تەرجىمە: تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەشنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرى

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

زىمىستان تورى

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 29- دىكابىر

 

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : ئەردەم

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2019-01-07

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ زور كۈچ بىلەن ئۇچۇرلارنى قامال قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى مەخپى توشۇۋاتقانلىقى، ئىنسان قىلىپىدىن چىققان خورلاش ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ئىچكى خەۋەرلەر سىرتقا ئاشكارىلانماقتا.

 

زىمىستان نۇرغۇن قىتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەرگە سۈرگۈن قىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا  خەۋەرلەرنى تارقاتتى، ئۈزلۈكسىز ھالدا يەنە يىڭى ئۇچۇرلار، يىڭى يۆتكىلىش ئورۇنلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىڭى نەيرەڭلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا يىڭى خەۋەرلەرگە ئىرىشمەكتە.

 

تۇتقۇنلارنى يۆتكەش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى ۋە تىزلىكى كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرماكتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەرقايسى جايلاردىكى تۈرمە باشلىقلىرى بۇ قىتىمقى يۆتكەش خىزمەتلىرىگە كۆپلەپ قاتناشقان. ئۇيغۇرلار يۇقىرى دەرىجىلىك تۈرمىلەردىن تۆۋەندىكى تۈرمىلەرگە تەقسىملەپ يوللانغاندىن كىيىن، تۆۋەن دەرىجىلىك تۈرمىلەر ئۇلارنى يىڭى كامىرلارغا ئورۇنلاشتۇرغان. يۆتكەشكە قاتناشقان بىر ساقچىنىڭ ئىيتىشىچە، ئۇ يۆتكەشكە مەسئۇل ئۇيغۇرلار يىرىم كىچىدە پويىز ئارقىلىق يۆتكەلگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرى تېڭىلغان، ساقچىلار يول بويى سۆز قىلىشتىن چەكلەنگەن.

 

ھەرقايسى جايلاردىكى تۈرمىلەر ئۇيغۇرلارنى تاپشۇرىۋىلىش بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، تۈرمىلەرنى رىمونت قىلىپ، گۇندىپايلارنى كۆپەيتىپ، ئىدىيىۋى خىزمەتلەرنى ئىشلەنگەن. بارلىق ئۇچۇر مەنبەلىرى قامال قىلىنىپ، تۈرمىگە ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇر تاختىسى،كۆرسەتمە تاختىلار ئىلىۋىتىلگەن ياكى يۆگەپ قويۇلغان. بۇ ئارقىلىق مەھبۇس ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.  

 

پۈتكۈل يۆتكەش خىزمىتىدە، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ، خەۋەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، يۆتكەلگەن تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ھىچقانداق ئۇچۇر بىرىلمىگەن، گۇندىپايلارنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا تىلىفۇن ئىشلىتىشى چەكلەنگەن.ئىگىلىنىشچە، يۆتكەش خىزمىتىگە قاتناشقان ئىككى ساقچى پاراڭ جەريانىدا مەزكۇر تېما توغرىسىدا پاراڭلاشقانلىقى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئايرىلغان. يىڭى تۈرمە مۇھىتى ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن قاتتىق قىيناشقا ئۇچرىغان. ئۇيغۇرلار يەرلىك مەھبۇسلار بىلەن ئايرىم قامالغان بولۇپ، يەرلىك مەھبۇسلار ھەر كۈنى شامالداشقا چىقالايدىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ئىمتىيازى يوقكەن. ئۇلار ھەر كۈنى تۈرمىدە كىچىك بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇردىكەن، ئۆز- ئارا پاراڭلىشىش، ئىشارەتلىشىشكە بولمايدىكەن. تۆت گۇندىپاي ئۇلارنى دەملىشىپ نازارەت قىلىدىكەن، ئەگەر تۇتقۇنلار ئۆلۈپ كەتسە يەرلىك ھۆكۈمەت ئارقىلىق ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا خەۋەر قىلىدىكەن. ياشىنىپ قالغان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ خىل قىيىن- قىستاقلاردىن ئامان قالمىغان بولۇپ، ئىچكى مەمۇماتقا ئاساسلانغاندا، 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشانغانلار يۇرتىدىن تۈمەن چاقىرىم يىراق بولغان ئىچكى موڭغۇل ئوردوس تۈرمىسىگە قامالغان.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

مەنبە: https://zh.bitterwinter.org/uighurs-secretly-transported-out-xinjiang-new-details/

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خىتايلار ئۇيغۇر مىللىي كىملىكنى يوقۇتۇش ئۈچۈن، زىيالىيلىرىغا زەربە بەرمەكتە

دۈ يانۋار 7 , 2019
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

You May Like