ئامېركا مەنپەتى گېزىتى، ئەلىن بورك
تەرجىمان: ئىسمائىل ئاۋاق
تەھرىر: مەنزىل
ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.] بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغاب باستۇرىشىنىڭ كۈچىيىشى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى مەنپەتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ، ئاكادېمىكلار ۋە مۇخبىرلار خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان) رايۇنىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ۋە قاپلىنىش دائىرىسى جەھەتتىن ئوخشاشلا كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە زورىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى . مەلۇمكى ، تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلىرىنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتىدۇ . بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشتە نەزەردىن ساقىت بولۇپ كەلگىنىگە قارىتا بىر ياخشى ئىلگىرلەش . ئەلۋەتتە ، ۋاشىنگىتون خىتاينىڭ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى ھەرىكەت ۋە مەقسەتلىرى ۋە ئۇنىڭ چېگرىدىن ھالقىپ ئەكس ئەتكەن تەسىر ۋە ئىدىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشىنى بىلىشى كېرەك . خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە . 1949- يىلى بۇ رايۇن خىتاينىڭ كونتۇرۇللىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن ، كومۇنىستلار بۇ رايۇنغا تۈرمىلەرنى سېلىپ ، ئاتۇم سىناق بازىلىرىنى قۇرۇپ ، تەبىئي بايلىقلىرىنى قېزىشقا باشلىدى . تىل ، دىن ۋە مائارىپقا ھۇجۇم قىلدى ، بويۇن تولغىغانلارنى « بۆلگۈنچى » گە چىقاردى . تۈركۈم – تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىشلار ۋە مىسلىسىز جازا لاگىرلىرى سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئوخشاشلا ئېغىرلاشتى . شىجىنپىڭ ھاكىميىتىنىڭ مۆھۈرى بولغان ماركىسىزىم – لېنىنىزىم شۇئارى ، دىننى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ۋە بىخەتەر شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان) ئارزۇسى شىنىڭ ئالەمشۇمۇل «بىر بەلۋاغ ، بىر يول» لاھىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلاندى. ئادرىئان زەنىز تۆۋەنرەك قىياس قىلىپ، « تۇتقۇن قىلىش نىسپىتى رايۇندىكى ئۇيغۇر ، قازاق نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 11.5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ» دىدى. ئادرىئان زەنىز ۋە باشقىلار خىتاينىڭ « ئۇنداق قايتا تەربىيلەش مەركەزلىرى يوق. » دېگەندەك ئىنكارىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاشتا ئۇيغۇرلار سائىتىنى بىيجىڭ ۋاقتى قىلماستىن ، ئۈرۈمچى ۋاقتىغا تەڭشەپ قويغانغا خىتاي ھۆكۈمىتى بولگۈنچىلىك دەپ قارايدىغان ياكى رېستۇرانلاردا ھاراق ساتماسلىقتەك ئەڭ ئەقەللىي ئىسلام ئەقىدىسىگە ئۇيغۇرلارنى قاماققا سولايدىغان خىتاي ھۆكۈمەت دوكلاتى ، قۇرۇلۇشلار ۋە گۇۋاھلىق بېرىشلەرگە تاياندى . ئىنسان ھەقلىرى كۆزەتچىسى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنغان لاگىردا يېتىپ چىققان مەھبۇسلار ئىسلامنى ئىنكار قىلىشقا ، « كومۇنىستىك پارتىيە بولمىسا ، يېڭى جۇڭگۇ بولمايتتى .» ، « سوتسىيالىزىم ياخشى » دىگەندەك ناخشىلارنى توۋلاپ پارتىيە ، خىتاي ۋە شىجىنپىڭغا سادىقلىقىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۆزلىرى ئۇقمايدىغان خىتاي تىلىدا قائىدە – نىزاملارنى يادقا ئالالمىغانلىق سەۋەپلىك پۇت – قوللىرىغا كېشەن سېلىنىپ ، تولىمۇ ناچار مۇھىتتا رەھىمسىز جازالارغا ئۇچرىغان نۇرغۇنلىغان چوڭلارنىڭ قاماققا ئېلىنىشى بالىلار ئۈچۈن دارىلتاملارنى قۇرۇش ئىھتىياجىنى تۇغدۇرغان . تاكى بۈگۈنگە قەدەر خىتاي كونتىروللىقىدىكى ئۇيغۇر پاجىئەسى ئامېرىكىنىڭ ئانچە دىققىتىنى تارتمىغان. تىبەتلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتە تىبەتلەرنىڭ بۇددا ئىنسىتىتوتلىرىنى ساقلاپ قالغان ۋە ئەسلىدىكى دىني نىزام بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەتنى دىمۇكراتلاشتۇرغان دالاي لاماغا ئوخشاش بىر لىدىرىنىڭ كەمچىلىكىدە. ماھىيەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن كارى بولماسلىقنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتنىڭ مۇسۇلمان پائالىيەتچىلەردىن يۇشۇرۇن ھالدا يۈز ئۆرۈشى بولدى . خىتاي بۇ پۇرسەتتە ئانچە پايدىسى بولمىسىمۇ ئامېرىكىنى قوللىدى . ۋاشىنگىتون كىچىككىنە بىر گۇرۇپ ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى ، تېرورىست تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مەيدانىنى كۆپتۈرىۋەتتى . تېرورىزىمدا خىتاي بىلەن بىردەكلىككە كېلىش مەغلۇپ بولدى . ئامېرىكا بىلەن كومۇنىست خىتاينىڭ ئادالەت ۋە قانۇن ئىشىدا قىممەت قارىشى ئوخشىمايدۇ. بۇش ھۆكۈمىتى ئافغانىستان ئۇرۇشىدا قولغا ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھىچقايسىسى ئامېرىكىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، قىيىن – قىستاق ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرايدۇ دەپ خىتايغا قايتۇرۇشنى رەت قىلدى. ئاخىرى خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ رايۇندىكى ئىستىراتىگىيەلىك مەنپىئەتى بىردەكلىككە كېلەلمىدى. خىتاينىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى رايۇنلارنى كونتىرول قىلىش ئارزۇسى خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە دىمۇكراتىيەنىڭ تارقىلىشىنى ھەر جەھەتتىن توسىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . خىتاينىڭ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)نى تىنىچلاندۇرۇش ھەركىتى كىشلىك ھوقۇق ۋە دېمۇكراتىيە دەپسەندىچىلىكىدە خىتاينىڭ بىۋاستە رەھبەرلىك رولىنى ئوينىدى. شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)نى ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىدىن ئايرىۋېتىىش ئۈچۈن ، خىتاي مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە روسىيە بىلەن چېگرا كېلىشىمى ۋە بىخەتەرلىك توختاملىرىنى ماقۇللىدى. بۇ كېلىشىملەر ئىنسان ھوقۇقلىرى ۋە دېمۇكراتىيەنىڭ ئۇنۋېرساللىشىشىدىكى ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنى يوقۇتۇشنىڭ تاكتىكا ۋە ئىدىيەلىرىنى يېتىلدۈرىشىدىكى ھۆكۈمران كۇلۇب بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاساسىدا ماقۇللاندى . ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ، خىتاي ئۆزىنىڭ دىپلۇماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە ۋە خەلىقئارا تەشكىلاتلارغا ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنى قايتۇرۇش ياكى بىرلەشكەن مىللەتلەر ئىنسان ھەقلىرى كونسۇلىدا سۈكۈتنى ساقلاش دىگەندەك تەلەپلەر بىلەن شىنجاڭنى ، تىبەت ۋە تەيۋەنلەر بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسى مەنپىئەتى دەپ كەلدى. بۇ تەلەپلەر خىتاينىڭ ياردىمى ۋە مەبلىغىنى ئالىدىغان ۋە ئېلىشنى ئىستەيدىغان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئۈنۈملۈك بولدى . ئەمما ئېنىقكى ، خىتاينىڭ ياردىمى ئارقىدىن بۇرنىغا چۇلۇك ئۆتكۈزىدىغان زەنجىرى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايمىز . كونگىرەس شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى دەپسەندىچىلىككە مەسئۇل ئەمەلدارلارنى جازالاشقا تەييار. ئەمما ئۇلار چۇقۇم ساياھەت چەكلىمىسى ۋە مۈلۈك توڭلۇتۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ئەمەلدارلار ۋە شىركەتلەرنى نىشان قىلىشى كېرەك. مەلۇم مەنىدىن ، كونگىرەس ئەزالىرى ئۆزلىرى جازالىغان ساقچى ئەمەلدارى گاۋيەننىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىقىشى كېرەك. ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى ساۋشۈنلى گاۋيەن مەسئۇل بولغان كامىرغا سولانغاندىن كېيىن ئۆلگەن. ئەگەر بۇنداق بىر تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارنى جازالاش ئازلىق قىلسا ، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى جازالىشى كېرەك . بىز ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ساۋاق شۇكى ، ئامېرىكا ئەزەلدىن سەل قاراپ كەلگەن قىممەت قارىشى ۋە ئىستىراتىگىيەلىك مەنپەئەت ئارىسىدىكى باغلىنىشىنى خىتاي ئوبدان بىلىدۇ .1970 – يىللاردىكى ئەپلىشىشتىن كېيىن ، ئامېرىكا سىياسىتى سوغۇق ئۇرۇش رىئالىزىمىغا قۇرۇلدى. ئىنسان ھەقلىرىدىن يىراقلىغان سېۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى كۆرەشتە خىتايغا تايىنىشنى ئارزۇ قىلدى. خىتاينىڭ ئەڭ داڭلىق كىشىلىرىدىن بىرى بولغان فاڭلىجى ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىغاندا خىتايغا يۇمشاقراق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى قوش ئۆلچەم دەپ ئاتىدى. ھەتتا سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنمۇ ، ئامېرىكا خىتاي -ئامېرىكا مۇناسىتىنى قوللاشىدىكى يېڭى بىر ئىستىراتىگىيەلىك چۈشەنچىنى ئوتتۇرغا قويدى . خىتاينىڭ ماركىسىزىم – لېنىنىزىملىق تەبىئىتى ۋە دۇنيانىڭ بۇنىڭغا بولغان قارىشىغا سەل قارىدى. نەتىجىدە ، ئامېرىكا بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ دېمۇكراتىك ئىتتىپاقداشلىرى تەسىرىنى يوقاتقان دۆلەت ۋە رايۇنلاردا كۈچىيىپ بېرىۋاتقان تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان بىر خىتايغا يۈزلەندى . مەنبە: https://www.the-american-interest.com/2018/09/20/china-cracks-down-in-xinjiang/