تېننسى شتاتى ئىپتار پائالىيتىدە ئۇيغۇر مەسلىسى تونۇشتۇرۇلدى

ئەزىز سۇلايمان ئەپەندىم ئۆزى تۇرىۋاتقان شەھەر مېمفىستە(تېنىسى شىتاتى) ئۆتكۈزۈلگەن 13-قېتىملىق ئىتىقاد گىرەلشمە سۆھبىتى ئىپتار پائالىيىتىدە قىسقا لىكسىيە سۆزلەپ ئۆزنىڭ ھىكايىسى ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئىپتارغا كەلگەن خىرىستىيان، يەھۇدى ۋە مۇسۇلمان ئاھالىسىگە تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-21

 

ئەزىز سۇلايمان ئەپەندىم ئۆزى  تۇرىۋاتقان شەھەر مېمفىستە(تېنىسى شىتاتى) ئۆتكۈزۈلگەن 13-قېتىملىق ئىتىقاد گىرەلشمە سۆھبىتى ئىپتار پائالىيىتىدە قىسقا لىكسىيە سۆزلەپ ئۆزنىڭ ھىكايىسى ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئىپتارغا كەلگەن خىرىستىيان، يەھۇدى ۋە مۇسۇلمان ئاھالىسىگە تونۇشتۇردى.

ئۆز مۇخبىرىمىز سايئوغلى ئەزىز سۇلايمان ئەپەندىم بىلەن تېلفۇن زىيارىتى ئېلىپ باردى .

ئەزىز سۇلايمان ئەپەندىم ئامىرىكنىڭ مېمفىس شەھىرىدە سەھىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىندىغان بولۇپ ، ئەيدىز كىسىلنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدە ئىشلەيدىكەن .بۇ كەسىپنى تاللىشىدا ۋەتەنگە قايتقاندا بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى داۋالاش ئارزۇسى بار ئىكەن .

ئەزىز سۇلايمان ئەپەندىم دەم ئېلىش ۋە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا  ئەتراپىدىكى مەسچىتلەرگە بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىۋاتقان بولۇپ ،بۇ قېتىملىق ئىپتار پائالىتىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان .بۇ پائالىئەتكە مۇسۇلمانلاردىن ياسىر قادى ۋە باشقا دىننىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان ،بۇ پائالىئەت دىنلار ئارسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرشنى مەقسەت قىلپ ھەر يىلى رامزاندا ئۆتكۈزۈلىدىكەن .

ئەزىز سۇلايمان ئەپەندىم شەرقى تۈركستان زىمىنىنىڭ 1949يىلى خىتاي كومىنىستلىرى تەرپىدىن بېسىۋىلىنىپ يەرلىك خەلىقنىڭ تۈرلۈك زۇلۇمغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاتقان .شۇنداقلا بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ رامزان كۈنلىرىدە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ روزا تۇتۇشقا قادىر بولامىغانلىقىنى ئاڭلاتقان .

ئەزىز سۇلايمان ئەپەندىم  ئائىلىسىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى بىر ئائىلە بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىنىسى ئالىمجان سۇلايمان  ۋە 72ياشلىق ئانسى بۇئايشەم مۇختارنىڭ ئاتالمىش تەربىيلەش مەركەزلىرىدە ئىكەنلىكى ئاڭلاتقان  .

ئاخىردا ئەزىز سۇلايمان ئەپەندىم دۇنيا جامائىتىنىڭ ئۈچ  رەقەمنى ئەستە ساقلاشقا  ھاۋالە قىلغان  .40مىليۇن ئۇيغۇر خەلقى، 3مىليۇن جازا لاگىردىكى ئىنسانلار ۋە بىر مىليۇن ناراسىدە بالىلار .

ئەزىز سۇلايمان ئەپەندىم لېكسىيەنى تۈگىتىپ پەسكە چۈشكەندە خىرىستان دىنى ۋە يەھۇدى دىندىكى پائالىئەتكە كەلگەن كىشلەر ئەزىز سۇلايمان ئەپەندىمنى ئۆزىنىڭ چېركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلىرىغا بېرىپ ئۇيغۇر ۋەزىيتىنى ئاڭلىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان .

ئەزىز سۇلايمان ئەپەندىم تۇرۋاتقان شىتاتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇنغا تېخى ئىمزا قويۇلمىغان بولۇپ ،ئەزىز سۇلايمان ئەپەندىم بۇ مەسلىنى تىلغا ئالغاندا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بۇ ئىشقا ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەرگەن .

ئۇنىڭدىن باشقا ئەزىز سۇلايمان ئەپەندىمنىڭ تىل يېزىق كومىتىدا ئىشلەپ نۇرغۇنلىغان لۇغەت ،قامۇسلارنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا سەۋەپچى بولغان تۇغقانلىرىمۇ جازا لاگىرلىرىغا قامالغان ئىكەن .

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خەلقئارا ئۇيغۇر ياشلىرى تور مەھەللىسى قۇرۇلدى

سە ماي 21 , 2019
بۇ جەمىئەتنى ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان مۇنەۋەر ياشلىرىمىزدىن مۇنەۋەر ئابدۇللا، زۇلپىقار ئابلىكىم ۋە نۇرئايدىن قاتارلىقلار قۇرغان بولۇپ، ياشلىرىمىزغا ئۇيغۇر مەدىنىيتىنى ئۆگىتىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە قىزىققان چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تۇنۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن

You May Like