شىنجاڭدىكى زۇلۇم ئۇيغۇرلارنى چېگرادىن قېچىشقا مەجبۇر قىلماقتا
تاشقى سىياسەت تورى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل چىنار
تەھرىر: ئابدۇقادىر ئابلىز
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
ئافغانىستان چىگراسى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتايدىكى زۇلۇمدىن قاچقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پاناھگاھى بولۇپ كەلدى. 18-ئەسىردە، چىڭ ئىمپېرىيەسى شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)نى بېسىۋالغاندىن كېيىن، چىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان قىلغان ئۇيغۇرلار باداخشانغا قاچقان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ۋە چەكلىمىلىرى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېيجىڭ ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى، دىنى ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان باستۇرۇشنى كۈچەيتىشى، خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى بۇ تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتنى، ئافغانىستانغا كۆپلەپ قېچىپ كىرىشكە مەجبۇر قىلماقتا.
بېيجىڭ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى تېررورىزمنىڭ ئافغانىستاندىن كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى ئېتنىك توقۇنۇشلار ئافغانىستاننىڭ تېخىمۇ مۇقىمسىز بولۇشىغا ۋە خىتاينىڭ باستۇرۇش نىشانى بولغان ئۇيغۇر ياشلارنى قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر قىلماقتا.
نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ 1949-يىلى مەزكۇر رايوننى بېسىۋالغاندىن كىيىنكى ھاكىمىيىتىگە نارازى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىر نەچچە ئەسىر داۋام قىلغان خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەن. 1990-يىللاردا، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، بېيجىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ «شەرقى تۈركىستان» دىن ئىبارەت ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇش ئارزۇسىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلگەن. بولۇپمۇ 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر غايىسىنى تېرورىزم بىلەن شەرھىيلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» (رادىكاللىق، تېرورىزم ۋە بۆلگۈنچىلىك) كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى.
1990-يىلىدىن 2010-يىللىرى مابەينىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكى ۋە دىنى ئېتىقادىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان كەمسىتىش ۋە زۇلۇملار، پاسپورت بېجىرىش، مېھمانخانىدا تۇرۇش، بانكا مۇلازىمىتى ۋە ئىنتېرنېت ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئەمما بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى باشلىرىنى ئېچىشقا مەجبۇرلىنىپ ئۇزۇن كىيىملىرى -ئاياللارنىڭ ئاددى سىدام كىيىنىپ يۈرۈشىنى دىنىغا بولغان ساداقەتنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدىغان يەرلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن- كېسىلىپ قىسقارتىلغان. خىتايدا پۇقرالارنىڭ قورال-ياراغ ساقلىشى چەكلەنگەن، ئەمما شىنجاڭدا ئاشخانا ئۆيدە ئىشلىتىلىدىغان پىچاقلارمۇ مەخسۇس كىملىك نۇمۇرلىرى بېسىلىپ ئۆيدىكى بەلگىلەنگەن جايغا قويۇلۇشى لازىم. 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە قىرغىنچىلىق، شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى زۇلۇمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىدىن ئىبارەت بۇ يامان خاراكتىرلىق دەۋرىيلىنىشكە سەۋەب بولغان.
خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى خىتايلارنىڭ مىللى خىرسى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، روبېرت دېيۋىت كاپلان كۆرسەتكەندەك، «خەۋەرلەردىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان قامالغان مەخپىي لاگېرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، خىتاينىڭ غەربىدىكى تۈركىي مىللەت بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇملار، بېيجىڭنىڭ يېڭى ئىمپېرىيالىست سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر بۆلىكى.» كاپلان يەنە «خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلباغ تەشەببۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ تامامەن بويسۇندۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دەيدۇ. 2017-يىلى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق قۇرۇلتاي دوكلاتىدىمۇ كېلەچەكتىكى بىر قانچە ئون يىل ئىچىدە، خىتاينىڭ «ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارالىق تەسىر كۈچى جەھەتتە دۇنياۋى لىدېر بولىدىغانلىقى» كۆرسىتىلگەن.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىچكى مۇقىملىقى ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىنىڭ ئۇلتېشى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا خىتاي مەركەزىي ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك دائىرىلەر «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «مۇقىملىقنى قوغداش» باھانىسى بىلەن شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى چىڭىتقان، بۇ ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ۋە دىنى زۇلۇملاردىن دالدىلىنىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قېچىشىغا سەۋەبچى بولغان.
ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، خىتاي بىلەن چېگراداش بولغان ۋە ئۆزى بىلەن ئېتنىك، تىل ۋە دىنى ئېتىقاد جەھەتلەردىن باغلىنىشلىقى بولغان قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بۇندىن بۇرۇن باشپاناھ ھېسابلىناتتى. 1962-يىلى «ئىلى-چۆچەك ۋەقەسى» دە 60 مىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوۋېت ئىتىپاقى تېررىتورىيەسىگە قاچقان ئىدى. ئەمما نۆۋەتتە بۇ دۆلەتلەر خىتايغا بولغان ئىقتىسادى جەھەتتىكى بېقىندىلىقى سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلىشتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئۈچۈن قۇرۇلغان.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرخىل چەكلىمىلىرى تۈپەيلى، ئۇرۇش مالىمانلىقىنى يەتكۈچە تارتقان ئافغانىستان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دىنى ۋە سىياسى جەھەتتىن بىخەتەر ھېسابلىنىدىغان بىردىنبىر قوشنا دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ تالىبانلارنىڭ تىزگىنىدىكى رايونلار. شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان) بىلەن ئافغانىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان ۋە يەر شەكلى مۇرەككەپ بولغان ۋاخان كارىدورى باداخشان ۋىلايىتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يەردە ھازىر 4500 ئەتىراپىدا ئۇيغۇر بار، ئاپتورنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن يېقىندا ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە ئاساسەن، باداخشاندا 150 ئەتىراپىدا ئۇيغۇر ئائىلە ياشايدىكەن ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قوراللىق ئىكەن. خىتاينىڭ ئىچىدىكى مىللى ئايرىمچىلىق، ئافغانىستان ئۇرۇشى ۋە سىياسى داۋالغۇشلار ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق ھەرىكىتىگە ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشىگە سەۋەبچى بولغان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا تالىبان ۋە ئەلقائىدە بىلەن باغلىنىشلىق. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامى قوراللىق ھەرىكەتلەردىكى ئىشتىراك سالمىقى ھەققىدە بىر-بىرىدىن تولىمۇ پەرقلىق پىكىرلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇنداقلارنىڭ سانىنىڭ ناھايىتى ئاز ھەتتاكى يوق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈدۇ، ئەمما بېيجىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە رادىكاللىق تۈسى بېرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسى ۋە 2002-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ۋە ئامېرىكا ئارىسىدىكى تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىقتىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى بىر تېرورلۇق تەشكىلاتى قاتارىدا تىزىمغا ئالغان. 2003-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى تۈركۈم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تىزىملىككە ئاساسەن، ھەسەن مەخسۇم ۋە ئابدۇقادىر ياپچان 1997-يىلى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن ۋە ئافغانىستاندا قوراللىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى قۇرغان، ھەسەن مەخسۇم 2003-يىلى پاكىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى بىر ھەيئەتنىڭ دوكلاتىدا، 2000-يىلىدىكى رۇسچە بىر خەۋەردىن نەقىل قىلىنىپ، ئۇساما بىن لادىننىڭ 1999-يىلى ئافغانىستاندىكى بىر يىغىندا شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە مەبلەغ ئاجراتقانلىقى دېيىلگەن.
2000-يىللىرى، ئامېرىكىنىڭ تالىبان ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇشى، پاكىستان ھەربى قىسىملىرىنىڭ قەبىلە رايونلىرىدىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر قوراللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىچىدە ئەلقائىدە بىلەن ئافغانىستان-پاكىستان چېگراسىدا جەڭ قىلىش ياكى شىنجاڭدا بىر مىللى ھەرىكەت قوزغاش ھەققىدىكى ئىختىلاپلار تۈپەيلى كېلىپ چىققان بۆلۈنۈش ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر قوراللىق ھەرىكىتىنىڭ چېكىنىشىگە سەۋەب بولغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسەن، 2007-يىلى ئافغانىستاندىكى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ سانى 200 ئەتىراپىدا بولۇپ، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۈركىيە، سۇرىيە قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قاچقان.
يېڭى بىر ئۇيغۇر قوراللىق تەشكىلاتى بولغان تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى 2006-يىلىدىن باشلاپ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇلار خىتايدا ئوخشىمىغان يەرلەردە يۈز بەرگەن خىتاي ۋە خىتاينىڭ مەنپەئەتى نىشان قىلىنغان ھۇجۇملارغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2008-يىلى ئولىمپىكتىن بۇرۇن شاڭخەي ۋە كۈنمىڭدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان. 2011-يىلى سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن باشلاپ، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى سۇرىيەدىكى ئەلقائىدە قاتارلىق ئوخشىمىغان قوراللىق تەشكىلاتلار بىلەن بىر سەپتە جەڭ قىلغان بولۇپ، بىر دوكلاتتا 300 دىن 500 گىچە ياخشى تەشكىللەنگەن ۋە مول جەڭ قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە ئۇيغۇر سۇرىيەنىڭ شىمالىدا بەشەر ئەسەت قىسىملىرىغا قارشى قۇرۇقلۇق جەڭلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. دەۋلەتۇل ئىسلامنىڭ بىر ھۆججىتىدە شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىن كەلگەن 114 نەپەر چەتئەللىك جەڭچىنىڭ تىزىملىكى بار بولۇپ، ئۇلار دەل سۇرىيەدە جەڭ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار.
دەۋلەتۇل ئىسلام ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تەشكىللىنىشىدە رول ئوينىغان بولۇپ، خوراسان ئىسلام دۆلىتى (ISKP) خىتايلارنى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە خىتايغا قارشى جىھاد چاقىرىقى ئېلان قىلغان. دەۋلەتۇل ئىسلامنىڭ سۇرىيەدە پەيدا قىلغان دۇنيا خاراكتېرلىك خىرىسى ۋە قانلىق ئىستىراتېگىيەسى خىتاينىڭ ئافغانىستانغا بولغان تەرەققىياتنى مەركەز قىلغان سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلەرنى، بولۇپمۇ باداخشان ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بىر سىياسەتكە تىزدىن ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان. خىتاي كابۇل بىلەن بولغان دېپلوماتىك زىيارەت ۋە ئالاقىلىرىنى كۈچەيتكەن ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېررورلۇققا قارشى تەربىيەلەش ۋە قورال-ياراغ قاتارلىق ياردەملەرنى قىلغان. 2005-يىلى، خىتاي ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە 73 مىليون دوللار بىرىشكە ۋەدە قىلغان. ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى دەرھال ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.
ئافغانىستاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىشىدىكى مەقسىتى پەقەت پۇللا بولماستىن، ئافغانىستان بۇنداق قىلىش ئارقىلىق خىتاينى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستان تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەنلىكىگە قايىل قىلىش ۋە پاكىستاننى خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسىگە ئارىلاشتى دەپ ئەيىبلەش. 2017-يىلى دەۋلەتۇل ئىسلام بېيجىڭنىڭ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى مۇسۇلمانلارغا قىلىغان زۇلۇمىدىن «دەريادەك قان ئېقىتىپ» ئۆچ ئالىمىز دەپ تەھتىت قىلغاندىن كېيىن، ئافغانىستان ۋە خىتاي ۋاخان كارىدورىدىكى بىرلىشىپ چېگرا چارلاش ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتتى. ئۇنىڭدىن كىيىنكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە خىتاي ئارمىيەسى ۋاخان كارىدورىدا چارلاش ئېلىپ بارغان ۋە ئۇ يەردە تېرورلۇققا قارشى تەربىيەلەش ئۈچۈن بىر ھەربىي بازا قۇرغان، سېنتەبىردە ئافغانىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى، ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ خىتايدا تەربىيەلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى خوراسان ئىسلام دۆلىتىگە قېتىلىشى بېيجىڭغا نىسبەتەن بىر قاباھەتلىق چۈش ھېسابلىنىدۇ.
ئافغانىستاندا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق چەتئەللىك تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ بارلىقى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى داۋالغۇشلار —مەسىلەن تاجىكىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇش، قىرغىزىستاندىكى ئېتنىك توقۇنۇشلار، ئۆزبېكىستاننىڭ ئىسلامغا قارشى زۇلۇمى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلار ۋە كۈچلەر ( ئەلقائىدە ۋە دەۋلەتۇل ئىسلامدەك)— ئافغانىستاندىكى تېررورىزمنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا تۈرتكە بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىمۇ كۈچەيمەكتە، ئافغانىستاندىكى قوراللىق ئۇيغۇرلارمۇ كۆپەيمەكتە. خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ماھىيەتتە ئافغانىستانغا زوراۋانلىق ۋە ئېتنىك توقۇنۇش ئېكسپورت قىلماقتا.
شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان) ھۆكۈمىتىنىڭ «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» قاتارلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىنىشىغا ۋە ئافغانىستاننىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكىنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. ۋاخان كارىدورىدىكى چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقى شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دا ھەقىقىي ئېتنىك ئىتتىپاقلىق بىلەن دىنى ئەركىنلىكنى يولغا قويغاندىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.