تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ كاناداغا يەرلەشكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2-ماي

ئۈچ ئۇيغۇر تايلاندتا ئون يىلدىن ئارتۇق ئېغىر تۇتقۇندا تۇرغاندىن كېيىن، ئاپرېل ئېيىدا جىمجىتقىنا كاناداغا يۆتكەلگەن. بۇ ئۇچۇر تايلاند قانۇن چىقارغۇچىلىرى ۋە ئاكتىپىستلاردىن كەلگەن. بۇ قويۇپ بېرىش تايلاندنىڭ 40 ئۇيغۇرنى زورلۇق بىلەن خىتايغا قايتۇرۇشى نەتىجىسىدە دۇنيا بويلاپ غەزەپ قوزغالغاندىن بىر نەچچە ئاي كېيىن يۈز بەردى. قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار خىتايدا قىيىن-قىستاق، چەكسىز تۇتقۇن قىلىنىش ۋە ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار نامىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن قانۇن چىقارغۇچى كانناۋى سۇئىبساڭ ۋە مۇھاجىرلار ھەم قاچقۇنلار بىلەن زىچ ئىشلەيدىغان تايلاند كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى «خەلق كۈچلەندۈرۈش فوندى»نىڭ رەئىسى چالىدا تاجاروئېنسۇكنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۈچ ئۇيغۇر ئاپرېل ئېيىدىكى تايلاندنىڭ سوڭكران بايرىمى ھەپتە ئاخىرىدا كاناداغا يول ئالغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىل  شۋېتسىيەنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسدا  سىكادا  شېئىرىيەت مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان

شە ماي 3 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 3-ماي ئورقۇن تەييارلىدى ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىل 24-ئاپرىل كۈنى شۋېتسىيەنىڭ ۋاشىڭگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا شۋېتسىيەنىڭ شېئىرىيەت مۇكاپاتى بولغان سىكادا مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلغان. تاھىر ھامۇت ئېجتىمائى تاراتقۇدا مۇنداق دىگەن:  «بۈگۈن شۋېتسىيەنىڭ ۋاشىڭگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا شۋېتسىيەنىڭ شېئىرىيەت مۇكاپاتى بولغان سىكادا مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مېنىڭ شېئىرلىرىمنى بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرگەن شۋېتسىيە […]
تاھىر ھامۇت ئىزگىل سكادا مۇكاپاتى

You May Like