تېبەت پائالىيەتچىنىڭ ۋاشنگىتون ئۇيغۇر نامايېشدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

(تەنچو گېياتسونىڭ بۇ نۇتۇقى ئۇنىڭ رۇخستى بىلەن تەرجىمە قىلىندى .تەرجىمە قىلغۇچى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان)

تېبەت پائالىيەتچىنىڭ ۋاشنگىتون ئۇيغۇر نامايېشدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

تەنچو گېياتسو

(تەنچو گېياتسونىڭ بۇ نۇتۇقى ئۇنىڭ رۇخستى بىلەن تەرجىمە قىلىندى .تەرجىمە قىلغۇچى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان)

 

تېبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ھەمكارلىشىشى كىرەك
تېبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ھەمكارلىشىشى كىرەك

2018-يىلى 22.ئىيۇن،ئاق ساراي،ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان نامايىشتا سۆزلەنگەن نۇتۇق!

كۆپچىلىك ياخشمۇ سلەر ! مىنىڭ ئسمىم تەنچو گىياتسو .مەن چەتئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تېبەت بولىمەن.بۈگۈن سلەر بىلەن بۇ يەرگە جەم بولغىنىمدىن خۇشاللىق ۋە شەرەپ ھس قىلىمەن.بۈگۈن بۇ يەرگە كىلىشىم سلەرگە تېبەت خەلقى ۋە سلەرنىڭ <<تېبەت خەلقئارا ھەرىكىتى>>دىكى دوستۇڭلارنىڭ سلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى  بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.بىزنىڭ خەلقىمىز زوراۋان ۋە ئادالەتسز رىجىم ئاستىدا بەك ئۇزۇن ئازاپ چەكتى .بىز بەك كۆپ نەرسلەرنى يوقاتتۇق،بىراق تېبەت ۋە شەرقى تۈركستاندىكى قىرىنداشلىرىمىز ۋە ھەمشرىلىرىمىزنىڭ قارشىلىق كۈچى ۋە كۈچلۈك ئېتىقادى بىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن كۆرەش قىلىشمىزغا،ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىشمىزغا ئىلھام بىرىدۇ.

مىنىڭ دۆلىتىم تېبەت 1949-يىلى ختتاي ئارمىيسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلىشى بىلەن بېسىۋىلىنغان. بىراق 68يىللىق مۇستەملىكە تېبەت روھىنى ئاجىزلاشتۇرالمىدى.ختتايلارنىڭ شۇنچە زور تىرىشچانلىقىغا قارشى،تېبەت مىللى روھى يەنىلا كۈچلۈك تۇرماقتا.شەرقى تۈركستان روھى يەنىلا كۈچلۈك تۇرماقتا.ئاشۇ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ،ھەمشىرىلىمىزنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بىزنىڭ خىزمىتىمىزدۇر.

شەرقى تۈركستان  خەلقى بىلەن  تېبەت خەلقى بىرلەشكەن چاغدىلا ،بىز ختتاي ھۆكۈمىتىگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەركىنلىككە،ئادالەتكە،دىنى ئەركىنلىككە ئىنتىلىدىغان كىشلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرەلەيمىز .تىېبەت ۋە شەرقى تۈركستاندا يۈز بىرىۋاتقان ئشلار كۆمۈلۈپ تۈگىسە بولمايدۇ.بۇلار قەتئى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى كىرەك،خەلقىلىرىمىزنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى ،غايىپ بولغان،يوقىتىلىۋاتقان كىشلىرىمىزنى ئەسلىشمىز ،ئەسلىتىشىمىز ،بىلدۇرشىمىز كىرەك.

مانا بۇ ختتاي كوممۇنست ھاكىمىيتى ئاستىدا ئالتە مىلىيوندىن ئارتۇق تېبەتلەر ئۆلتۈرۈلدى ،150دىن ئارتۇق تېبەت ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقىنى بىلدۇرۇپ ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلدى.ئەركىنلىك پۈتۈن ئنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ ئاساسى ۋە تارتىۋالغىلى بولمايدىغان ھوقۇقتۇر.ھىچقانداق رىجىم بۇنداق ئاساسى ھوقۇقنى تارتىۋالالماسلىقى كىرەك.

بۈگۈن مەن بۇ يەردە سلەر بىلەن بىرلىكتە پىرىزدىنتىمىز تىرامپقا چاقىرىق قىلىمەن:سز ۋە سزنىڭ ھۆكۈمىتىڭىز خەلقىمىزگە قارشى ئىلىپ بىرىلىۋاتقان ھەقسزلىك،زوراۋانلىققا قارشى كۆزىڭىزنى ئېچىڭ ! ختتاي ھۆكۈمىتىنى ئۈستەلگە ئەكىلىپ،دالاي لاما بىلەن ،ئۇيغۇر خەلقى بىلەن سۆھبەتلىششكە مەجبۇرلاڭ ،ئۇلارنى يىراقنى كۆرۈشكە ،تېخىمۇ بۈيۈك ۋە مىھرى-مۇھەببەتكە تولغان بىر دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن ئشلەشكە چاقىرىڭ !

قىرنداشلار،ھەمشىرىلەر! قارىماققا ختتاي ھۆكۈمىتى ۋەيران بولمايدىغان كۈچتەك كۆرۈنىدۇ.بىراق ھەقىقەت ۋە ئادالەت بىز تەرەپتە ! مۇقەددەس دالاي لاما ھەمىشە شۇنداق دەيدۇ :ھەقىقەت ئەڭ كۈچلۈك قورالدۇر! بىزنىڭ ۋەزىپىمىز مۈشكۈل ۋە ئۇزۇن ۋەزىپە،ئەمما شەرقى تۈركستان خەلقى ۋە تېبەت خەلقىنىڭ ئۆز كەلگۈسمىزنى قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىغان كۈنلىرىمىز چوقۇم كىلىدۇ!

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئسرائىلىيەدە چېقىرىلغان تۇنجى ئۇيغۇر بايرىقى

شە ئىيۇل 21 , 2018
ئسرائىلىيەدە چېقىرىلغان تۇنجى ئۇيغۇر بايرىقى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان (ئسرائىلىيەدە ئۇيغۇر بايرىقى چېقىرىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەيمەن )
ئ‍سرائىلىيە-ئىرۇسالمىدا ئۇيغۇر بايرىقى

You May Like