تەرجىمە: شياڭگاڭ دېموكراتىيەسى يوقالدى

بۇلتۇر، شياڭگاڭدا كۆرگەزمە قىلىنغان شياڭگاڭ ۋە جۇڭگو بايرىقى. بۇ شياڭگاڭنىڭ جۇڭگوغا قايتقانلىقىنىڭ 20 يىللىق پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى.

(بۇ ماقالىنىڭ يازغۇچىسى يو خۈيجىن مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان پائالىيەتچى ھەم سابىق شياڭگاڭ قانۇن كېڭىشىنىڭ ئەزاسى. )

شياڭگاڭ دېموكراتىيەسى يوقالدى

ئەسلى ئ‍اپتۇر: يوۋ خۈيجىن

2018-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى

شياڭگاڭ ۋە جۇڭگو بايرىقى

بۇلتۇر، شياڭگاڭدا كۆرگەزمە قىلىنغان شياڭگاڭ ۋە جۇڭگو بايرىقى. بۇ شياڭگاڭنىڭ جۇڭگوغا قايتقانلىقىنىڭ 20 يىللىق پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى.

(بۇ ماقالىنىڭ يازغۇچىسى يو خۈيجىن مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان پائالىيەتچى ھەم سابىق شياڭگاڭ قانۇن كېڭىشىنىڭ ئەزاسى. )

 

ئېلان قىلنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 7-ئۆكتەبىر

 تەرجىمان: ئابدۇقادىر ئابلىز

تەھرىر: ئابدۇقادىر ئابلىز

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]   1997-يىلى ئەنگلىيەنىڭ قولىدىن بۇ شەھەرنىڭ باشقۇرۇشىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، جۇڭگو شياڭگاڭنىڭ دېموكراتىيەسىنى خورىتىپ، ئاساسەن ۋەيران قىلىپ بولدى. بېيجىڭ مۇكەممەل بولغان سىياسىي ۋە قانۇن قۇرۇلمىسىنى ئۇستىلىق بىلەن تىزگىنلەپ، شياڭگاڭنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تەدرىجىي بىكار قىلدى. كىشىلەر نىسپىي ئوچۇق بولغان ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقى شارائىتىدا قەدىرلەيدىغان پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقنىڭ ئايرىلىشى قاتارلىق ئۇقۇملار تاشلىۋېتىلمەكتە. ئادىل ھەققانىيلىقتەك دېموكراتىيەنىڭ يادروسى يىگىلىمەكتە. شياڭگاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىردىنبىر چىقىش يولى بېيجىڭدىن پارچىلىنىپ، يېڭى بىر دېموكراتىك دۆلەت شەكىللەندۈرۈش. ئەمما بىخەتەرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو شياڭگاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە بولغان تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل دېموكراتىك ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلامدا مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەچچە ئونلىغان دېموكراتىيەنى قوللايدىغان پائالىيەتچىلەرگە يېنىك جازا ھۆكۈم قىلىندى، يەنە بەزىلەر تۈرمىگە تاشلاندى. 6-ئايدا، مەن قانۇن كېڭىشىدە «قانۇنسىز يىغىلىش» سەۋەبىدىن تۆت ھەپتە تۈرمىدە يېتىش بىلەن ئەيىپلەندىم، قانۇن كېڭىشى شياڭگاڭنىڭ كېڭىشى، ئەينى ۋاقىتتا مەن تېخى مەزكۇر ئورگاننىڭ ئەزاسى ئىدىم. 2016-يىلى، سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر ھۆكۈمىگە جۇڭگونىڭ مۇداخىلە قىلىشى، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان قانۇن تۇرغۇزغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان قەسەم بېرىشى تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. بىز يىغىن زالىغا كىرىپ قايتىدىن قەسەم بەرمەكچى بولغاندا، بۇ قېتىملىق «قانۇنسىز يىغىلىش» يۈز بەردى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دۆلەت بىخەتەرلىكى نامىدا مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان شياڭگاڭ مىللەت پارتىيەسىنى بىكار قىلدى. بۇ شياڭگاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قارشى تۇرىدىغان كىشىنى سىغدۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۆكتىچىلەر پەقەتلا يىغىلىش ۋە قارشىلىق بىلدۈرۈش سەۋەبىدىن تېررورچى دەپ قارالدى. دۇنياغا ئوچۇقلۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شياڭگاڭ بۇ نۇقتىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئۇسۇلى جاھانگىر دۆلەتلەردىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ، ئۇ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تېلېگراف، ئۇل ئەسلىھە ۋە سودا بازىرىنى تىزگىنلەيدۇ. ئەگەر شياڭگاڭ بۇ خىل تىزگىنلەشكە سۈكۈت قىلسا، ئۇنداقتا بۇ شەھەر مەدەنىيەتلىك دېموكراتىك دۇنيادىن يىراقلىشىدۇ. نۇرغۇن شياڭگاڭلىق پۇقرالار دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى مۇنازىرە قىلىشتىن قورقىدۇ؛ بۇ شەھەردە ھايات قىلىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشى ئامال بېيجىڭ بىلەن ئادا-جۇدا بولۇش ئىكەنلىكىگە ئۇلارنى ئىشەندۈرۈش كېرەك. ئەمما شياڭگاڭدىكى بېيجىڭپەرەسلەر پىشقان زەھەرخەندە رەھىمسىزلەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان باستۇرۇش دېموكراتىك پائالىيەتچىلەرنىڭ خىزمىتىنى بارغانسېرى ئېلىپ بارغىلى بولمايدىغان قىلىۋەتتى. شياڭگاڭنىڭ ئېگىلىك ھوقۇقى ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ۋاقىتتا، بېيجىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشىگە، ئۇل ئەسلىھە ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى تەمىنلەشكە يول قويغان. ئەمما ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، شياڭگاڭ ئەمەلىيەتتە ئانچە كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەن، چۈنكى بېيجىڭ شياڭگاڭنىڭ مۇستەملىكە تارىخىدىن تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى شاڭخەي، گۇاڭجۇ ۋە شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار گۈللىنىپ روناق تېپىشقا باشلىدى، بىراق شياڭگاڭ پۇقرالىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈنسېرى قىينالدى، سىياسىي جەھەتتە چەتكە قېقىلدى. 1980-يىللىرى، ئەنگلىيە ۋە جۇڭگو شياڭگاڭ پۇقرالىرى ئاساسەن قاتناشمىغان ئەھۋالدا شياڭگاڭنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بېيجىڭنىڭ مۇشۇنداق مەقسىتى بار ئىدى. 1984-يىلىدىكى «جۇڭگو ئەنگلىيە قوشما باياناتى» دا شياڭگاڭغا، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە بېيجىڭنىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شياڭگاڭ پۇقرالىرى كۆچسە، ياكى تۇرۇپ قېلىپ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ، بۇ ھۆكۈمەت بەش يىلدىن كېيىن تىيەنئەنمېن مەيدانىدا قىرغىنچىلىق قىلدى، شياڭگاڭ ئىزچىل بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، بېيجىڭ ھەر خىل ئاماللار بىلەن شياڭگاڭنىڭ قانۇنى ۋە سىياسىي تۈزۈمىنى ئىزچىل ئۆزگەرتىپلا قالماي يەنە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، نۇرغۇن توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولدى. بېيجىڭ ئېنىقلىما بەرگەن دېموكراتىيە شياڭگاڭنىڭ ئىلگىرىكى تونۇش تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىش ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر كىشىلەر نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە مالىيە مۇقىملىقىنى ئويلىسا، ئۇلارنىڭ باشقا تاللىشى يوق، پەقەت بېيجىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللىشى كېرەك. يەنىلا دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئىشىنىدىغان ئاكتىپلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ بىلەن شياڭگاڭ ھۆكۈمىتى ئۇلارغا تۆھمەت قىلىدىغان بۆھتانلارنى چاپلىدى. بۇ خىل قىممەت قاراشلارنى قوللايدىغان ھەر قانداق پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى «بۆلگۈنچى» ياكى «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ خائىنى» دەپ ئاتالدى. بۇ بىر تەدبىر 2014-يىلىدىكى «كۈنلۈك ئىنقىلابى» نى قوللاشقا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇ ئىنقىلابتا، پائالىيەتچىلەر شياڭگاڭلىقلارنىڭ باشلىقىنى تاللاشتا تېخىمۇ كۆپ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا چاقىرغان. ئۇ قارشىلىق پائالىيەتلىرى بەلكىم مەغلۇپ بولدى، ئەمما ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ياش پائالىيەتچىلەرنىڭ مۇستەقىللىق چاقىرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھەمدە 2016-يىلى شياڭگاڭ مىللەت پارتىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بىراق ھۆكۈمەت بۇ پارتىيەنى باستۇرۇشنى ئويلاۋاتىدۇ. نۇرغۇن شياڭگاڭلىق پۇقرالار، بېيجىڭ ئاخىرىدا ئاشكارا سايلام ئارقىلىق شياڭگاڭغا ھەقىقىي دېموكراتىيە بېرىدۇ دېيىشنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. شياڭگاڭنىڭ 1997-يىلىدىن بۇيانقى ئاساسىي قانۇنى تېكىستى (نېگىزلىك قانۇن) غا ئاساسلانغاندا، بۇ شەھەرنىڭ ئالىي باش مەمۇرىنى 1200 ئەزادىن تەشكىل تاپقان كېڭەش ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. بېيجىڭ تىزگىنلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندە، ئۇ 2017-يىلى، شياڭگاڭ ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ئەڭ ئالىي رەھبەر شەكىللىنىدۇ دەپ ۋەدە بەرگەن، 2014-يىلى، شياڭگاڭ پۇقرالىرى ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشقان. ئۇلارنىڭ ئۈمىدى بار ئىدى، ئەمما ئاسىيلىق قىلىندى. بېيجىڭ ۋەدىسى بويىچە سايلام يېتەكچى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىدى، ئالىي باش مەمۇرنى تاللايدىغان كېڭەشنىڭ ئاساسلىقى بېيجىڭپەرەس ئەزالاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى تاللىدى. 2016-يىلىدىن بۇيان، ھەتتا مۇستەقىل نامزاتلارنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىغا يول قويۇلمىدى. بۇندىن باشقا، ھۆكۈمەت ئۆز ئالدىغا يېڭى قانۇن تۈزدى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا بولغان تەسىرى تۈپەيلىدىن، كېڭەش قانۇن تۇرغۇزغۇچىلىرى بەزى قانۇن لايىھەلىرى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشكەندە، ئۇلار جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىپلىنىشى مۇمكىن. ھوقۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان تۈزۈم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا. پۇقرالار ئەركىنلىكى ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىنىڭ تۈۋرۈكى ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا. پەقەت جۇڭگودىن بۆلۈنۈپ چىققاندىلا، ئاندىن شياڭگاڭ ھەقىقىي دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە ئىگە بولىدۇ. ماقالە مەنبەسى: https://cn.nytimes.com/opinion/20180919/democracys-demise-in-hong-kong/

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

خىتايلار ئۇيغۇرلارنى زادى قانچىلىك تەتقىق قىلدى؟

دۈ ئۆكتەبىر 8 , 2018
تېررورىزم: «شەرقىي تۈركىستانچىلار»نىڭ مىللەتچىلىكتىن پايدىلىنىپ كۈشكۈرتۈشى

You May Like