تاشقى سياسەت ژۇرنىلى :خىتاي ۋىرۇسى يېڭى يىپەك يولىنى بويلاپ تارقالدى

غەرپنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلىرى بەلكىم تاجىسىمان ۋىرۇس تەشۋىقات جېڭىدە مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما خىتاي بۇ جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلالمايدۇ.

تاشقى سىياسەت تورى( Foreign Policy)

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020-يىلى 6.ئاپرىل

 

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇسالام ئۇيغۇر ۋولقانىي

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2020-04-19

 

غەرپنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلىرى بەلكىم تاجىسىمان ۋىرۇس تەشۋىقات جېڭىدە مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما خىتاي بۇ جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلالمايدۇ.

 

ئىتالىيە ۋە خىتاينىڭ ئالاقىسى قەدىمىي يىپەك يولىدىن تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ، يىپەك يولى قەدىمكى دەۋردە سودىگەرلەر  ئۆز ئارا مال ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان قۇرۇقلۇق يولىدۇر. ۋېنىتسىيە سودىگىرى نىكولو  بىلەن ماففېيو پولو 1266.يىلى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ ، ئەڭ بۇرۇن خىتايغا سەپەر قىلغان تۇنجى غەربىي ياۋروپالىققا ئايلانغان. 1271.يىلى ئۇلار ئىككىنجى قېتىم نىكولونىڭ كىچىك ئوغلى ماركونىڭ ھەمراھلىقىدا يولغا چىقتى. گەرچە ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق يىپەك يولىغا يېتىپ بارغان بولسىمۇ ، ئەمما ئاخىرىدايەنىلا دېڭىز يولى ئارقىلىق ئىتالىيەگە قايتقان، يول بويى سۇماترا ، سىرىلانكا ، گۇجارات قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇلارنىڭ دېڭىزيولى خەرىتىسىنىڭ قارىماققا كۈنىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى خەرىتىسى بىلەن ھىچقانداق پەرقى يوق.  بۇ تەشەببۇس بەزىدە “يېڭى يىپەك يولى ”دەپ ئاتىلىۋاتقان بولۇپ ، خىتاي ماددىي ياردەم پىلانى تەركىبىدىكى قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى تورىدىن تەشكىل تاپىدۇ، ھەمدە بۇ لىنىيەنى ياۋروپا ، ئافرىقا ۋە ئاسىيانىڭ قالغان رايونلىرى بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ.

 

 

پولو خىتايدىن قايتقاندىن كېيىن قىسقىغىنە 50 يىل ئىچىدە ۋابا يۇقۇمى ئوخشاش يۆلىنىشنى بويلاپ غەرپكە يېتىپ كەلدى ، غەرپتە بۇ كېسەل چۇما ۋاباسى دەپ ئاتالدى.  ئىگەللىنىشىچە، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ مەنبەسى خىتاي بولۇپ ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا شەرققە تۇتىشىدىغان دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق يوللىرىنى بويلاپ تارقالغان.  ئىككى خىل يول ئاخىرىدا ئىتالىيەدە كېسىشىدىغان بولۇپ ، چۇما ۋاباسى ئىتالىيەنىڭ بەزى رايونلىرىدا75% نوپۇسنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

 

خۇددى چۇما ۋاباسىغا ئوخشاش ، ھازىر تاجىسىمان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلگەن ئادەم سانىدا خىتاي سىرتىدىكى ئۆلگەن ئادەم سانى ، خىتاينىڭ ئىچىدىكى ئۆلگەن ئادەم سانىدىن كۆپ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدى كى، ئىتالىيە ، ئىسپانىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى(ھەتتا باي دۆلەت شىۋېتسارىيە ) مۇ بۇ خىل ۋىرۇسنى تىزگىنلىيەلمىدى. ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسى تۇراقسىز ، بەزىدە قالايمىقان بولدى . قارىماققا نيۇ يورك شەھرى تېز سۈرئەتتە كېيىنكى ۋۇخەنگە ئايلىنىۋاتاتتى.

 

ھالبۇكى، تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ غەرپنى قاپلىشىغا ئەگىشىپ ، خىتاي غەلىبىلىك ھالدا تەشۋىقات ھېكايىسىنى ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى. ئىتالىيەنىڭ  ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلاشقۇچىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئىتالىيەنىڭ ياردەم تەلىپىگە بىپەرۋالىق قىلىۋاتقان  چاغدا ، خىتاي ماركو پولونىڭ دۆلىتىگە ماسكا ، نەپەسلەنگۈچ، ھەتتا مۇتەخسسىس دوختۇرنىمۇ ئەۋەتىپ بولدى. (شۇندىن كېيىن ئەھۋالدائۆزگىرىش يۈز بەردى ، گېرمانىيە سەھىيە ئۈسكۈنىلىرىنى يۆتكەۋاتىدۇ ۋە شۇنداقلا ئىتالىيە تاجىسىمان ۋىرۇس يۇمدارلىرىنى ھاۋا ترانسپورتى ئارقىلىق گېرمانىيەدىكى دوختۇرخانىلارغا توشۇۋاتىدۇ). خىتاينىڭ تىرىشچانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەرىزىدىكى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماختاشلىرىنى قولغا كەلتۈردى ،  پەرەز قىلىنغاندەك مۇستەبىتلىك تەرەپدارى بولغان خەلقچىللەرمۇ خىتاينى مەدھىيەلىگەنلەر ئىچىدە ئورۇن ئالدى.

 

ھەتتا دونالد ترامپ “خىتاي ۋىرۇسى “ ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، كوۋىد- 19 ھەقىقەتەن “خىتاي ۋىرۇسىدۇر“.

 

خىتاينىڭ تاجىسىمان ۋىرۇس تەشۋىقات ھۇجۇمىنىڭ مېۋە بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىش تېخى بەك بالدۇر. خىتاي ، سېربىيە ۋە ئىران قاتارلىق غەرپكە قارشى دۆلەتلەردە قىسمەن غەلىبە قازانغان بولۇشى مۇمكىن ، بىراق كۆپلىگەن ئىتالىيەلىك، خىتاينىڭ قىيىنچىلىق پەيتىدىكى يېڭى شەپقىتىنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمان قىلماقتا، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئىتالىيەلىك تىببىي تەتقىقاتچى خىتاينىڭ ، ۋىرۇسنىڭ نويابىردىلا ياۋرۇپاغا تارقىلىشىغا يول قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى، ئافرىقا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۆپلىگەن يوقسۇل دۆلەتلەردە خەلق رايىنى خىتايغا قەتئىي قارشى ھالەتكە ئۆزگەرتكەندەك كۆرۈنمەكتە.

 

مەنبە: https://foreignpolicy.com/2020/04/06/chinese-coronavirus-spread-worldwide-on-new-silk-road/

 

 

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ ئىشلەنگەن خىتاي پاختىلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشكە چاقىرىلدى

پە ئاپرېل 23 , 2020
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان) رايونىدىن چىقىدىغان پاختىلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشكە چاقىرىلدى. ئادۇۋكاتلار ۋە كىشلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئەنگىلىيە خانىشى باج ۋە تاموژنا ئىدارىسىگە سۇنغان 60 بەتلىك ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە

You May Like