بۇ ھەپتە كەسكىنلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى

بۇ ھەپتە كەسكىنلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى

 بۇ ھەپتە كەسكىنلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى

13-ئىيۇن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىڭ: «خەلقئارالىق دېڭىز ئىشلىرى قانۇنىدا ھېچقانداق بىر «خەلقئارالىق سۇ تېررىتورىيەسى» دېگەن ئاتالغۇ مەۋجۇت ئەمەس، بەزى دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنى خەلقئارالىق سۇ تېررىتورىيەسى دەپ ئاتىشى، يوقنى بار قىلىپ تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلاشقانلىق، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىقتۇر!»

14-ئىيۇن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى باياناتچىسى نېد پرەس رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن يازمىچە باياناتىدا مۇنداق دېگەن: « تەيۋەن بوغۇزى بولسا خەلقئارالىق سۇ قاتناش يولى، دېمەك تەيۋەن بوغۇزى خەلقئارالىق قانۇن پرىنسىپلارنىڭ قوغداش دائىرىسى ئىچىدىكى ھاۋا ياكى سۇ قاتناش ئەركىنلىكىگە ئىگە رايوندۇر.ئامېرىكا داۋاملىق تۈردە خەلقئارالىق قانۇن پرىنسىپلارغا بويسۇنغان ئاساستا تەيۋەن بوغۇزىدىكى سۇ ياكى ھاۋا لىنىيەسىدە ھەرىكەت قىلىشىنى ساقلاپ قالىدۇ»

15-ئىيۇن تەيۋەن باش مىنىستىرى سۇ جېنچاڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن:« تەيۋەن بوغۇزى ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ ئىچكى دېڭىزى ئەمەس، خىتاينىڭ تەيۋەننى يۇتۇۋېلىش غەرىزى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. تەيۋەن بوغۇزى خەلقئارادىكى ئەركىن يۈرۈش لىنىيەسىگە تەۋە دېڭىز رايونىدۇر.»  

مەنبە: رېيتېر ئاگېنتلىقى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 50. قېتىملىق كېڭىشى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە قىزغىن تالاش تارتىشتا ئۆتتى

چا ئىيۇن 15 , 2022
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومتىتىنىڭ 50. قېتىملىق يىغىنى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابىدا ئېچىلدى

You May Like