نەبىجان تۇرسۇن
ئۆز تارىخبنى بىلمىگەن مىللەتنىڭ كېلەچى غۇۋا بولىدۇ!
تارىخ تەرەققىيات ئەينىكى ! تارىخ ئۆتكەن ۋەقەلەرنىڭ قۇرۇق خاتىرىسى ئەمەس، بەلكى كېلەچەكنىڭ يول كۆرسەتكۈچى ماياكى ! تارىخ ئۆتمۈشنىڭ ئەپسانە -چۆچەكلىرى ئەمەس، بەلكى بېسىپ ئۆتۈلگەن قەھرىمانلىق مۇساپىلىرىنىڭ ھەقىقى ئۆچمەس ئىز تامغىلىرى ! تارىخ يىغا-زارى، نالە-پەرياد ۋە بىچارىلىك مۇڭى بىلەن تولغان ئاجىزلارنىڭ كۆز يېشى ئەمەس! بەلكى باتۇرلارنىڭ ئۆز رەقىپلىرىگە قارشى قەھرلىك ۋە ھەيۋەتلىك نەرە سادالىرىدۇر! تارىخ سەلتەنەتلەرنىڭ بۈگۈن ۋە كېلەچەككە ئاتا قىلغان روھى كۈچ-قۇۋۋىتى بولسا، ئۇنىڭدىكى تىراگېدىيەلەر ئەڭ كۈچلۈك دەرس خاتىرسىدۇر! تارىخ مەڭگۈلۈك سەلتەنەتلىك ئىپمرىيە ۋە ئەبەدىيلىك ئاجىزلىق ھەم مەھكۇملۇق بولمايدىغانلقىنىڭ زاكون تايىقى!
تارىخ ئەجدادلاردىن قالغان تەجرىبە-ساۋاقلار دەستۇرى! تارىخ تۈنۈگۈن بىلەن بۈگۈن، ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەكنى مۇستەھكەم باغلىغۇچى ئۈزۈلمەس ئارقان! ساداقەتمەنلىك، دوستلۇق، ئىناقلىق ۋە چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەتلىك تۇيغۇلارنىڭ مۇپەسسەل بايانى! ساتقۇنلۇق، رەھىمسىزلىك، ھەسەتخورلۇق ھەم ئۈمىدسىزلىكە بېرىلگەن ئەڭ شەپقەتسىز جازا! كۆپ ئەسىرلىك دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلار تارىخى ئەنە شۇنداق مول مەزمۇنلارغا مۇجەسسەملەشكەن!
ئەگەر سىز ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋە كېلەچكىڭىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز تارىخنى ئۆگىنىڭ! ئۆز تارىخبنى بىلمىگەن مىللەتنىڭ كېلەچى غۇۋا بولىدۇ!
مانا بۇ 80-90 يىل ئىلگىرىكى قەھرىمان شەرقي تۈركىستان جۇمھۇريىتى جەڭچى -ئوفىتسېتلىرىگە قاراڭ! مانا بۇ تارىخ، مانا بۇ ئۇيغۇرنىڭ تارىخى! بۇ ھەم تارىخنىڭ كېلەچەكتە تەكرارلىنىدىغانلىقنىڭ گۇۋاھسى !
تارىختىكى بۇ جەڭگىۋار ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرىگە قاراپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايلىرىغا قاراپ ئۇلارنى دائىم سېلىشتۇرىمەن. بۇگۇنكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھى دۇنياسىدىن تارتىپ چىراي قۇرۇلمىسىغىچە ئۆتمۈشتىكىلەردىن غايەت زور پەرقلىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئەشۇ مويۇنچۇر، سۇلتاق سۇتۇق، سادىر پالۋان، غەنى باتۇرلار روھى تۈگەپ پەقەت جاھالەتنىڭ يالدامىسى بولغان غەيۋەت-شىكايەت ، پىتنە-پاسات، ئىتتىپاقسىزلىق، ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك، يىغا-زارىگە خۇشتار بولۇپ قېلىشتەك خۇلۇقلار غالىپ چىققاندەك تۇرىدۇ. جەڭگىۋارلىق تۈگىگەن روھتا غالىپلىق ئىشەنچىسى قالمايدۇ !پەقەت بىزگە ئەشۇ شانلىق ۋە جەڭگىۋار تارىخىمىزلا كۈچ-قۇۋۋەت ھەم ئىشەنچ ئاتا قىلغۇچىدۇر! شۇڭا بۇ شانلىق روھى مەنبەيىمىز بولغان شانلىق تارىخىمىز دائىم ئۆچۈرۈلۈشكە ۋە يوقىتىلىش خىرىسىغا دۇچ كېلىدۇ.دېمەك، ئۆز تارىخىغا ئىگە چىقمىغان ، ئۇنى قوغدىمىغان ۋە ئۇنىڭدىن پەخرلىنىش تۇيغۇسى قالمىغان مىللەتنىڭ يېڭى جەڭگىۋارلىق ۋە شانلىق تارىخى يېزىلمايدۇ! پەقەت مەھكۇملۇق تامغىسى دۈمبىسىگە بېسىلىۋېرىدۇ.