گېرمانىيە ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن خىتايغا قايتۇرۋەتكەن ئۇيغۇر غايىب بولغاچقا ئەمدى پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشنى توختاتتى!
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى:2018-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئەسلى خەۋەر مەنبەسى: جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تارىم ئۆتۈكەن
تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
رەسىم مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى (ئىنگىلىزچە)
گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېيشچە گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە شىتاتى 4-ئايدا بىر نەپەر ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىنى خىتايغا قايتۇرۋەتكەن ھەمدە خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇ ئادەمنىڭ ھېچ ئىزدېرىكى بولمىغان. گېرمانىيە بىز خاتا قىىپتۇق دېدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئاپېرىلدا بىر ئۇيغۇرنى ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن خىتايغا قايتۇرۋەتكەنلىگىنى ئىتىراپ قىلدى. ھەمدە بۇندىن كېيىن خىتايدىن كەلگەن كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى قايتۇرۇشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گېرمانىيەنىڭ بىر ئۇيغۇرنى قايتۇرىۋەتكەنلىگى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا بىر مەزگىل غۇلغۇلا قوزغىغان. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 22-ياشلىق ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان مەزكۇر ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇشتىكى خاتالىق تۈپەيلى گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە شىتاتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرىۋېتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ قايتۇرىۋېتىلگەن ئەرنىڭ ئادۇۋكاتى لىئو بورگمەننىڭ دېيىشىچە مەزكۇر ھاۋالە قىلغۇچى گېرمانىيە چىگىرسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن بېرى ھايات ئىكەنلىكىگە ئائىت ھىچقانداق ئۇچۇر يوق. لىئو ئەپەندى بۇ ئۇيغۇرنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن ئەنسىرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە قارشىتۇرغۇچى پارتىيە سىياسىئونلىرى نارازلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پارلامېنت ئەزاسى مارگەرىت باۋئۇسەگە يازغان جاۋاپ خېتىدە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ھەركىتىنىڭ توختىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىچىكى ئىشلار مىنىستىرى مۇنداق دېگەن: باشقا ئۇقتۇرۇش كەلگۈچە بىز ئەمدى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختاتتۇق. بۇ قارانى چىقىرىشتا گېرمانىيە فېدراتسىيە كۆچمەنلەر ئىشخانىسى(ب ئا م ف) ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدىكى «ئەڭ يېڭى» كۆرسەتمىسىگە ئاساسلانغان. گىرىن(يېشىل) پارتىيە ئەزاسى بائۇسە خىتايدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھايات ماماتلىق خەتەر ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېگەن: مەزكۇر ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان زىيادە ئېغىر دەپسەندىچىلىك ب ئا م ف نىڭ دوكىلاتىدا نوقتۇلۇق تەكىتلەنگەن ھەم گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىر قانچە ئايدىن بېرى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: بۇ ئۇيغۇر كىشىنىڭ باۋارىيە شىتاتلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىر كېچىدىلا گېرمانىيەدىن قوغلاپ چىقىرلىشى ئادەمنى ناھايتى غەزەپلەندۈرىدۇ. بائۇسە خانىم گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا ھەيدەلگەن ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن «بارىلىق كۈچىنى» ئىشقا سېلىىشقا چاقىرىق قىلدى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار خىتايدا مەدەنىيەت ۋە دىننى جەھەتتە باستۇرۇشقا ئۇچرايدىكەن. مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى پەقەتلا دوستلار ئارا رامىزانلىق مۇبارەكلەش ياكى داڭلىق ناخشىلارنى توردىن چۈشۈرۈش قاتارلىق قارىماققا ھېچقانداق زىيانسىز ئىش-ھەركەتلەر سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە نەچچە يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنى قانۇنسىز مەخپى تورلاشقان «قايتا تەربىيەلەش» مەركەزلىرىگە قامىغانلىقى ئاشكارىلانغان. مەھبۇسلارغا بۇ يەردە تىل ۋە ئىدىلوگىيە جەھەتتە «تەربىيەلەش» ئېلىپ بېرىلدىكەن ھەمدە مەجبۇرى ھالدا ھەربىيچە تۈزۈم ئۆگۈتۈلدىكەن. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېقىندا خىتاينىڭ يىراق غەربىدىكى شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان) رايونىغا بولغان ساياھەت مەسلىھەتنى قايتا يېڭىلىغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: شىنجاڭدا ئايلاردىن بېرى تۇتقۇن قىلىش ۋە پاسپورتلارنى يىغىۋېلىش سانى داۋاملىق ئاشماقتا. يەنە مۇنداق دېيىلگەن: بۇ قىلمىشلارنىڭ ئاساسلىق زىيانكەشلىككە ئۇچۇرىغۇچىلىرى مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر نەسلىدىن بولغانلار. خىتاي ئۇزۇن تارىختىن بېرى بېيجىڭ بىلەن توقۇنۇشۇپ كەلگەن بۇ رايۇندىكى باستۇرۇش ھەركىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بېرى شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان)دا ئىسلامى جىھاتچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان دەپ گۇمانلانغان بىر قاتار ۋەقەلەرنى باھانە قىلغان.