ئۇ يىغلامسىراپ.
تەربىيەلەش لاگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇردى. يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىنى نەچچە ئاي ئاۋۋال، بىر يىل ئاۋۋال، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزۇن زامان ئىلگىرى ئۇلاردىن تارتىۋالغان. خوتەندە تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر كىشى ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى قالايمىقان تۇتىدىغانلىقى، سوراق قىلىدىغانلىقى، ئىسلام دىنىنىڭ بەلگىسى دەپ قارالغان ساقال، رومال، ھاراق- تاماكادىن يىراق تۇرۇش ياكى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىش قاتارلىقلارنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەر قولىنى سۇنۇپ، قوللىرىغا كىشەن سېلىنغاننى ئىشارەت قىلغان ھالدا «ھەر قانداق دىنىي پائالىيەتكە قاتناشقان ئادەم تۇتۇلىدۇ، ئۇلارنى تۇتۇپ كەتتى» دېدى.
تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى ۋە چىقىم خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، لاگىرلار ئادەتتە ئىلگىرىكى مەكتەپ ياكى زاۋۇتلارنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ھەممىسىنىڭ تاملىرىغا تۆمۈر سىم ۋە كۆزىتىش سۇپىلىرى ئورنىتىلغان. گەرچە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئون نەچچە لاگىر بايقالغان بولسىمۇ، ئۇلار ئاساسلىقى قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ ۋە ئاقسۇ قاتارلىق غەربىي جەنۇپتىكى تۆت ۋىلايەتكە مەركەزلەشكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان.
خوتەندىكى بەزى كەنت ئاھالىسى ئۇلارنىڭ ئايدا بىر قېتىم تۇغقان يوقلىيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى، بەزىلەر ھەتتا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ تۇغقانلىرىنى قەتئىي كۆرۈپ باقمىغان. تۇتۇلغان بەزى كەنت ئاھالىسى ئاقسۇ ياكى ئۈرۈمچىدىن نەچچە سائەت يىراقلىقتىكى جايلارغا يۆتكەلگەن. باشقىلار خوتەن ئەتراپىدا ئىكەن.
كەنتتىن چىقىدىغان يول تۆپىسىدە، يورۇڭقاش دەرياسى بويىدا سىم تور بىلەن قورشالغان توپا رەڭلىك يوغان بىر بىنا بار. ئىككى كەنت ئارىسىدىكى ئالتە قۇرلۇق چوڭ يول بار، تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتكەندە ئۇيغۇر يولۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ماشىنىلىرى تەكشۈرۈلىدۇ، ئاندىن يولۇچىلار بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، خوتەن شەھەر مەركىزىگە كىرىدۇ. ساقچىلارنىڭ يېنىدا ئۆتكۈر نەيزە، قالقان ۋە قورال بار.
كەنتتىكى يەرلىك تاۋۇز، ئۈزۈم ۋە باشقا مېۋە، كۆكتاتلار تىزىلغان باققالدىن، بىر خىتاي ئايال كېلىپ ئازراق ئاپلىسىن سېتىۋالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بىر ئاي ئىلگىرى گەنسۇ ئۆلكىسىدىن كەلگەن بولۇپ، كەنتتىكى يەسلىگە كۆچۈپ كىرگەن ۋە ئۇيغۇر بالىلارغا خىتايچە ئۆگىتىشكە باشلىغان.
گەرچە ئۇيغۇرلار تۇغقانلىرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، ئۇلار يەنىلا زور ساندىكى تاجاۋۇزچى خىتايلارنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى قوبۇل قىلماي ئامالى يوق. بۇ خىتايلارنىڭ بەزىسى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)دا تۇغۇلغان، بەزىسى «ئىچكىرى» دەپ ئاتالغان جايدىن كەلگەن، خىتايلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىچكىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى خىتايدىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپىلار ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىدە نەچچە كۈن، نەچچە ھەپتە ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت ئۇلارنى كۆزەتكىلى ۋە «يېتەكلىگىلى» كەلگەن. بۇلاردىن خەۋىرى بار بىر خىتاي : «نۇرغۇنلىغان خىتاي كادىرلار يېزىدا تۇرىدۇ، بىر خىتاي كادىر ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە مەسئۇل. شۇڭا ئۇ نۆۋەت بىلەن ھەر بىر ئۆيدە بىر كېچىدىن قونۇپ چىقىدۇ. بىز بۇ يەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتكىلى كەلگەن» دېدى.
ئۆتكەن يىلى 5- ئايدا، 58 ياشلىق خىتاي سۇ كەمپىر 4000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خۇنەن ئۆلكىسىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ يەر يۇرتىدىن ياخشىكەن. ئۇ 60 مىڭ كويغا ئىككى ئېغىز ئۆيى بار، ئىككى پارنىكى بار، كىچىكرەك بېغى بار بىر ئۆي سېتىۋاپتۇ. ئۇنىڭ نەۋرىلىرى ھەقسىز ئوقۇش، ھەقسىز تاماق ھەتتا ھەقسىز كىيىملەردىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.
خىتاينىڭ غەربىدىكى يەنە بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقتا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ بارخانلىرىدا قاتار- قاتار سىمونت ئۆيلەر ۋە قىزىل رەڭلىك مېتال ئۆگزىلەر تۇيۇقسىزلا قەد كۆتۈردى. خىتاي قىزىل بايراقلىرى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىگە تىكلەنگەن، كىرىش ئېغىزىغا: «خوتەن ئىتتىپاق كەنتىگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز» دېگەن تاختىلار ئېسىلغان ئىدى.
بىراق، بۇ كەنتتە يەنىلا ئازلا ئادەم ئولتۇراقلاشقان. شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەھەللىدە تەخمىنەن 534 ئولتۇراق ئۆي بار بولۇپ، كۆپىنچىسى بوش ئىكەن. قاتار، قاتار پارنىك ۋە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى، قۇلۇپلىرىغا «پېچەتلەندى» دېگەن بەلگە چاپلانغان.
ئوتتەك قىززىق ئاپتاپتا، بىر خىتاي دېھقان سۇ كەمچىللىكىدىن زارلانماقتا. ئۇ ئىلگىرى تېرىغان كۈدىلەرنى تاشلىۋەتمەي ئامال يوق. تېرىلغۇ كۆكتات بولسىمۇ كۈدىنىڭ باھاسى بەكلا ئەرزان. ھۆكۈمەت كۆزەتچىسى نېرى كەتكەندە، ئۇ خىتاي «پارنىكتىن چىقماي ئىشلەپمۇ جاننى باققىلى بولمايدۇ» دېدى.
ئېنىقكى، بۇ كەنت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر كۆرگەزمىسى، ئۇلار شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) رايونىنى بويسۇندۇرماقچى. بۇ خىتاينىڭ تىنجىماس بۆلىكى، ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ مەركىزى دىيارى، شۇنداقلا شەپقەتسىز بىر رايون .سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان لاگىرلارغا سولانغان، ئۇلارنىڭ بالىلىرى دارىلتاملارغا ئەۋەتىلگەن.
كومپارتىيەنىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غادىققەت قىلساقلا، ئۇنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بايقىيالايمىز. چېقىلغان مەسچىتلەر، مىللىي پاسوندىكى ئۆيلەر، غەربلەشتۈرۈلگەن يالاڭباشتاق ئاياللار، خىتايلاشتۇرۇلغان بالىلار بۇنىڭ نامايەندىسى. خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيەت توغرىسىدا پاراڭلىشىشىمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ قالغان. ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ كۆزەتچىلىكىدە، بىر ئۇيغۇر ياش مۇخبىرنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋابەن ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى كەسكىن ئېيتتى. 70 ياشلار چامىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقان روزى توختاخۇن ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن مۇسۇلمان بولمايدىغانلىقىنى دېدى. خىتايچىنى سۇدەك راۋان سۆزلەيدىغان بىر ئۇيغۇر كادىر:»
ئۇلارنىڭ ھەممىسى نادان، شۇڭا ئۇلار دىنغا ئىشىنىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشكە زور تەسىر كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى. ئۇ خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ، خۇداغا ئىشەنمەيدىكەن، يېقىندا كومپارتىيە ئەزالىقىغا ئىلتىماس قىلماقچىكەن.
ئەنگىلىيە نىيۋ كەستىل ئۇنىۋېرسىتېدىكى ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىس جوننى سىمىز فىنلىي: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» دېمەك بويسۇندۇرۇش دېمەك، ئۇيغۇرلارنى ھالاك قىلىشنىڭ سىپايە ئاتىلىشى. بۇ خۇددى زەي تامغا ھەشەمەتلىك رەسىم چاپلىۋالغاندەك ئىش» دېدى. نوتىڭخام ئۇنىۋرسىتېنىڭ مۇتەخەسسىسى داۋىد ئوبىرەيىن: «قارىماققا، خوتەن ئىتتىپاق كەنتى ھۆكۈمەتنىڭ «غايىۋى مەھەللە» ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ ھەر بىر بۆلۈكى ھۆكۈمەتنىڭ بايانىنى: سۇنىڭ سايغا ئاقىدىغانلىقىنى، بۇ يەرگە كەلسە نۇرغۇن پۇرسەتنىڭ كۈتۈپ ياتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ دىنسىزلىشىدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ خىتايچە ئۆگىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ» دېدى. بۇ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)نىڭ ئۆلكە ئەمەس، رايون ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. (ئۆلكە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. رايون بولسا جۇغراپىيىلىك، ئىجتىمائىي، كۈلتۈرەل پەرق تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ).
شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)دىكى خىتايلارنىڭ سانى 1949- يىلى %7 بولۇپ، 2015- يىلىغا كەلگەندە %37 كە يەتكەن. ئوخشاش مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئىلگىرىكى %75 تىن %48 كە چۈشكەن. خىتايلار ئاساسلىق شەھەرگە بولۇپمۇ شىمالدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كىرىمى يۇقىرى سانائەت كەسىپلىرىگە ئورۇنلاشسا، ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى كىرىمى تۆۋەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، يېزىلارغا ئولتۇراقلاشقان. خىتايلار 1954-يىلى بىڭتۈەن قۇرۇپ، ئۆزىگە خاس ھەربىي ۋە ساقچى تۇرغۇزۇپ، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئىستىراتىگىيەلىك جايلارغا ئورۇنلاشقان. نۆۋەتتىكى 2.7 مىلىيون بىڭتۈەن ئاھالىسىنىڭ %90 خىتاي.
بىر قېتىملىق ئامانلىق قوغداش باستۇرۇشىدىن كىيىن، خىتاي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)نىڭ كەلگۈسىنى قايتىدىن پىلانلىغان. » شىنجاڭ پىلانى» 2014- يىلى يولغا قويۇلغان بولۇپ، 2017- يىلى جىددىي كىڭەيتىلگەن. تەخمىنەن بىر مىلىيون خىتاي كادىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىلگەن، تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئائىلىرىنى ئاساسلىق كۆزىتىش ئوبىكتى قىلغان. قونۇش جەريانىدا، خىتاي كادىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق دىنىي پائالىيەت، چەتئەل ئالاقىسى، ئاشخانىدىكى پىچاق سانى قاتارلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، يەرلىك ھۆكۈمەتكە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دوكىلات قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دوكىلاتى تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ تۇتۇلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
ئاھالىلەر كەنىتتىكى مەسچىتلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن چېقىلىپ كەتكەنلىكىنى، بالىلارنىڭ ھىچقانداق دىنىي پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى، ھىچكىمنىڭ ئاشكارا ھالدا دىنىي پائالىيەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى. گەرچە قاتتىق بېسىمغا ئۇچراپ تۇرسىمۇ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يەنىلا رامىزان ئېيىدا مەخپى روزا تۇتۇپ، نامىزىنى ئىتتىك ئوقۇۋالىدىكەن. ياشانغانلار مۇسۇلمانلارنىڭ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دىگەن سالىمىنى ئاڭلىسا، چىرايلىرى نۇرلىنىپ كېتىدىكەن ۋە ھىچ ئىككىلەنمەستىن » ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دەپ سالام قايتۇرىدىكەن.
ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى شىنجاڭ (مۇستەملىكتىكى شەرقىي تۈركىستان) ھۆكۈمىتىنىڭ زورلۇق- زۇمبۇلۇقلىرىدىكى ئەڭ ئازابلىق ئىشنىڭ بىرى. بالىلار ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ نېمىنى خاتا قىلغانلىقىنى كاللىسىغا سىڭدۈرمەكتە، شۇ ئارقىلىق ئۇلارغا ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۈلگە ۋەيران قىلىنماقتا. بەزى ئائىلىلەردە، ئائىلە ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ بىسىمى بىلەن ئۆز- ئارا پاش قىلىش، ئەيىبلەشكە مەجبۇرلانماقتا.
يېزىلاردىكى تۇرمۇش داۋام قىلماقتا، مۇرەككەپ يوشۇرۇن ئېقىنلارغا يۇغۇرۇلۇپ كەتمەكتە. قىزىل يوپۇققا يۆگەلگەن ئۈستەل، بىر سەھرالىق ئايال چاچلىرىنى ياغلىق بىلەن چىگىۋىلىپ، تونۇر بىشىدا نان پىشۇرماقتا. ئاندىن ئۇ تۆمۈر زىخ بىلەن نانلارنى قومۇرۇپ، ئالماقتا. ئېنىقكى، ئۇ ناھايىتى خاپا چىراي ئىدى. ئۇ ئىلگىرى بىر كىيىم تىككۈچى بولۇپ، بىر ئايدىن بىرى ئىرىنىڭ يوقلۇقىنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ناۋايخانىدا ئىشلەشكە باشلىغان. ئۇنىڭدىن ئائىلىسىدىكىلەر توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن ئويناۋاتقان مەكتەپ يىشىدىكى قىزى جاۋاب بىرىپ: «مېنىڭ دادام ھازىر «تەربىيەلەش تۈرمىسىدە» دېدى ۋە دادىسىنىڭ تۇتۇپ كىتىلگەن يىل، ئاي، كۈنىنى تەپسىلىي دەپ بەردى.
– مىنىڭ داداممۇ تەربىيەلەش تۈرمىسىدە – دېدى ئۇنىڭ دوستى سۆز قىستۇرۇپ.
ئۈچىنچى قىز ئۆزىنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى، ئۇ خۇددى ئالاھىدە بىر ئىشتىن ماختىنىۋاتقاندەك ئىدى.
قىزچاق دادىسى بىلەن قاچان كۆرىشەلەيدىغانلىقىنى بەكلا بىلگۈسى بار، ئۇ دادىسىنى كۆرمىگىلى بىر يىرىم يىلدىن ئاشقان ئىدى. قىزچاق ھەر كۈنى بوينىغا قىزىل گالاستۇك تاقاپ، كەچ سائەت يەتتە يىرىمدە تار يىزا يولىنى بويلاپ چوڭ مەيدانغا ياكى پارتىيە بۆلۈمىگە بىرىپ خىتايچە ئۆگىنىدۇ. ئۇ ناخشىلىرىدا كومپارتىيەنى ۋە » ۋەتىنى»نى مەدھىيەلەيدۇ.
بۈگۈن كېچە ئۇ دادىسى ئۈچۈن تىلەك تىلىدى. «مەن دادامنىڭ تىرىشىپ ئوقۇشىنى تىلەيمەن. شۇندىلا مەن ئۇنى تېزلا كۆرەلەيمەن» دېدى ئۇ.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى قايتا تەربىيەلەشكە تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بارغاندا، غەربى رايون شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)دا ئالاھىدە قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان مۇخبىر ئەننى سىكوت تايسىننىڭ كۆرگەنلىرى ۋە بىرلەشمە ئاگىنتلىق مۇخبىرى ئەمىلىي ۋاڭنىڭ ماقالىسى بىرلەشتۈرىلدى – ت.
مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.
https://apnews.com/a48de48b634146db80e48de8a76e2a97