ئوبزور: تاشقى مۇناسۋەت ژۇرنىلىنىڭ«مۇستەقىللىق ھەرىكىتى–ئۇيغۇر دەۋاسغا زىيانلىق»ماقالىسگە رەددىيە
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى
2021-يىلى،31-ئېيۇل
تاشقى مۇناسۋەت ژۇرنىلى ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق خەلقئارا مۇناسۋەت ۋە سياسەت ژۇرنىلى بولۇپ، ئامېرىكا ۋە خەلقئارادىكى داڭلىق سياسەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسلەر توپلاشقان ياكى دىققەت قىلىدىغان مەنبەلەردىن بىرى.مەزكۇر ژۇرنال–ختتايغا قارشى قاتتىق قوللار تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ،ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ كۆپ ماقالە ئىلان قىلغان مىديالاردىن ھسابلىنىدۇ.
ئەمما ئۆتكەن ھەپتە مەزكۇر ژۇرنالدا «مۇستەقىللىق شۇئارى–ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرىشگە پايدىلىق بولماسلىقى مۇمكىن» دىگەن تېمىدا بىر ئوبزور ماقالىسى ئىلان قىلىندى.
ئاپتور-«يەھان » قەلەم نامىنى ئشلەتكەن بولۇپ،ئۆزىنى ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇرغان.
مەزكۇر ماقالىدا،ئاپتور تېمىنى چۆرىدەپ،مۇستەقىللىق–ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرقى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش داۋاسغا زىيانلىق دەپ ئۆز كۆز قارشنى ئىپادىلىگەن.
ئاپتور ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسنىڭ قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان.
دەرۋەقە ئاپتور –مۇستەقىللىق ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىق مەسلىسنى خەلقئارالاشتىكى رولىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
ئالدى بىلەن، مەن بۇ ئاپتورنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىشى ۋە ئۆز–كۆز قارشنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقىنى ھۈرمەت قىلىمەن،گەرچە ئۇنىڭ بىلەن پىكرىمىز ئوخشمىسمۇ ئۇنىڭ سياسىيلىقى ياكى ئادىمىيلىكى ھەققىدە ھىچقانداق باھا بەرمەيمەن، پەقەت ئۇنىڭ كۆز–قارشىدىكى ئوخشماسلىقلار ھەققىدە توختىلىمەن،ئىنگىلىزچە يازماقچى بولغان رەددىيە ماقالەم بەلكىم بۇنىڭدىن تولۇق بولۇشى مۇمكىن.
ئاپتور ئىككى ماھىيەتلىك خاتالىققا يول قويغان:
بېرىنچى: ئاپتور–مۇستەقىللىق ھەرىكىتى–ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن زىيانلىق دەپ چۈشەندۈرگەن.
ئىككىنچى: مۇستەقىللىق ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەس دىگەن.
بىرىنچى قاراش: مۇستەقىللىق –ئۇيغۇر داۋاسغا زىيانلىق بولسا، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار نىمىنىڭ داۋاسىنى قىلىۋاتىدۇ؟
ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسى–تولۇق ھۈرلۈك،ھەقىقى ئنساندەك ياشاش داۋاسى. بۇ داۋا–ختتاينىڭ 70 يىللىق مۇستەملىكىسى ئاستىدا شۇنداقلا ئەمەلىيەتتىن كۆپرەك نەزەرىيە بولغان بۈگۈنكى خەلقئارا قوبۇل قىلغان كىشلىك ھوقۇق چۇشەنچىلىرى ئاساسدا كاپالەتكە ئىگە بولامدۇ؟ جاۋابىنى رىئاللىق بىرىدۇكى، ياق،ئۇيغۇرلار–ختتاينىڭ دىموكراتىيە، كىشلىك ھوقۇق قاراشلىرىنى ھۈرمەت قىلمايدىغانلىقىنى 1949-يىللىرى بىلمىگەن بولسا، 2017-يىللىرى–ختتاي ئېرقى قىرغىنچىلىقنى ئشقا ئاشۇرغاندا بىلدى، ئەمدى بىلدى.
كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسى–ۋەتەندە مۇستەقىللىق ھەققىدىكى ئارزۇسنى ختتاينىڭ جازاسى سەۋەپلىك ئىپادە قىلالمايدۇ،لىكىن ئۆلۈمدىن قورقماي ئىپادە قىلغانلىرىمۇ–مۇكەممەل نسبەتنى ئىگەللەيدۇ.
ئۇيغۇرنىڭ ئنساندەك ياشاش ھوقۇقى–پەقەت قانۇن –تۇزۇمى مۇكەممەل، ئنسان ھەقلىرى ھەقىقى ھۈرمەت قىلىنىدىغان، باراۋەر ۋە ھۈر بولغان مۇستەقىل دۆلەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ.
چۈنكى ختتاي مەملىكىتى–ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس، ئۆز خەلقىنىڭمۇ ئنسانى ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.
مۇستەقىللىق دىسەك–ختتاينىڭ قىرغىنچىلىق سياستىگە باھانە بولامدۇ؟
جاۋاب: ختتاي ئۇچۇن ئانام قەيەردە ،بالام نەدە دەپ سۇئال قويسمۇ تىرورچى ھسابلىنىدۇ.
ختتاي–پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى ئوچۇق دۈشمەن دەپ جاكارلىدى.ئوچۇق قىرغىن قىلىشنى يولغا قويدى،ختتاي بىلەن ئۇيغۇر ئوتتۇرسدا ھىچقانداق ئىچىلمىغان پەردە يوق «ختتاينىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار ئىنسان ئەمەس،ئۇيغۇرلار تىرورچى،ئۇيغۇرلار مىللەت سۈپتىدە يوقىتىلىشى كىرەك».شۇنداقلا ختتاي ھازىرقىدەك مۇھاجىرەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق دىمەستە، يەنى ئاپتونومىيەنى قوبۇل قىلغان ئەھۋالدا تۇرۇپ،ختتاي ئۇيغۇرلارغا قارشى قىرغىنچىلىقنى باشلىغان.
خەلقئاراغا چۇشەندۇرۇشكە كەلسەك، دۇنيا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرقى قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدى، ئىرقى قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلەر ھەر قانداق ۋاستە بىلەن ئۆزىنى قوغداشقا يوللۇق، بۇنىڭ ئىچىدە قوراللىق كۆرەشمۇ بار.بۇ پەقەت بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە كۇچىمىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى مۇمكىن،دۇنياغا چۇشەندۇرۇش–شۇ كۇچنىڭ نەتىجىسگە باغلىق.
ئىككىنچى: ئاپتور يەنە «مۇستەقىللىق ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەس »دىگەن.
بىر نامسز ئاپتور قايسى ئۇيغۇرلارغا قايسى سالاھىيەت بىلەن ۋەكىللىك قىلىدۇ؟
ئۇيغۇرلار چەتئەلدە بىر مىلىيون ياشايدۇ.
ئاپتور بۇ ھەقتە چەتئەلدە ھىچقانداق تەكشۇرۇش ئىلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ بۇ زاكونى ئىلمى ۋە توغرا بولۇشتىن يىراقلىقىنى ئۆزلۈكىدىن كۆرستىپ بەرسە، كەڭ ئۇيغۇر ئاممسنىڭ سوسيال مىديالاردىكى تېنىمىسز مۇستەقىللىق ئۇرۇنۇشلىرى–ئۇنىڭ ئەكسنى كۆرستىدۇ.ۋەتەندە كىم قاچان راي سناش ئىلىپ بارغان؟
يەنە بىرى ئاپتور،مۇستەقىللىق ھەققىدە ھەرىكەت قىلمايدىغان ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىللىققا قارشى دەپ قارشى خاتا.چۈنكى نۇرغۇن كىشلەر مۇستەقىللىقنى خالايدۇ ئەمما ئۈمىدى يتەرلىك ئەمەس،بۇ ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسنىڭ يوقلۇقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.
قوشۇمچە:
ئاپتور-«ئىلھام توختينى–مۇستەقىللىققا قارشى كۈچلۈك رەقىب »دەپ تەسۋىرلىگەن بولۇپ، بۇ ھىچقانداق ئەمەلى ئاساس ۋە لوگىكىلىق تايانچ قا ئىگە ئەمەس،ئىلھام توختى–ختتاي تېرىتورىيەسى ئىچىدە تۇرۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان بىر زىيالى،ئۇ ھەرگىزمۇ بىر سياسى پارتىيە ياكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئەمەس.ئۇ ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت «ئۇيغۇرلار ختتاي قانۇنلىرى بىېكىتكەن ھوقۇقلىرىغا ئېرىششكە ھەقلىق»دىگەننى تەشەببۇس قىلالايدۇ.ئەمما ختتاي ئۇ مۇستەقىللىق سۆزىنى ئاشكارا دىمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىپلىدى. ئاپتور–ئىلھام توختىنىڭ ۋەتەندىكى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ھەرىكەتلىرى ۋە ئاشكارا قىلغان كۆز–قاراشلىرىنى ئۇنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئەھۋالدىكى كۆز–قاراشلىرى بىلەن ئېلەشتۈرۋەتكەن.چۈنكى ۋەتەندە ئۆزىنى ئىپادە قىلالمىغان ھەر قانداق ئۇيغۇر چەتئەلگە چىققاندىن كېين ئۆزىنى ئەركىن ئىپادە قىلماقتا.
ئاخىرقى سۆز:
ماقالىدا ئاپتورنىڭ يەنە ۋەتەن نامى ۋە ئۇيغۇر مىللى كىملىكى ھەققىدە باشقا قاراشلىرىمۇ بار بولۇپ، ئەمما مۇستەقىللىق مەسلىسى–ۋەتەننىڭ نامى نىمە بولۇشدىن قەتئىينەزەر ،يادرولۇق مەنپەئەتكە چېتىلىدۇ. دەرۋەقە ئۇيغۇرلاردا ۋەتەن نامىنىڭ بىردەكلىكى ھەققىدە ئوخشمىغان قاراشلار بولسمۇ، ئەمما بۇ مۇستەقىللىققا قارشى سەۋەب بولالمايدۇ،ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى–ۋەتەننىڭ نامىدىن مۇھىم.